ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ يىلقى پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا 1994–يىلدىكىگە ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلدى . ئۇ ۋاقىتتا ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى كىلىنتون ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا مەغلۇپ بولۇپ ، پارلامېنتتىن ئايرىلىپ قالغانىدى . بىراق ، ئىككى يىلدىن كېيىن ، كېلىنتون تاشقى دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى بىلەن قايتىدىن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا قايتىپ كەلدى ھەمدە ئۇدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى .
ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، كېلىنتۇننى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوبامانىڭ بەلگە خادىسى دېيىشكە بولىدۇ ، كېلىنتوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەسى بۈگۈنكى كۈندە قايتا سادىر بولماقتا ، بۇ ئوبامانىڭ ھازىرقىدەك ئوڭۇشسىز ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
ئوباما 3 ــ نويابىر ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . بىراق زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىگە تۆۋەن باھا بەردى . ئوبامانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي يولى ئوڭۇشلۇق بولمىدى . لېكىن ، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، تاشقى دېپلوماتىيە ئىشلىرى ئوباما ئۈچۈن ئېيتقاندا خېلى ئوڭۇشلۇق بولدى . رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ قارىدى ، ئوبامانىڭ 5– نويابىر ئاسىيا سەپىرىنى باشلىشى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش ، بۇ ئەينى يىلى كېلىنتوننىڭ قايتىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىنىدىكى ‹‹ ئەنگۈشتەر ›› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ چەت ئەللەردە تىككەن ‹‹ كۆچەت ›› لىرىنىڭ سانى بەكمۇ كۆپ بولمىدى ، نۆۋەتتە ، ئوبامانىڭ چەت ئەللەرگە تايىنىپ ئۇدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىش مۇددىئاسىمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس . كىلاۋ مۇنداق دەپ قارىدى ، كېلىنتون بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئوبامانىڭ تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتىكى ئىشلىتەلەيدىغان ‹‹ بوشلۇق ›› ى بەكلا ئاز .
ئاففانىستان مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چېتىشلىقى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىپ ، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي تەسىرنىڭ چوڭ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . نۆۋەتتە ، دېموكراتلار پارتىيەسى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئاۋام پالاتاسىدا ، ئوبامانىڭ ئاففانىستان مەسىلىسىدىكى ئالغان نومۇرىنى يۇقۇرلىتىش ناھايىتى تەس . ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىدى ، ئوبامانىڭ تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئاففانىستانغا قاراتقان سىياسىتى بەلكىم تۇنجى بولۇپ پارلامېنتتا ئۇچرايدىغان توسقۇنلۇقى بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر ئاففانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشنى ، ئاففانىستاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت تۇرۇشنى خالايدۇ .
ئاففانىستان مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى سۇدان زايىر مۇنداق دەپ قارىدى ، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئوباما ئاففانىستان جەڭ ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن بېكىتىشى مۇقەررەر . ئوباما ئاففانىستانغا قارىتىلغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشى ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىنى ئويلىشىشى ، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى زۆرۈر . سۇدان زايىر يەنە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاففانىستان ئىستراتېگىيەسىدىكى ئاساسىي مەيدانى بولسا ، ئاففانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئاففانىستاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت تۇرۇش ، شۇنداقلا مەجبۇرىي ھالدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش .
ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئاففانىستان ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەسىرىدە ، ئاق ساراي پارلامېنتنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ ، پاكىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى .
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە ، رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ قارىدى ، دېموكراتلار پارتىيەسى تەشەببۇس قىلىدىغان پارلامېنت چاۋشيەنگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن .
ئىراق يادرو مەسىلىسى ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ، ئانالىزچى كىلاۋ مۇنداق قارىدى ، ئوباما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆسۈشنى ياكى غەلبە مېۋىسىنى كۆرەلمەيدۇ .