* چوقۇم ئۈنۈمى ياخشى بىر خىل مۇلازىمەت بىلەن مەشغۇل بولۇڭ ياكى ئەسلى مەھسۇلات ئىشلەڭ. ئەگەر سىز يېزىقچىلىق، رەسىم سىزىش ۋە مۇزىكا ئىشلەش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز بۇ ساھەدە مىليونېرغا ئايلىنىش پۇرسىتى ئانچە چوڭ بولمايدۇ؛ ئەگەر سىز تىجارەت ياكى باسمىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز؛ ئۆي - يەر - مۈلۈك كەسپى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللانسىڭىز، مىليونېرغا ئايلىنىش پۇرسىتى چوڭ بولىدۇ.
* مەيلى سىز ئارتىس بولۇڭ ياكى سودىگەر بولۇڭ، چوقۇم خېرىدار ياكى تاماشىبىنلىرىڭىزنى كۆپەيتىڭ. ئۇششاق - چۈششەك قەھۋەخانىلاردا ناخشا ئېيتىدىغانلارنىڭ تاپىدىغان پۇلى چوڭ - چوڭ ناخشا پىلاستىنكىسى شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېيتىدىغان ئارتىسلارنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن، يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ پۇل تاپمىقى مەملىكەت خاراكتېرلىك سودىگەرلەرگە قارىغاندا بەكلا تەس، تاپىدىغان پۇلىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
* ئالدى بىلەن بىر خىل ئېھتىياجنى تېپىڭ، ئاندىن ئۇنى قاندۇرۇڭ. جەمئىيەت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئېھتىياجنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ھەمدە بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالىغان، ھازىر مەۋجۇت بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ياخشىلىغان ئادەم چوقۇم ئەڭ ئالدىدا پۇل تېپىپ باي بولىدىغان ئادەمدۇر.
* ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىن قورۇقماڭ. يېڭىچە ئۇسۇل ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى قوللىنىش ۋە ياساشقا جۈرئەت قىلغان ئادەم چوقۇم يېڭى بايلىقنى كۆپەيتەلەيدۇ.
* ئەگەر كەسپىي تەربىيىنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز ياكى پەۋقۇلئاددە تالانتىڭىز بولسا، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. قولىڭىزدىن مەززىلىك قورۇمىلار چىقىدىغان تۇرۇپ، ياغاچچىلىق قىلسىڭىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاماقەتلىك بولىدۇ.
* ھەرگىز بىراقلا پۇل تېپىپ كېتىشنى خام - خىيال قىلىپ يۈرمەڭ. بەلكى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ياخشىلاشنىڭ چارىسىنى ئىزدەڭ. دائىم ئۆزىڭىزگە: مەن ئۆز ئىشلىرىمنى قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشلىيالايمەن؟ دېگەن سۇئالنى قويۇڭ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى قانچىلىك راۋانلاشتۇرالىسىڭىز، بايلىقىڭىز شۇنچىلىك ئېشىپ بارىدۇ. www.iz.la
* ئاقمايدىغان قاراشلار ئۈستىدە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ تازا ئاقمايۋاتقانلىقىنى بىلىپلا قالسىڭىز، ئۇنىڭدىن دەرھال ۋاز كېچىڭ.
* ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە نورمال پىسخىك ھالىتىڭىزنى ئوبدان ساقلاڭ. بولمىسا قولىڭىزدا نۇرغۇن پۇل - مېلىڭىز بولغان تەغدىردىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ
ھاياتتىكى پۇل تاپىدىغان ئۈچ باسقۇچ
پۇل تېپىشنىڭ تۈپ پرىنسىپ ۋە تۈپ ئۇسۇلىنى مۇنداق «بىر مەركەز، ئۈچ تۈپ نۇقتا»غا يىغقىلى بولىدۇ: پۇلنىڭ باشقۇرۇشىنى مەركەز قىلىپ «پۇل تېپىشنى پەللە، پۇل تېجەشنى مۇھىم نۇقتا، پۇلنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش». كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۈچ مۇھىم باسقۇچىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى مۇنداق بۆلۈشكە بولىدۇ: ياشلىق دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- پۇل تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سېلىشنى سىناپ بېقىش؛ ئوتتۇرا ياش دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- داۋاملىق پۇل تېپىش، زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىش؛ ياشانغان دەۋرىدىكى پۇل تېپىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- پۇلنى ئوبدان ساقلاپ، ئاز-ئازدىن مەبلەغ سېلىش. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ياشلىق دەۋر (18 ياشتىن 35 ياشقىچە)
ياشلىق دەۋر ئەمدىلا مۇستەقىللىق مۇساپىسىنى باشلاپ خىزمەت ئورنىغا چىققاننىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغاچقا، كىرىم ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە تازا مۇقىم بولمايدۇ، ئەمما تۇرمۇشتا پۇل خەجلەيدىغان يەرلەر بەك كۆپ يەنى مۇھەببەت باغلاشقا، توي قىلىشقا، بالىلىق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر ئۆي سېتىۋالمىسا، ئاپتوموبىللىق بولمىسا تېخى بولمايدۇ. شۇنچىلىك ئاز كىرىمگە سېلىشتۇرساقلا، ياشلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. ياشلىق دەۋرىدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىش «سۇ ئامبىرىنى رېمونت قىلىش»، ئۇنىڭ نەتىجىسى«سۇ ئامبرىدا ئازدۇر-كۆپتۇر سۇ بولۇش» بولۇشى كېرەك. شۇڭا پۇل تېپىش ياشلىق مەزگىلىڭىزنىڭ پۇل تېپىش پىلانىدا مۇھىم نۇقتا بولمىسا بولمايدۇ، بىراق ياشلاردا خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولمايدۇ، شۇڭا «سۇ ئامبىرىڭىزدىكى سۇ»دىن ئازراق ئېلىپ، مەبلەغ سېلىشنى سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: پاي چەك ياكى فوند سېتىۋېلىڭ، شۇندىلا ئوتتۇرا ياش باسقۇچىغا قەدەم قويغان چېغىڭىزدا لازىم بولىدىغان تەجىربىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز، بۇ ئەلۋەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەبلەغ سېلىشىڭىزغا ئاساس بولۇپ بېرىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئوتتۇرا ياش دەۋر (35 ياشتىن 55 ياشقىچە)
