كۆيدۈرۋىتىلگەن ساختا پۇل www.iz.la
ئۇ، قولىدىكى 20 يۈەنلىك ساختا پۇلغا قاراپ، قايسى دۇكاندىن مال سىتىۋالغاندا قايتۇرۇلغان پارچە پۇللار ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالالماي، كۆيدۈرۈۋەتمەكچىمۇ بولدى. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئۇ ناھايىتى 20 يۈەنغۇ؟! بىراق ئۇ يەنە ئويلاپ قالدى: <نىمىشقا كۆيدۈرۈۋەتكۈدەكمەن؟ باشقىلار خەجلىسە بولىدىكەنۇ، مەن خەجلىسەم بولمامدىكەن؟> شۇنداق قىلىپ بۇ پۇلنى نەچچە قىتىم خەجلىۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، چېنىپ قالدى. ئاخىر ساختا پۇلنى بىر ئاماللارنى قىلىپ بالدۇرراق خەجلىۋەتكۈسى كېپكەتتى ۋە كەچلىك بازاردا خەجلىمەكچى بولدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىر كۈنى كېچىدە ئۇ تار رەستىدىكى باس- باس بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر قاچا چۆچۈرە بۇيرۇتتى. ئەمما چۆچۈرە بەك قىزىقمۇ ياكى ھودۇقۇپ كەتكەچكىمۇ، چىلىق- چىلىق تەرلەپ كەتتى. ئۇ، چاپىنىنى سېلىپ ئورۇندۇققا ئارتىپ قويدى. بىر قاچا چۆچۈرىنى ھاپىلا- شاپىلا ئىچىۋەتكەندىن كىيىن، ئىشتىننىڭ يانچۇقىدىن ھىلىقى 20 يۈەنلىك ساختا پۇلنى چىقىرىپ خوجايىنغا تەڭلىدى:
- ئىشىم بەك ئالدىراشتى، ئاشقىننى تىزراق قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، ئاچا. copyright by www.iz.la
50 ياشلاردىن ھالقىغان ئايال خوجايىن قولىنى پەشتامىسىغا ئالمان- تالمان سۈرتتى- دە، ھىلىقى 20 يۈەننى ئىلىپ، پۇلنىڭ ئالدى- ئارقىسىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئاشقىننى دەرھال قايتۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ، ئاشقان پۇلنى ئىلىپلا ئاشپۇزۇلدىن چىقتى- دە، ئالدى- ئارقىسىغا قارىماي يۈرۈپ كەتتى. ئەمما، 30 قەدەمچە ماڭار- ماڭمايلا ئارقىسىدا بىرەيلەننىڭ: <ھەي مىھمان، توختاپ تۈرۈڭە!> دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ: <ئاپلا، ئايال خوجايىن پۇلنىڭ ساختىلىقىنى بىلىپ قىلىپ قوغلاپ چىققان ئوخشايدۇ!> دەپ ئويلاپ، ئاڭلىمىغانغا سىلىپ مىڭىۋەردى، ئەمما ئايال خوجايىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرگىنچە توۋلىغىلى تۇردى. ئەمدى توختىماي ئامال يوق ئىدى، ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- ۋىيـيەي، يەلتاپاندەكلار ماڭىدىكەنسىز، ھەش- پەش دىگۈچە ئۇزاق كەتكىنىڭىزنى قارىمامدىغان! - دىدى ئايال خوجايىن، - ھىلىمۇ ۋاقتىدا كۆرۈپتىمەن . . . قارىڭە، چاپىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇ بايا ئاشپۇزۇلغا كىرگەن چاغدا ئۇچىسىدىكى چاپاننىڭ مانا ئەمدى ئايال خوجايىننىڭ قولىغا تۇرغانلىقىنى كۆردى
ئىز تورى بەك ياخشى
- قاراپ بېقىڭ، يانچۇقىڭىزدىكى نەرسىلەر ساقمىكىن؟ - دىدى ئايال خوجايىن.
ئۇ، چاپاننى قولىغا ئىلىپ يانچۇقىدىكى كىملىك ۋە بايىلا ئالغان 800 يۈەن مائاشىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ دىدى:
- رەخمەت، ئاچا. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- ئۇكام، پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ئۇنداق بىخەستىلىك قىلماڭ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قانداقتۇر بىر خىل تۇيغۇدىن ۋۇجۇدى تۇيۇقسىز ئىللىغان بۇ خىرىدار يانچۇقىدىن 20 يۈەننى چىقىرىپ ئايال خوجايىنغا تەڭلىدى: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- رەخمەت، ئاچا، بۇ مىنىڭ ئازراق كۆڭلۈم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى، ئۇكام، ئەمما پۇلىڭىزنى ئالالمايمەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئەمىسە، بايا مەن سىزگە بەرگەن كونا پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىپ، ماۋۇ يىڭىسىنى ئىلىڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ياقەي، كونىسىمۇ، يېڭىسىمۇ ئوخشاشلا پۇلغۇ!
- ھە. . . بۇ . . . مۇنداق ئىش ئىدى. ئىسىم قۇرىسۇن، ئۇ پۇلغا مۇھىم بىر تىلفۇن نومۇرىنى يىزىپ قويۇپتىكەنمەن دەڭە. . . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- ھە، ئۇنداق يىرى بولسا بوپتۇ ئەمىسە، ئۇ پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي.
ئايال خوجايىن ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ يانچۇقىدىن چاقمىقىنى ئىلىپ ياندۇردى- دە، ھىلىقى 20 يۈەنلىك ساختا پۇلنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئىز تورى www.iz.la