قىزىل رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر:
قىزغىن،ئەمما ئاچچىقى يامان بولىدىكەن.
كۆك رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر:
جىمجىتلىقنى ۋە يالغۇزلۇقنى خالايدىكەن،
يىشىل رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر:
ئېھتىياتچان،سالماق،پەزىلەتلىك بۇلۇپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر:
سەپىرا مىجەز كىلىدىكەن.
سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر:
ئۇچۇق -يورۇق بولىدىكەن. ئەمما بالا مىجەز كىلىدىكەن.
چېچىغا ئاياللاردەك كۈيۈنىدىغان ئەرلەر؛
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولىدىكەن،باشقىلارنىڭ رايىغا باقمايدىكەن.
تاقىر باش ئەرلەر:
ئۆزىگە ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمەيدىكەن،ئەمما باشقىلارنى كۆپ ئويلايدىكەن.
گۆش بىلەن بەرەڭگىگە ئامراق ئەرلەر ئىشەنچىلىك بولىدىكەن،ئۇلار تەۋەككۈلچىلىكنى خالىمايدىكەن.
گۆشسىز تاماققا ئامراق ئەرلەر:
مۇلايىم،سەزگۈر ھەم ئەستايىدىل بولىدىكەن.
مېۋىگە ئامراق ئەرلەر:
باشقىلارنى خوش قىلىشقا ماھىر ئىكەن.
ھاراققا ئامراق ئەرلەر:
قۇسۇرچى بۇلۇپ،باشقىلارنى خوش قىلالمايدىكەن ھەم خۇتۇنىغا قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن.
پاكىز يۈرۈيدىغان ئەرلەر:
غۇرۇرلۇق،ئىش بىجىرىشتە پىرىنسىپچى بولىدىكەن،بۇنداق ئەرلەر ئانىسىنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايدىكەن.
ئىز تورى www.iz.la
جانبازلىق كىنولىرىنى كۆرۈشكە ئامراق ئەرلەر:
بىسىمغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بۇلۇپ،ئاچچىقىنى باشقىلاردىن چىقارمايدىكەن.بىراق مۇھىمراق ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.
كىتاپ كۆرۈشكە،ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق ئەرلەر:
ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان،ھەم ھەر ئىشنى ئۆز يولىدا تەرتىپ بويىچە قىلىدىكەن. شۇنداقلا سالاپىتىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
مەنبە؛شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى