كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىغان ھەربىي ھەرىك...

ۋاقتى:2011-03-22 11:31مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 19-مارت لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىشىغا ئەگىشىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتى تېزلا نورمالسىزلاشتى. تۇيۇقسىز قوزغالغان بۇ ھەربىي ھەرىكەت لىۋىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى، ۋاسىتىسى ۋە ئاقىۋىتى قوشنا دۆلەتلەرنى تەشۋىشكە سالدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 17-مارت ماقۇللىغان 1973-نومۇرلۇق قارار سەۋەب بولدى، بۇ قاراردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى مەقسەت قىلىنىپ، لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون قاتارلىقلار ھەربىي ھەرىكەتنىڭ «قانۇنلۇقلىقى، زۆرۈرلۈكى ۋە توغرىلىقى» نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت گۇمان بىلەن قارىدى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى مۇسا 20-مارت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي زەربە بېرىشى «لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش ھەرىكەت دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتتى»، دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوساچېف: «ھەربىي ھەرىكەت چەكتىن سەل ئېشىپ كەتتى، بۇ ب د ت قارارىنىڭ روھىغا خىلاپ» دەپ قارىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جون بونامۇ ئوبامادىن ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. لىۋىيە ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشقا بىر ئاي بولدى، لىۋىيە رايون، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادتا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقاچقا، بىردىنلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. شۇڭا، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدىكى قاراشلار ھەر خىل بولدى. «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى تور پونكىتى 18-مارت ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيەنىڭ نېفىت زاپىسى 46 مىليارد تۇڭ بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ نېفىت مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لىۋىيەنىڭ خەلقئارا جۇغراپىيەلىك سىياسىيدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، كازافى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمىگەچكە، بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى ھازىرقى ئالاھىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قورال كۈچى ئارقىلىق «كۆزگە قادالغان مىخ»نى تەلتۆكۈس يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر، لىۋىيە ۋەزىيىتى تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىماقتا: لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قارىتىلغان ھۇجۇم ۋەزىيەتنىڭ تېزدىن مۇقىملىشىشىغا پايدىلىقمۇ-پايدىسىزمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا جەمئىيەت لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ رايون ۋەزىيىتى خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا قانداق چوڭ خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ؟ زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىش كېرەك ئىدى، ئۇرۇش زوراۋانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەزىيەتنى تېزدىن مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت، ئاپەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى 1970-نومۇرلۇق قارارىدىمۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تىنچ ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىنغان. 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


     
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...

  • ئـەگـەر مـەن قـايـتا تـۇغـۇلسام ...

    مۆشۈك: ئەگەر مەن قايتا تۇغۇلسام چاشقان بولاتتىم ،چۈنكى مەن بىر قېتىم خوجايىننىڭ بىر تال بېلىقىنى ئوغۇرلاپ يەپ قويغىنىمغا ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى ،چاشقان بولسا قاچاندا بولسا ئاشخانىدا ئىشكاپلارنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ نىمە خالىسا شۇنى يەپ يۈرەلەيدۇ.دەپتۇ...