بۈگۈن دۇنيا سۇ كۈنى. 47-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 193-نومۇرلۇق قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن: نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە سۇ كەمچىل بولدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يىغىن 1993-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلنىڭ 22-مارتىنى «دۇنيا سۇ كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ AVON شىركىتى جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان شاخلىتىپ سېتىش دۇكىنىنى قۇردى. بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇرۇلغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان شاخلىتىپ سېتىش دۇكىنى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز نامبىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تۈزگەن. نامبىيە ئافرىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكە دۆلەت بولۇپ، 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇستەقىل بولۇشى - 1915-يىلىدىن باشلاپ مۇستەملىكە بولغانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. نامبىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 160 ئەزاسى بولۇپ قالدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ساھىلىدە ئېغى نېفىتتىن بۇلغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ ماي پاراخوتى قىيا تاشقا ئۇرۇلۇپ تېشىلىپ كەتكەنلىكتىن، كۆپ مىقداردا نېفىت ئېقىپ كەتكەن، 100 ئېنگلىز مىلىلىق دېڭىز رايونى بۇلغانغان، دېڭىز ھايۋاناتلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. مىسىر، ئىراق، ئىئوردانىيە، لىۋان، سەئۇدىي ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن