ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى ئېقىپ كەتكەن نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىش تەننەرخى 40 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

2010-يىلى11-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
ماتېرىيال سۈرەت    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 2–نويابىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە سەرپ قىلغان خىراجىتىنىڭ ھازىر ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن 32 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئېشىپ ، 40
  

ماتېرىيال سۈرەت

   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 2–نويابىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە سەرپ قىلغان خىراجىتىنىڭ ھازىر ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن 32 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئېشىپ ، 40 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان .

   مېكسىكا قولتۇقىدىكى بۇرغىلاش سۇپىسى ‹‹چوڭقۇر سۇ ئۇپۇق سىزىقى›› ئاپرېلدا پارتلاپ كەتكەندىن كېيىن ، 4 مىليون تۇڭدىن ئارتۇق خام نېفىت ئېقىپ كەتكەن ، نېفىت ئاققان قۇدۇق سېنتەبىردە ئاخىرى ھىم ئېتىلگەن . ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى نەچچە ئايلىق تازىلاش ، ئېتىش خىراجىتى ۋە قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان جەرىمانە قاتارلىق خىراجەتلەر ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن 39 مىليارد 900 مىليون دوللار بولغانلىقىنى ئېيتقان.

   گەرچە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتى ئالدىن مۆلچەردىن 7 مىليارد 700 مىليون دوللار ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ 3–پەسىللىك ھېساباتىدا پايدا كۆرۈلگەن بولۇپ ، ساپ كىرىمى 1 مىليارد 790 مىليون دوللار بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بوب دۇدلېي ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئېقىپ كەتكەن نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىش مەبلىغى جۇغلاش ئۈچۈن، تەخمىنەن 14 مىليارد دوللارلىق مال–مۈلكىنى سېتىش سودىسىدا پۈتۈشۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!