ئادەم ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە يەتكەندە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا باشلايدۇ، كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا پىششىپ يېتىلىش يولىغا كىرىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، كىرىممۇ تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ، گەرچە كۈندىلىك چىقىم ئېشىپ بارسىمۇ، ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما پۇل تېپىش يولى كۆپەيگەچكە، كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ياشلىق دەۋرىدىكىدىن خېلىلا تېز بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا پىلانلىق چىقىم قىلىش يولىدىن ۋاز كەچمەي، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك پۇل تېپىشقا تىرىشىش كېرەك، شۇندىلا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىشقا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ. كىرىم بىر قەدەر مۇقىم، مالىيە ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشكە تىرىشماي بولمايدۇ. مەسىلەن: پاي چەك سېتىۋېلىش، كۆچمە مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، باشتا تىلغا ئېلىنغان «سۇ ئامبىرى»غا قۇيۇلىدىغان سۇ مەنبەسىنى ئۇلغايتىش لازىم. شۇندىلا «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېزلا يېتىپ كىلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىغا مالىيە جەھەتتىن پۇختا تەييارلانغىلى بولىدۇ.
ياشانغان مەزگىل (55 ياشتىن كېيىن)
ياشانغان مەزگىل كىشىلىك ھاياتنىڭ بەھۇزۇر بەھرلىنىدىغان باسقۇچى، بۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە «سۇ ئامبىرى»دىكى سۇنىڭ ئازلاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. بۇ ياشقا كەلگەندە پاي بازىرىدا لاغايلاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، كۆچمە مۈلۈك ۋە فوندلارغا مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشمۇ ھاجەتسىز، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، «سۇ ئامبىرى»مىزدىكى سۇنى ساقلاشقا كۈچەش ئەڭ مۇھىم. دېمەك ياشانغانلارنىڭ پاي چەك بىلەن فوندقا مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلمىغان ياخشى. جەمئىيەتتە پاي چەك بىلەن فوندقا مەبلەغ دېگەننى ئايىماي سېلىۋاتقان بوۋاي، مومايلار ئاز ئەمەس، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ارىشىچە، بۇنداق قىلىش ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ۋە ياشانغان چېغىدىكى بەختنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پايدىسىز ئىكەن. ئەمما ئاز-تول مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئكزىڭىز خالىسىڭىزلا، پاي چەك بىلەن فوندقا مۇۋاپىق سوممىدا مەبلەغ سېلىپ تۇرۇڭ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەبلەغ سېلىش مىقدارىنى ئازايتىڭ، بولسا پاي ۋە فوندقا سالغان مەبلىغىڭىزنى «سۇ ئامبىرى»ڭىزغا تولۇق چېكىندۈرۈڭ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پۇل تېپىش قارىشىدىكى خاتالىقتىن قۇتۇلۇش
پۇل تېپىش كېرەكمۇ-يوق ۋە قانداق پۇل تېپىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىدە مۇنداق بىر خاتالىقتىن ئامال بار ساقلىنىڭ: پۇل تېپىش پۇلى بار ئادەمنىڭ ئىشى، پۇل بولمىسا پۇل تاپىمەن، دەپ جاپا تارتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا، مەيلى پۇلى بار ئادەم بولسۇن ياكى پۇلى يوق بولۇپ قېلىشتىكى تۈپ سەۋەب دەل ئاشۇ پۇل تېپىشنىڭ يولىنى قىلمىغانلىقتا بولسا كېرەك. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز، ئېھتىمال ناھايىتى تېزلا پۇلى يوق ئادەمدىن پۇلى بار ئادەمگە ئايلىنىشىڭىز مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق ئادەم پۇلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرمەي، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى قىلىشى كېرەك. بىزگە ئەجدادلار «ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس!» دەپ ھېكمەت قالدۇرغان، ۇبنىڭ مەنىسى بەلكىم باشقىلاردىن قېلىشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەختلىك كەلگۈسىنى يارات! دېگەنلىك بولسا كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
<<پۇل تېپىشنىڭ 10 قائىدىسى>> ھەققىدە؛ ~;oXLCL0})
رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:
بىرىنچى، جەلپ قىلىش كۈچىگە قەتئىي ئىشىنىش قائىدىسى. بۇ قائىدە بىزگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە باي بولۇش ئىدىيىسىنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەرگە مۇشۇ ئىككى خىل نەرسىنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئىككىنچى، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىدىكى سىز. بۇمۇ جەلپ قىلىش كۈچى قائىدىسىنىڭ ئاساسى. يادىڭىزدا بولسۇن، پەقەت سىزلا ئۆزىڭىزنىڭ بىردىنبىر خوجايىنى.
ئۈچىنچى، تۇرمۇش خەير - ساخاۋەتكە جابدۇنغان بايۋەتچى ئەمەس. تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىڭىز قولىڭىزدىن ﻫەرگىز ئايرىلمايدۇ، سىز تۇرمۇشنى تەسەۋۇرىڭىزدىكىدىن نەچچە ﻫەسسە زور كۈچ بىلەن كونترول قىلش ئىقتىدارىغا ئىگە.
تۆتىنچى، ناچار روﻫى ﻫالەتنى كونترول قىلىش. مەسىلەن: غەزەپلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە گۇناﻫكارلىق تۇيغۇسى. بۇلارنىڭ ﻫەممىسى ۋۇجۇدىڭىزدىكى كۈچنى غاجىلاپ تۈگىتىدۇ. كەيپىياتىڭىز قانچە ياخشى بولسا، كۈچ - قۇدرىتىڭىز ﻫەسسىلەپ ئاشىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەشىنچى، تەسەۋۇرىڭىز رېئاللىققا ئايلانغان چاغدا، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار تىلەك تۇيقۇسى پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ بايلىق يارىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانى.
ئالتىنچى، تۇرمۇشنى ياراتقۇچى پەقەتلا ئۆزىڭىز، تىلەك ﻫەممىگە ﻫۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئەمما ئەڭ مۇﻫىم ﻫالقا شۇكى، ئالدى بىلەن زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى بولىۋاتقىنىڭىزنى ئېنىق بېلىڭ، بولمىسا نىشانسىز تىرىشچانلىق، قالايمىقانچىلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
يەتتىنچى، بىۋاستە تۇيغۇغا ئىشىنىڭ. بىۋاستە تۇيغۇ سىزنى نۆلدىن باشلاشقا يېتەكلەيدۇ، ئۆزىڭىز بېكىتكەن پىرىنسىپ ئالدىدا ﻫەرگىزمۇ تەمتىرەپ يۈرمەڭ. www.iz.la
سەككىزىنچى، نېمىنى ئويلىغىڭىز كەلسە شۇنى ئويلاڭ. ئەگەر چوڭ مېڭىڭىزدە بىرەر تەسەۋۇر بارلىققا كەلسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئىدىيە ۋە سەزگۈرمۇ دەرﻫال شەكىللىنىدۇ.
توققۇزىنچى، چوڭ مېڭىڭىزدىن ﻫەممىنى ئىزدەڭ. بىلىم، بايقاش ۋە كەشپىياتنىڭ ﻫەممىسى چوڭ مېڭىگە مۇجەسسەملەنگەن، ئۇلار پەقەت ئىشلىتىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
ئونىنچى، بەختلىك بولۇشۇقا تىرىشىڭ. بەخت بايلىققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ يېقىن يولى.
بىز يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن پۇل تېپىش سىرى ۋە پۇل تېپىشنىڭ قائىدىلىرى سىزگە ۋە بىزگە دەل كىلىشى ناتايىن، بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى پۇل تېپىشمۇ يولىدا بولغىنى، ئۇسۇلىڭىز توغرا بولغىنى ياخشى، ﻫەدديىدىن ئارتۇق پۇل تېپىشنى ئويلاش، پۇلغا بىرىلىش كىشىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قېلىشى مۈمكىن، ﻫېچ بولمىغاندا قۇرۇق خىيال سىزنى رىياللىقتىن چەتنىتىۋېتىشى، ئاخىرىدا ﻫېچنىمىگە ئېرىشەلمەسلىكىڭىزمۇ ئېﻬتىمالدىن يىراق ئەمەس - ئەلۋەتتە.
مەنبە؛ ھەمراز تورى