بۇ يىل 2-ئايدا ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2011-يىلى 1-ئايلىق يەر شارى ئاشلىق باھاسى كۆرسەتكۈچى 231 بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان يەنە بىر قېتىم تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. خەلقئارادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مۇنداق بەش جەھەتتە دەپ قارىدى:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن ناچار ھاۋارايى ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئازايتىۋېتىپ، يەر شارىدا ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتتى. 2010-يىلى يازدىن باشلاپ، ئېغىرلاشقان قۇرغاقچىلىق ۋە ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنادا بوغداي مەھسۇلاتى ئازىيىپ كەتتى، ھىندىستان بىلەن پاكىستاندا كەلكۈن، سۇ ئاپىتى سەۋەبلىك دانلىق زىرائەتلەر مەھسۇلاتى زور مىقداردا ئازىيىپ كەتتى. 2011-يىلى كىرگەندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاۋسرالىيەدە مىسلى كۆرۈلمىگەن قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، نۇرغۇن يەرلەرنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەلىكتىن بوغداي مەھسۇلاتى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى؛ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلار ۋە ئارگېنتىنادىكى قۇرغاقچىلىق كەلگۈسىدە دانلىق زىرائەتلەر ۋە كۆممە قوناق مەھسۇلاتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ 2-ئايدىكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2010-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە يەر شارى دانلىق زىرائەتلەر مەھسۇلاتى 2 مىليارد 216 مىليون توننىغا يېتىپ، 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن %2 ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
2.بەزى دۆلەتلەر ئاشلىق ئېكسپورتىغا چەك قويغانلىقتىن ئاشلىق باھاسى ئۆسۈپ كەتتى. ئۆتكەن يىلى يازدا، رۇسىيەدە ئاشلىق مەھسۇلاتى ئازىيىپ كەتكەندىن كېيىن، دەرھال بوغداي ئېكسپورتىنى مەنئى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن يەر شارىدا بوغداي باھاسى %68 ئۆسۈپ كەتتى. بۇ يىل 1-ئايدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت ھىندىستان كۆپ قىسىم ئاشلىق ئېكسپورتىغا چەك قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاشلىق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ ئاشلىق ئېكسپورتىغا چەك قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ دۇنيانىڭ ئاشلىق باھاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.
3.يەر شارىدا ئاشلىق ئىستېمالى مىقدارى تېز ئاشماقتا. نوپۇسنىڭ تېز ئېشىشى ئاشلىق ئىستېمالىنىڭ تېز ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب . 1999-يىلى دۇنيا نوپۇسى ئالتە مىلياردقا يەتكەندىن كېيىن، يەر شارىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 80 مىليون كىشى كۆپەيدى، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدا نوپۇس 7 مىلياردقا يېتىدۇ. نوپۇسنىڭ ئېشىشىدىن باشقا يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاشلىق ئېھتىياجىمۇ ئاشماقتا. ئۇندىن باشقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېقىلغۇسىغىمۇ نۇرغۇن ئاشلىق سەرپ قىلىنىدۇ. ئالايلۇق: ئامېرىكىدا 2009-يىلى 416 مىليون توننا دانلىق زىرائەت يىغىۋېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 119 مىليون توننا ئاشلىقنى ئېتىل ئالكوگول دىستىلەش زاۋۇتى يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتتى، بۇ دانلىق زىرائەتلەر ئارقىلىق 350 مىليون ئادەمنى بىر يىل باققىلى بولىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، دۇنيادا ئاشلىق ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى 1990-يىلىدىن 2005- يىلىغىچە، يىلىغا 21 مىليون توننىدىن 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە يىلىغا 41 مىليون توننىغا ئېشىپ، بىر قاتلانغان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4.رايون مۇئەللىمانچىلىقى ئاشلىق باھاسىنى تېز ئۆستۈرۈۋەتتى. خەۋەردە مۇنداق دەپ قارالدى: يۇقىرى ئاشلىق باھاسى- مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋالغۇش پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەمما بەزى دۆلەتلەر ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، كەينى كەينىدىن ئاشلىق ئىسكىلاتىنى ئېچىۋەتتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە تېخىمۇ نۇرغۇن ئاشلىق ھايانكەشلىك قىلمىشلىرى كېلىپ چىقىپ، ئاشلىق باھاسى تېزدىن ئۆسۈپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتتىكى مالىمانچىلىقتىنكىشىلەر قورقۇپ كېتىپ، ئاشلىقنى تالىشىپ سېتىۋېلىپ، ئاشلىق باھاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈۋەتتى. مىسىرنى مىسال قىلساق: مىسىردا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىدىكى ئائىلىلەر كىرىمىنىڭ %46گە يېمەكلىك سېتىۋالىدۇ، مىسىردا مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى ھەپتە ئىچىدە مىسىردا ئاشلىق باھاسى %15 ئۆستى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
5.ئاشلىق بازىرىدىكى كاپىتال ھايانكەشلىك قىلمىشلىرى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2010-يىلى يازدا بوغداي باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ كاپىتال ھايانكەشلىكى بولدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەمەلدارىمۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھايانكەشلەر ئاشلىق باھاسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغۇچىلار. ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دىئوف يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ كەينىدىكى ھايانكەشلىك قىلمىشلىرىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىز تورى www.iz.la
دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىنىڭ ئېغىر تەسىرىدە، يەنە بىر قېتىم ئاشلىق كرىزىسى كېلىپ چىقىشى، يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقتا قالىدىغان نوپۇس تېزدىن كۆپىيىشى مۇمكىن. باھا ئۆسۈشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلار نامرات دۆلەتلەردىكى نوپۇس، بۇ دۆلەتلەردە ئوتتۇرا كىرىملىك ئائىلىلەر ئۈچتىن ئىككى قىسىم كىرىمىگە يېمەكلىك سېتىۋالىدۇ؛ ھازىر 80 نەچچە دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۆۋەن كىرىملىك، ئاشلىق كەمچىل دۆلەت دەپ بېكىتىلدى. دۇنيا بانكىسى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2010-يىلى 10-ئايدىن 2011-يىلى 1-ئايغىچە، يەر شارىدا يېمەكلىك باھاسى %15ئۆستى، نامرات نوپۇستىن 44 مىليونى كۆپەيدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى زوللىك 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر قېتىملىق يىغىندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيادىكى ئاشلىق مەسىلىسىنى 2011-يىلى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئالدىنقى ئورۇندىكى مەسىلە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاشلىق باھاسىدىكى ئۆزگىرىشتىن ھوشيار بولىشىمىز كېرەك، بىز خەتەرگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى