گۈزەل سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان كاتتا ھەيكەلتىراش لۇدەن ئۈچ قېتىم سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن ئىكەن. نۇرغۇن كىشىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، بىراق كېيىن ئۇلار زور نەتىجە ياراتقان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ياخشى ئوقۇپ، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا زادى نېمىگە تايىنىلىدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب كۆپ. ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋابمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن جەزمەن يۇقىرى نومۇر ئېلىش شەرت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بالىلار تۇغۇلۇشىدىلا بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، مەسىلەن: ئۇلار ئىچ مىجەزلىك ۋە تاش مىجەزلىك بولۇش جەھەتتە پەرقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى، تالانتى ئوخشىمايدۇ. ئىختىساسلىقلار ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساس ئىگىسى، ئەمەلىي مەشغۇلاتچان ئىختىساس ئىگىسى، ئالاھىدە ئىختىساس ئىگىسى (سەنئەت، تەنتەربىيەدە) دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى يىتەكلەش جەريانىدا، ئەڭ مۇھىمى، بالىنىڭ تەبىئىتىگە قاراش كېرەك، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بالا روھىي جەھەتتە ساغلام بولۇپ، تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتسا، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشى بولسا، قىسقا بۇ ھاياتتا خوشال ئۆتەلىسە، كەسىپتە زور ئۇتۇق قازىنالمىسىمۇ، تۇرمۇشتىن خوشاللىق تاپالىسا، ئاقكۆڭۈل بولسا، جەمئىيەتكە، باشقىلارغا، ئائىلىسىگە مەسئۇل بولسا، مېنىڭچە، بۇنداق ئادەمنى ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى، دېيىشكە بولىدۇ! ئىز تورى بەك ياخشى