1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، داڭلىق رەسسام ۋانگونىڭ «ئاپتاپپەرەس» ناملىق ئەسىرى 22 مىليون 500 مىڭ فوندسىتېرلىڭغا ياپونىيەدىكى بىر سۇغۇرتا شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياپونىيەگە ئەكىلىپ كۆرگەزمە قىلغان. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېيتنامدىكى مېيلەي كەنتىدىكى زور قىرغىنچىلىقىدىكى قاتىللارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. بۇ كۈنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ئاخىرلىشىپ، لېيتنانت ۋېللىيامنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشى مېيلەي كەنتىدىكى زور قىرغىنچىلىقتىكى رولىغا قارىتا ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جازاسى بەرگەن. ئۇ ئاز دېگەندە 20 ئاددىي پۇقرانى ئۆلتۈرگەن.
1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پۇل قەرز ئېلىش كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامانەت قەرزى بېرىپ تۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە قايتۇرسا بولىدۇ. جۇڭگو پۇل تۈزۈمى، بانكا تۈزۈمىنى كۈچەيتىدۇ، سانائەت زۆرۈر بۇيۇملىرى ۋە تەقسىملىنىشىنى كۈچەيتىدۇ.جۇڭگو خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ.
1889-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى پۈتكەن. فرانسىيەگە بارغان ساياھەتچىلەر ئەلۋەتتە تۇنجى بولۇپ، پارىژدىكى ئېففىل تۆمۈر مۇنارىغا چىقماي قويمايدىكەن، بۇنىڭدىنلا ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ پارىژنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل فرانسىيە دۆلىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئېففىل تۆمۈر مۇنارى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى تۇنجى پولاتتىن ياسالغان مۇنار. بۇنى فرانسىيەلىك داڭلىق ئارخېتىكتور ستاف ئېففىر لايىھىلىگەن. 1887-يىلىدىن 1889-يىلىغىچە ياساپ پۈتتۈرۈلگەن. ئېگىزلىكى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېغىرلىقى 9000 توننا، ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. 1-قەۋىتى 57 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، دۇكان ۋە رېستۇران بار، 2-قەۋەت 115 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، قەھۋەخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 3-قەۋەت 276 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە تۇرۇپ يىراقلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. مۇنارنىڭ چوققىسىغا مېڭىپ ياكى لېفىت بىلەن چىقسىڭىز بولىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم، مۇنار ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك تارىيىپ ماڭغان. ئاستى قىسمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىر. ياندىن قارىغاندا، ئېنگلىز تىلىدىكى تەتۈرYھەرپىگە ئوخشايدۇ. مۇنارنىڭ كېچە مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل، ھەرخىل چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغان مۇنار تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. مۇنارنىڭ قېشىغا قويۇلغان ئاق مەرمەر تاشقا سىتاف ئېففىرنىڭ ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكىلى ئورنىتىلغان.