

بۇ رويان ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىل دەرەخ ئەرەبىستان قەھۋەسى بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋە پوستى بىلەن ئۇرۇق پوستى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن قېپقالغان ئۇرۇقى <<قەھۋە>> ياكى <<بون>> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
چىقىش ئورنى: ئەسلى ئەرەبىستان ۋە ھەبەشىستان (ھازىرقى ئىفوفىيە) دىن چىقاتتى، ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.
تەبئىتى: ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قويۇق خىلىتلارنى تازىلاش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پۈتۈن بەدەن ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، غەيرى تەبئىي خىلىتلەردىن بولغان قىزتما، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، روھىي ھالىتى نۇرمال بولماسلىق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ھەر قايسى ئەللەر خەلقى قەھۋە مېغىزىنى خام ياكى جويۇز رەڭ قورۇپ، يەككە ھالەتتە چالا سوقۇپ ئازىراق قەنت قوشۇپ دەملەپ ئىچىدۇ.
دەملەپ ئىچىلسە يۇقۇرقى كېسەللەرگە مەنپەئەتلىكتۇر. بۇنى يۇمشاق ئېزىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ لوئۇق تەييارلاپ بېرىلسە يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ. يۇمشاق ئىزىپ كاپ ئىتىپ بەرسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ،
زىيانلىق تەسىرى: كۆپ ئىستىمال قىلسا ئىسسىق مىجەز كېشىلەردە ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. باشنى ئاغرىتىدۇ.