ئامېرىكا HP شېركىتى(Hewlett—Packard) سان فرانسىسكودا TouchPad ناملىق يېڭى نۇسخىدىكى تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتىر ۋە ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى ئىداراكلىق يانفۇن ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئالما شېركىتى ۋە Google باشچىلىقىدىكى كۆچمە ئەسلىھە بازىرىغا كۈچلۈك تەرزدە يۈرۈش قىلغان. يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا hp شېركىتى بۇلتۇر 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ Palm شېركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئېرىشكەن webOS مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن.
HP نىڭ تونۇشتۇرىشىچە، TouchPad ماس قەدەمدە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى تەمىن ئېتىدىكەن، يانفۇن ئۇچۇرى، ئېلكترونلۇق يوللانما، ئالاقە تورى، مىكرو بلوگ قاتارلىق كۆپ خىل ئۇچۇر مەنبەدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى توپلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە « بىر كونۇپكىدا ھەمبەھىر بولۇش » ئىقتىدارى سەپلەنگەن.
زاپچاسلىرى جەھەتتە، TouchPad نىڭ 1.3 پېكسىللىق تېلېكاممېراسى بولۇپ، سۈرەتلىك سۆزلەشكىلى بولىدىكەن. TouchPad نىڭ قېلىنلىقى 13.7 مىللىمېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 740 گىرام كېلىدىكەن، qualcomm شېركىتىنىڭ Snapdragon قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى قوللىنىلغان. 16GB ۋە 32GB ئىككى خىل سىغىمدىكىسى بار ئىكەن. 9.7 دىيۇملۇق سەزمە ئېكرانىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە پەرق ئېتىشچانلىقى بىلەن ئالما iPan نىڭ ئوخشاش كېتىدىكەن.
مەنبە: ۋېنۋېيپاۋ تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!