11-مارت چۈشتىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىنچ ئوكيان دېڭىز ساھىلى رايونىدا يۈز بەرگەن 8.8 بال قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنى ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان بويىدىكى ھەممە رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: دېڭىز تاشقىنىنىڭ بۇنداق زور بولىشىدا مۇنداق ئىككى خىل سەۋەب بار، بىرىنچىدىن، يەر تەۋرەش كۆلىمى چوڭ، تەۋرەش مەنبەسى تېيىز. ئىككىنچىدىن، تەۋرەش مەنبەسى بولغان دېڭىز تەۋەسىنىڭ يەر تۈزىلىشى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
ئىز تورى www.iz.la
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ياپونىيە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تەۋرەش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسى خانشىندا يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشنىڭ 178 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يەر تەۋرەشتىن كېيىن، سېنداي يېڭى پورتى قاتارلىق تىنچ ئوكيان بويىدىكى ھەرقايسى جايلاردا 10 مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى يۈز بەردى. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزىدىكى تاكاشى ۋىرا مۇنداق دېدى: دېڭىز تاشقىنىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ بولىشىنى يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ تېيىز، كۆلىمىنىڭ چوڭ بولىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياپونىيە ھاۋارايى ۋازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تۈزىتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى 24 كىلومېتىر بولغان. ئىز تورى www.iz.la
بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى شىننى چىساكاي مۇنداق دېدى: دېڭىز ئاستى دېڭىز تاشقىنى ئەسۋابىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، يەر تەۋرەپ بەش ئالتە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، دېڭىز يۈزىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ يېرىم مېتىر ئۆرلىگەنلىكى بايقالدى. بۇ دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكىدە بۇنچىلىك چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقاش ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن بۇرۇنقى دېڭىز تاشقىنلىرىدا، ئەڭ كۆپ بولغاندا دېڭىز يۈزى نەچچە سانتىمېتىرلا ئۆرلەيتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يەر تەۋرەپ 30 مىنۇتتىن كېيىن، 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دېڭىز تاشقىنى قۇرۇقلۇققا چىقتى. دېڭىز پورتى-ئايرودروم تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاكاخاشى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كۆلىمى دۆلىتىمىزدە ھازىرغا قەدەر ئەڭ زور بولۇپ، يۈز يىلدىن بۇيان بۇنداق ئاپەت كۆرۈلۈپ باقمىغان. دېڭىزغا قايتقان تاشقىن قۇرۇقلۇققا يەنە قايتسا، تېخىمۇ زورىيىدۇ. ھازىر ئاھالىلەر ئىمكانقەدەر دېڭىز قىرغىقىغا يىراق ئېگىز جايلاردا پاناھلىنىشى كېرەك. ياپونىيەنىڭ ھاۋارايى ۋازارىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر تەۋرەشنىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولغانلىقتىن، دېڭىز تاشقىنى يەنە بىر كۈندەك داۋاملىشىشى مۇمكىن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
دېڭىز تاشقىنى ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن ئاراللىرىغا ھۇجۇم قىلدى، ئىۋاتې ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان سانرىكۇ دېڭىز رايونى رىئاس تىپلىق دېڭىز قىرغىقى بولۇپ، ئاپەت تېخىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن. ھاۋارايى ۋزارىتى يەر تەۋرەش-دېڭىز تاشقىنى كۆزىتىش بۆلىمىنىڭ باشلىقى يوكوياما نوتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رىياس تىپلىق دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئالاھىدە يەر تۈزىلىشى دېڭىز تاشقىنىنىڭ زور ئېنېرگىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. ئىز تورى بەك ياخشى
كيۇتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى خاجىمىروسىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مۆلچەرىمىزچە، قۇرۇقلۇققا چىققان سۇ مىقدارى 2004-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلى دېڭىز ساھىلىدا يەر تەۋرىگەندە قۇرۇقلۇققا چىققان سۇ مىقدارىدىن قېلىشمايدۇ. سانرىكۇ دېڭىز تەۋەسىدىكى رىياس تىپلىق دېڭىز قىرغىقىدا نۇرغۇن سىرتى كەڭ، ئىچكى تار «ئۈچ بۇرجەكلىك قولتۇق»لار ناھايىتى كۆپ، دېڭىز تاشقىنى قولتۇقنىڭ ئىچىگە كىرگەنسېرى، دولقۇن ناھايىتى ئاسانلا ئېگىز كۆتۈرىلىدۇ. مېنىڭچە، قولتۇقنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا، دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 30 مېتىر كۆتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
سانرۇكى رايونى دېڭىز تاشقىنىنىڭ زەربىسىگە دائىم ئۇچرايدىغان جاي. 1896-يىلى، بۇ يەردە قاتتىق يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەر تەخمىنەن 22 مىڭغا يەتكەن ئىدى. 1933-يىلىدىكى سانرۇكىدىكى يەر تەۋرەشتىمۇ، 20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دېڭىز تاشقىنى پەيدا بولۇپ، 3000 كىشى قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان
ئىز تورى www.iz.la