بوھران -ھېكايە

ۋاقتى:2010-10-10 03:23مەنبە: يوللىغۇچى: شۇكرى اللە چېكىلىشى:قىتىم
   بوھران -ھېكايە
مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)
كېسەللىك روﻫىمىزنى، جىسمىمىزنى چىرماپ ئەقلى قۇۋۋەتلىرىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈپ ساغلام بولغان ﻫاياتلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئۆز رىئاللىقىمىزغا دادىل يۈزلىنىشكە زور توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. كېسەللىك چىرمىغان ئاجىز تېنىمىزنىڭ، زەئىپ روﻫىمىزنىڭ نىمجان ئىڭراشلىرىدا ئۆزىمىزنى يوقۇتۇشقا باشلىدۇق. ئەخلاقسىزلىق ۋۇجۇدىمىزغا مىكروب كەبى يامىراپ بىر پۇتۇن جىسمىمىزنى مىكروبقا ئايلاندۇرۇپ روﻫىيەتنى كۆيدۈرمەكتە. مەسئۇلىيەتسىزلىك شەخسىيتىمىزگە يەل بىرىپ، ساختا ﻫاكاۋۇرلىقىمىزنى كۈچەيتمەكتە. سەمىمىيەت ئورنىنى ياسالما ئالىيجانابلىق، ساختاپەزلىك ئىگەللىدى. قىممەت - قاراش ئۆزگەردى. پۈچەكلەشتى. كەيىپ بولغان شەيتانلار داقا -دۇمباقلىرىنى ياڭرىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
        ئەلقىسسە، ئەمدى گەپنى ئۇزۇن يىل روﻫىي سەرسانچىلىق دەستىدىن تىنى ئاجىزلاپ، مەجرۇﻫ بولۇپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بىر ياشنىڭ قىسقىچە كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشىغا ئىجازەت قىلغايمىز! ئۇنىڭ ماڭا يازغان خىتىنى كۆپ تەﻫرىرلىمەيلا ﻫوزۇرۇڭلارغا سۇنغايمەن.
       سالام بىرزات ئەپەندىم . سىزنىڭ مۇنبەرلەرگە يوللىغان تىبابەت ﻫەققىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ مەنپەئەت ئالغان ئادەم يالغۇز مەنلا بولمىسام كىرەك. سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بىلەن تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەپ ساغلاملىقىم ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، سىز ئېيتقان ساغلام ، پاكىز بولغان ﻫاياتلىق قارىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك جەريان كەتتى ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا كېسەللىك يېلتىزىنىڭ ئادەم روﻫىيتىدە بولىدىغانلىقى، روﻫىيەتتىكى كېسەللىكنىڭ ئاخىرىقى ﻫېسابتا جىسمانىيتىمىزنى پالەچ قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ﻫالدا چۈشۈنۈپ يەتتىم. ئىز تورى بەك ياخشى
        سىزگە دېسەم مەن ﻫۇشۇمنى تاپمىسام بولمىغۇدەك دەپ ئۆز ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۆزۈمنى تۈگەشكەندەكلە ﻫېس قىلاتتىم، پۇت قوللىرىم ماغدۇرسىز، ئۇستىخانلىرىم سىرقىراپ ئاغرىيتى، ﻫېچ ئىشقا خوش ياقمايتتى. نۇرسىز چىرايىم تېخىمۇ سارغىيىپ ،كۆزلىرىم ئولتۇرشۇپ كەتكەن ئىدى. ياش تۇرۇپلا چېچىم چۈشۈپ ، يۈز تېرەمدە ئاندا -سانسا قورۇق پەيدا بولغىلى تۇردى. ئۇخلىماق بولۇپ ياتساملا قالايمىقان چۈش كۆرۈپ ﻫاردۇقۇم چىقمايتتى. تۇرمۇشۇم بەك چىچىلاڭغۇ، ﻫاياتتا ئىنىق بىر ياشاش نىشانىم يوق ، لەيلەپلا يۈرەتتىم،داۋاملىق ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم، ئەتراپىمدىكى موﻫىتتىن قاقشاپلا يۈرەتتم، دىمىسەممۇ مەن ئاشۇ موﻫىتنىڭ مەﻫسۇلى ئەمەسمۇ؟!!! نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغىنىمنى، نېمە ئۈچۈن ياشاپ نېمە ئۈچۈن ئۆلىدىغىنىمنى ئويلاشقا، ماﻫىيەتنى چۈشۈنۈشكە كاللامدا ئېنىرگىيە ئازلىق قىلاتتى. نېرۋىلىرىم سۈزۈكلۈكدىن خالى ﻫامان بىر قەۋەت قىلىن تۇمان ئىچىدە سىلكىنەتتى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


        كىچىگىمدىن تارتىناچاق بالا ئىكەنمەن، نېمىلا قىلماي ئاتا -ئانامنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايتتىم. مېجەزىمنى تەڭتۇشلىرىم ياقتۇرمىغاچقا مېنى ئارىغا ئالمايتتى. كىيىن سەل چوڭمۇ بولدۇم. شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى مەﻫەللىدىكى چوڭ - كىچىك باللار بولۇپ قوي - كالىلىرىمىزنى ﻫەيدەپ دەريا بويلىرىغا كېتەتتۇق، مەندىن 4-5 ياش چوڭ كىلىدىغان باللارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئەر خوتۇنلار ئارىسىدىكى ﻫەر خىل مۇناسىۋەتلەر، شۇنداق ئىشلار مەزمۇن قىلىنغان <<قىلىن>> كىنولار ﻫەققىدىكى پاراڭلىرى ۋۇجۇدۇمنى ساراسىمىگە سالاتتى. ﻫەتتا بىرسىنىڭ قولى ئارقىلىق ﻫوزۇرلانغىننى ئاڭلاپ دەسلاپ تازا چۈشۈنەلمىدىم كىيىن مەندىمۇ ئاشۇنداق ئېستەك پەيدا بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىم. ئىنىق ئىسىمدە ، 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر كۈنى ﻫىلىقى باللارنىڭ قىلىشىدىغان پاراڭلىرىنى ئويلىغاچ يۇينىۋېتىپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىمنى ﻫەيرانلىق، چۈچۈش ئىچىدە بىلدىم. شۇ ئىشتىن كىيىنبىرەر ﻫەپتىگىچە بىر خىل يېقىملىق سېزىم ئارىلىشىپ كەتكەن خىجىللىق تۇيغۇسى كۆكرەك قەپىسىمدىن پەقەت بوشىمىدى. يۈزۈم بەك قىزىرىپ كەتتىمىكىن دەپ پات - پات ئەينەككە قاراپ قوياتتىم. شۇنىڭدىن كىيىن قىزلار ﻫەققىدە تۈگۈمەس خىياللارغا بەنت بولۇشقا باشلىدىم. بۇ خىياللارغا ئەگىشىپ كەلگىنى تەلۋە ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش بولدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
        كىيىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا باردىم. ئۈ يەردىكى ئەركىن -ئازادىچىلىك، چىرايلىق قىزلارنىڭ كۆپلىكىدىن كاللام پىرقىراپلا قالدى. ساۋاقداشلىرىم پات-پات دېبا - ﻫەر خىل كەچلىك بەزمىخانىلارغا بىرگە بىرىشنى ئېيتاتتى. كۆڭلۈمدە مەيلىم بولسىمۇ بۇزۇلۇپ بېقىشقا جۈرئىتىم يوق ئىدى. دادامنىڭ مېنى ئۇزتار چاغدا قىلغان نەسىﻬەتلىرى تېخى قۇلىقىمدىن كەتمىگەن ئىدى.ﻫەر خىل باﻫانىلەرنى كۆرسىتىپ بارماسلىققا تىرشاتتىم. ياتاقتا يالغۇز قىلىپ مەيدە -كېندىكلىرى ئوچۇق، ساغرىسىنى ئوينىتىپ مېڭىپ تومو-تومۇرلىرىمدىن ئوت ئالدۇرىۋىتىدىغان شەﻫلا كۆز قىزلارنى خىيال قىلىپ يەنە ﻫىلىقى نەس ئىشنى قىلاتتىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
          شۇ كۈنلەردە مەن تورخانىغا كۆنىۋالدىم. ئارام -ئىلىش كۈنلىرى، بەزىدە تېخى كەچلەپ تورخانىدىن چىقالمايتتىم، تور مېنى ئۆزىگە مەﻫكەم باغلىۋالغان ئىدى. دەسلەپ چايخانىلاردا پاراڭلىشىشنى ئۈگەندىم. خەت بېسىش سۈرئىتىممۇ بارغانچە ياخشىلىنىپ بىر قىتىمدا بىر قانچە قىزلار بىلەن پاراڭلىشالايدىغان ﻫالەتكە يەتتىم. بارا -بارا شەﻫۋانىي - سىرىق رەسىملەرنى، كىنو-فىلىملەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. تاماققا خەجلەيدىغان پۇللىرىمنى تورخانىغا خەجلىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ﻫىلىقى نەس ئىشقا ئۈگۈنۈپ قالغان بولغاچقا ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىرايىم سارغىيىپ، كۆزلىرىم ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. پۇت -قولۇم جانسىز، بەدىنىم يىقىمسىز ئاغرىپ تۇراتتى. دەرىسلەرگە پەقەت خوشياقماي كۈنلەپ دەرس تاشلاپمۇ قالاتتىم. مەن يەنىلا ﻫۇشۇمنى تاپمىدىم.

ئىز تورى www.iz.la


          باشتا دېگىنىمدەك يات جىنىسلار بىلەن يېقىنلىشىشقا بارغانچە جۈرئىتىم قالمىدى. باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئۆرە قارىيالمايمەن. بىرسى بىلەن گەپ تالىشىپ قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. لىكىن خىيالىي دۇنيادا بەك ۋەﻫشىي ئىدىم. توردا نۇرغۇن قىز دوست تۇتتۇم. كۆڭلۈمگە ياققان بىر ئىش - ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش مەۋﻫۇملۇقتا مۇﻫەببەتلىشىشنى خالايدىكەن. كىنولاردىن، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان كىتابلاردىن ئۈگىنىۋالغېنىمىز بويچە مۇﻫەببىتىمىزنى قىزغىن داۋاملاشتۇردۇق. مەن ئۆز ﻫېسياتىمنى ، قۇتراپ تۇرغان شەيتانىي ئىستەكلىرىمنى خەت ئارقىىلىق ئىپادىلەپ نەپسىمنى ئارام تاپتۇراتتىم.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

سېزگە دېسەم ئۇ چاغدا كاللامدىكى رىئاللىق ئۇقۇمىنى يانچۇقتا پۇل تۈگىگەندىلا بايقايتتىم.مەن بىر قىز بىلەن ئۇزۇن مەزگىل مۇﻫەببەتلەشتىم، سەۋەبى - ئۇ قىز باشقا قىزلارغا قارىغاندا ماڭا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا گەپ قىلاتتى.ئاخىرى بىر كۈن ئۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا كىلىشتۇق. ئاي يىرىملاشماستىلا يېنىمدا 50 سوملا پۇل قالغان ئىدى. ئۇ قىز بىر دوستىنى باشلاپ كەپتۇ. چىراي تۇرقىمۇ ئادەتتىكىچە، كەم -سۆز قىز ئىكەن. لىكىن دوستى بەك يامان قىزدەك قىلاتتى. بىز ئازادە بىزەلگەن بىر تاماقخانىغا كىردۇق. ئۇ قىزنىڭ دوستى تاماق تېزىملىكىدىن ئىسسىق-سوغۇق سەي بولۇپ 6-7 تەخسە تاماق بۇيرىۋەتتى. ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى . تاماق تىزىملىغان خىنىم كۆزۈمگە قاراپ 48 سوم بولاپتۇ ، دېدى.- شۈكۈرى، دېدىم ئىچىمدە پۇلنى تۆلىگەچ. شۇنداق قىلىپ يانچۇق قۇرۇقدالغاندىن كىيىن ئاي ئاخىرىنى بەك تەستە ئۆتكۈزدۈم. قورساق كولدۇرلدپ تۇرسا ئادەم ئويلىماي قالامدۇ دەمسىز. ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغىنىمنى ، قەيەرگە كېتىۋاتقىنىمنى ئويلىدىم ، لىكىن يەنىلا باشقا ئىلىپ چىقالمىدىم. كاللام ئىسىلىپ چىڭقالغاندەك بولاتتى. بەل - پۇتلىرىم قىرى ئادەمنىڭكىدەك تىلىپ ئاغرىيتتى. بەزى كەچلىرى پۈتۈن بەدىنىم مۇزدەك تەرلەپ، جان يېرىمنى ئاغرىق تۇتىۋالاتتى. توۋا دەپ كەتتىم. نەچچە قېتىم ئىڭراپمۇ تاشلىدىم. ياتاقداشلىرىم تاتلىق چۈش كۆرۈپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى. مىﻬرىبان ئاتا-ئانامنى ئەسلىدىم. ئۆلۈمنى ئەسلىدىم. خۇدانى ئەسلەشتىن يۈزۈم ئۇۋۇتاتتى. مەن كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر گۇناﻫلىق قىلمىش پاتقىقىغا پاتقان ئىدىم. ئۆزۈمنى قارغايتتىم. جەمىيەتنىڭ بۇزۇقلىقىدىن، ئادەملەردە مۇﻫەببەتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ﻫەيرەتتە ئىدىم. بۇرۇنقى جەمىئىيەتتىكى 14 ياشقا كىرىپ بولغۇچە ئۆيلەپ قويىدىغان ئىشمۇ مەن ئۈچۈن بەك ئىسىل ئىش تۇيۇلۇپ كەتتى. ﻫايۋانلار جىنىدا بالاغەتكە يەتكەن چاغدا خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن قانۇنى بىلەن جىنسىي ئىستەكلىرىنى قاندۇرىشاتتى. ئىنسانلار مەدەنىيەت ياراتقان بىلەن ﻫايۋانلاردەك بولالمايدىكەن. ....توي قىلماي ئۆزىنى نىمانچە قىيناش بۇ ....دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقتىم. يەنە ئويلىدىم ئۇنىڭ نېرسىغا يېتەلمىدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاشۇنداق قىينىلىپ يۈرۈپ يەنە بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈن دەرىىسكىمۇ چىقالمىدىم..ئاخىرى ئۆيدىن پۇل كەلدى. بىر ئىككى كۈن ياخشى ئوزۇقلىنىپ خىلى يامان ئەمەس بولۇپ قالدىم. خۇداغا مىڭ توۋا دەپ شۈكۈرى - سانالار ئېيتىپ يېڭىدىن ئادەم بولىمەن دەپ ئەتتىگەن ئورنىمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا بىرىپ يۇيۇنۇپ مەسچىتكە باردىم. خۇداغا يىغلىدىم. جامائەت بىلەن نامازدا بىللە بولدۇم. ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتىم. خىلى يەڭگىللەپ قالغاندەك، نېرىپلىرىم سۈزۈكلىشىپ قالغاندەك بولدۇم. مەسچىتتە يەنە ئۇزۇنراق ئولتۇرغۇم بار ئىدى. مەزناخۇنۇم ئىشىكنى تاقايمىز دەپ تۇرىۋالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىنىپ چىقتىم. مەكتەپكە بارغۇچە ئۆزۈمگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ ماڭدىم. تورخانا دېگەنگە ئىككىنجى دەسسىمەيمەن دىدىم. شۇ تەرىقىدە بىر قانچە كۈن ۋەدەمدە تۇرۇپ سالامەت ئۆتتۈم. چىكىنىپ كەتكەن دەرىسلىرىمنى پۇختىلىۋالدىم.
بىر كۈنى كەچلىك ئۈگۈنۈشكە چىقاي دەپ تۇرسام بىر ساۋاقدىشىم كىرىپ كەلدى. ساڭا بىر قىزنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. يېقىندىن بىرى بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭ . بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ بولمايدۇ. دەپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي قولۇمدىن تارتىپ ياتاق بىنا سىرتىغا سۆرەپ چۈشتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


سىرىتقا چىقساق ئىككى قىز نازۇك ﻫىجىيشىپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ... قارىسام مەن ئۇ قىزلارنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك ،لىكىن تونىيالمىدىم. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىممۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. ساۋاقدىشىم ئۇ قىزلارنى تونۇشتۇردى. قىزلار پەقەت تارتىنماي كۆرۈشۈشكىلى قول تەڭلىدى. كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرىۋالدى. مەن خىجىل بولۇپ كۆزۈمنى ئىلىپ قاچتىم. يېقىندىلا تېخى مەسچىتتە ئولتۇرۇپ توۋا قىلغىنىم ئىسىمدە . بۇلار بىلەن مېڭىشقا يەنىلا ئارسالدى بولۇپ قىلىۋاتاتتىم. چىرايى ئاق ، زىلۋا كەلگەن - ئىسمىنى زېلﻬايات دېگەن قىز قولۇمنى چىڭ سىقىپ قويدى تېخى. ئۇ قىزلار ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. بەك رومانتېكمىش. فىروئىدنىڭ نەزىريەسىگە قىزىقىدىكەن. دوستۇم چاخچاق قىلغان بولۇپ شۇلارنى دېدى. كاللامدا يانا ئاللىقانداق خىياللار قايناۋاتاتتى. يول مېنى مېڭىۋاتامدۇ مەن يولنى ماڭدىممۇ ﻫېچ بىلمىدىم بىردەمدە يولغا چىقىپ قاپتىمىز. دوستۇم تاكسى توستى. قىزلارنى جايلاشتۇرۋىتىپلا مېنىمۇ ماشىنىغا ئىتتىرىپ دېگەندەك چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بارىدىغان يەرگە باردۇق. ئۆمرۈمدە ئىچمىگەننى ئىچتىم. قانلىرىم قىززىپ ، يۈرەكلىرىم ئويناپ تۇراتتى.ئاغىينەم قىز دوستى بىلەن بىشىنى بىر قىلىۋاپتۇ. زېلﻬايات ماڭا تەلمۈرۈپ رۇمكىنىڭ لېۋىنى يالاپ ئولتۇراتتى. بۇ قىزنىڭ شۇ چاغدىكى ﻫالىتى كۆزۈمگە ئالەمچە ئۇز كۆرۈنۈپ كەتتى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

سىزگە ﻫىكايە ئېيتىپ كەتتىمۇ ئەپەندىم. سىزنى مالال قىلساممۇ تەپسىلىيرەك يازاي دىدىم. بۇ ئىشلا يالغۇز مەندىلا بولماستىن بىر پۈتۈن جەمئىيەتتە تولۇپ ياتقىننى كىيىن ﻫېس قىلدىم.شۇ كۈنى ئۆزۈمنى شۇنداق ئەقىللىق ئويلاپ كەتكىنىمنى دېمەيسىز. مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمنى كەچۈرگۈسىز گۇناﻫ دەپ قارىۋاپتىمەن. باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ تېخى ﻫېچقانداق گۇناﻫ ئۆتكۈزمىگىنىمگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۆتۈپ كەتكەن - ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايدىغان ﻫىلىقىدەك ئىشلارغا ئۆزۈمنىڭ نۇمۇسۇم كەلدى. ئۇنداق قىلىپ جاننى قىيناپ يۈرمىسەڭمۇ قىز بالا دېگەن تەييار ئولجىكەنغۇ..دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. يىنىمدىكى قىز بارغانچە سۈيۈلۈپ كىتىۋاتاتتى..ﻫاراق كۈچىنى كۆرسەتتى. بىز بىر - بىرىمىزنى يۆلىشىپ سىرىتقا چىقىشتۇق. يىقىن ئەتراپتا مىﻬمانخانا بارلىقىنى ئېيتىپ ئاغىينەم بىزنى باشلاپ ماڭدى. بۈگۈن كەچتە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. يۈرۈكۈم تىز تىز سېلىپ كىتىۋاتاتتى. قىز ماڭا يۆلىنىۋالغان ئىدى. ﻫاراقنىڭ ﻫىدى بەدبۇي بولسىمۇ ماڭا بەك خۇش پۇراق تۇيۇلۇپ نازۇق تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلايتتى. بەدەنلىرىم قىززىۋاتاتتى. گۇناﻫلىق ئىش قىلىش ئالدىدا شەيتاننىڭ ئادەمگە مەﻫكەم چاپلىشىدىغانلىقىنى بۈگۈن باشقىدىن ﻫېس قىلدىم. شەيتان ئوتتىن يارتىلىپتىكەن. شەيتان ئادەمگە چاپلاشسا بەدەننى شۇنداق قىزتىۋېتەمدىغاندۇ يا دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۇم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


كاللامدا زېدىيەت بار ئىدى..مېنى ﻫاراق قىززىتتىمۇ ياكى شەيتان دېگەن سۇئال كاللامغا بىكىنىۋىلىپ بۇ سۇئال ئۆزۈمچە قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. ياتاققىمۇ جايلاشتۇق. دوستۇم مەن بىلەن خوشلىشىپ، پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ كۆزىنى قىسىپ پۇرسەت غەنىيمەت دېگەندەك دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ قىز دوستىنى ئىلىپ ياتىقىغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۈگۈن كەچ ئۇ قىزنىڭ فىروئىد نەزىريىسىنى تولۇق چۈشىنىشىگە ياردەم قىلارمىش، دوست دېگەن بىر بىرىدىن ياردەمنى ئايىماسلىقى كىرەكمىش. توۋا ، ﻫاراق ئىچىش، قىز -يىگىتلەر جۈپى بىلەن ئايرىم ياتاقلاردا بىر كېچىنى ئۆتكۈزىشى بىلەن فىروئىد نەزىريىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بولىدىغاندۇ دەپ كاللامدىن پەقەت ئۆتكۈزەلمىدىم. ياتاق ئىچىگە قارىسام قىز چىراقنى ئۆچۈرۈپ بىر ئوبدان شاملارنى ياققىلى تۇرۇپتۇ. ئۇچىسىدا كىيىم دىدارى يوقتەكلا ئىدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شۇ كۈندىن باشلاپ فىروئىد نەزىريىسىنى<< سىناق >>قىلىدىغان ، <<ئەمەلىي >> ئۈگۈنىدىغان ئىشلار پات - پات يۈز بىرىپ تۇردى. قاراڭ ، ﻫەقاچان سىز . نىمانداق قاملاشمىغان گەپ بۇ، بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا فىروئىد نەزىريەسىنى <<سىناق >> قىلىدىغان ئىش نەدە بار، دەپ قىلىشىڭىز مومكىن. مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق تېز يۈز بىرىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ قىزلارنىڭمۇ نېمە سەۋەبتىن ئەيشى - ئىشرەتكە بىرىلىپ كەتكىننى بىلىپ بولمايتتى . مەن شۇ دەرىجىدە تىز ئۆزگەردىمكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە بەزىدە ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيلا قالاتتىم .باشتا ئېيتقاندەك قىزلارغا تېكىلىپ قاراشتىن ئۇيۇلىدىغان، ۋۇجۇدۇمنىڭ چۇڭقۇرلىرىدىن مېنى داۋاملىق ئاگاﻫلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئىلاﻫىي سادانى ﻫاياجان ئىچىدە ئاڭلايدىغان ، تېۋىنىدىغان ساددا ئاقكۆڭۈل بىر بالا ئۆز - ئۆزۈمگە خىيانەت قىلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدىم. ﻫەر قېتىم شەيتانغا تەسلىم بولۇپ مەيلىمنى ئۇنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرغاندا ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر يەرلىرىدە شەيتاننى قوغلايدىغان بىر كۈچ ئەزەلدىنلا باردەك ﻫېس قىلاتتىم. خىيالىمدا قىتىغۇر، پەس ئىشلارنىڭ ﻫەممىنى قىلىپ باقساممۇ ئەمەلىيەتتە يۈز بىرىشىگە ئىشەنمەيتتىم. ئەپسۇس ، ئاخىرى ﻫەممە ئىشلار يۈز بەردى. شەيتان بوينۇمغا مىندى. پاكىزلىقىم، ئەرلىك ئىپپىتىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن ﻫالىمغا باقماي يېڭچە بىر ﻫاياتنى باشلىۋالدىم. ئۇ چاغدا قىلغانلىرىمغا قىلچە ئۆكۈنۈش، پۇشايمان تۇيغۇسى قالماپتىكەن.ﻫازىر ئويلىسام تېنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ. ئەخلاق، مىللەتنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسى ﻫەققىدە سۆزلەيدىغانلارنى تولا كاپشىيدىغانلار دەپ قەۋەتلا ئۆچ كۆرەتتىم. ئەخلاقتىن سۆز ئاچقان بىلەن ئۆزىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتاﻫاندىن ئۆتكۈزىمەن يەنە بىر نىمە قىلىپ بىرىمەن دەپ ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلغىننى ، ﻫاراق ئىچىپ قالايمىقان سۆزلەپ يۈرگىننى، ئۆزىنىڭ قۇسىقىنى يالاپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالغان زىيالىيلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان <<سېسىق>> لارنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. غېنى باتۇرمۇ بىر پاﻫىشىۋازكەنغۇ ئاينا ..ئۇنىڭ بۇزۇقلىقى مىللەت ئۈچۈن شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماپتىكەن. ئۇدۇل كەلگەندە ﻫەممىنى قولدىن بەرمەپتىكەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەيتتىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئائىلە ئىقتىسادىم ياخشى بولغاچقا مەكتەپنىڭ چىقىمى ئىشىپ كەتتى ، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىم كۆپ، كەچلىك ئىنگىلىز- كومپيۇتېر كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىۋاتىمەن دەپ تېلىفۇن قىلسام مېنىڭ بۇ خىل تېرىشچانلىقىمدىن خۇشال بولۇپ چارچاپ قالمىغىن، ياخشى ئوزۇقلانغىن دەپ بانكا كارتامغا دېگىنىمدىن ئارتۇق پۇل سېلىپ بىرەتتى. باغانچە كاللام <<جوتۇ>>دەك ئىشلەيدىغان بولۇپ كىتىۋاتاتتى. بەزىدە تېخى چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇلىنىمۇ خەجلەپ قوياتتىم. copyright by www.iz.la
ئەمدى ئىختىسادىي جەﻫەتتە تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى ياخشى ئاسراپ، ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. تورغا ئىلگىركىدەك كۆپ كىرمىگەچكە سالامەتلىكىم خىلى ياخشى بولۇپ قالدى. <<توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ >> دېگەندەك بويتاقلىقنىڭ ئاسارىتىدىن پات پات يۇلقۇنۇپ چىقىپ باقاتتىم.
ﻫىلىقى ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە تورخانىغا چاپتىم. بۇ قېتىم ﻫىلىقى كونا تورداشلىرىمنى قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇراتتىم. چايخانا، چ چ لاردا 5-6 ئىسىم بىلەن نۇرغۇنلىغان قاپقانلارنى قۇرىۋەتكەن ئىدىم. چ چ دا دېيشىپ ، كىلىشىپ بىر قىز بىلەن ئۇلانباي سايلىققا ئوينىغىلى چىقتۇق. ئۇ قىز ياش جەﻫەتتە مەندىن سەل چوڭ كۆرىنەتتى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى. قۇترىغان ئىستەكلىرىمنى ، چاڭقاشلىرىمنى قاندۇرۇشنىلا ئىستەيتتىم. بىزنىڭ ساياﻫىتىمىز ﻫەپتىدە ئىككى قىتىمدىن توغرا كەلدى. مۇشۇ مەزگىللەردە بەدىنىمدە بەزى بىر كېسەللىك ئالامەتلىرى بىخ سۈرىۋاتقىننى ئاز تولا ﻫېس قىلىپ قالدىم. دوۋسۇن چىڭقىلىپ ،سۈيدۈك كۆيشۈپ كىلەتتى. . . .مەن بۇ ئىشلارنىڭ كىيىن جانغا ئىكەك سالىدىغان قاباﻫەتلىك كېسەلگە ئايلىندىغىننى ئويلاپمۇ يەتمىگەن ئىكەنمەن.

ئىز تورى www.iz.la


گەپنى بەك سوزۇپ ، نازۇك مەسىللەردە سەل چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن بىرزات ئەپەندىم.
مەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدۇمنى بېسىپ كەتكەن كىر - مەينەتچىلىكلەرنى تولۇق چىقرىپ تاشلىسام ، خۇددى ئىچى دەرتكە توشۇپ كەتكەن ئادەم قۇلاق سىلىپ ئاڭلايدىغان ئادەمگە ﻫەممىنى دەۋالسا ئىچى بوشاپ قالغاندەك مەنمۇ يەڭگىللەپ قىلىشىم ، باشقىلارمۇ ئىبرەت ئىلىشى مومكىن دەپ قارايمەن.

ئىز تورى بەك ياخشى


كىيىن ئويلاپ باقسام بىرىنجى تۆۋبىدىن كىيىن يەنە گۇناﻫ پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشىم ئۇنچە تاساددىپىمۇ بولمىغان ئىكەن. شۇ قېتىم ئۆزۈمنى رۇسلاپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن ﻫەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە، نۇتۇق -مۇنازىرىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇردۇم. جەمىيەتتىكى نامى چىققان ئەدىب - زىيالىيلارنى ئىزدەپ پىكىر سۆﻫبەتلەردە بولۇپ تۇردۇم. مەن بۇ يەردە ئىتراپ قىلمىسام بولمايدىغان بىر ﻫەقىقەت بار - ۋۇجۇدۇمنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا ﻫايات ﻫەققىدە مۇپەسسەلرەك بايانغا ئىرشىشكە تەشنا ئىستەك غۇۋا يىنىپ تۇراتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇلارنى ئاجايىپ پاكىز، سەمىمىي، بىلىملىك ئىسىل كىشىلەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ خەلىقنىڭ بەخىت - ئىستىقبالى، كىلەچىكى ﻫەققىدىكى دەبدەبىلىك سۆزلىرى، ئەقىدە - ئىتقاد ، ئىيماننىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ﻫەققىدىكى ﻫاياجانلىق قايناشلىرىنى ئاڭلاپ قالتىس ئادەملەركەن دەپ قالاتتىم.
بۇ قارىشىم تاكى زامانىمىزنىڭ داڭلىق بىر شائىرىنى فاكولتېت نامىدىن نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانغا قەدەر داۋام قىلدى. بىز دېيىشكەن ۋاقىتتىن يىرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى. شائىر تېخىچە يوق. ﻫەممىمىز تىت-تىت بولۇپ كۆتۈشكە باشلىدۇق. بىر چاغدا ۋاي كەلدى،كەلدى دېيىشىپ بىر ئادەمنى ئارىغا ئىلىپ 5-6 باللا ئىشىكتىن پاتماي كىرىپ كەلدى. مەن نامى مەشﻬۇر بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشىۋىلىش ئۈچۈن ئالدىغا بارغاندا گۈپۈلدەپ ﻫاراق پۇراپ تۇرغان بىر چالا مەست ئادەمنى كۆردۈم. ئۇ ئادەم باللارنىڭ يۆلىشى بىلەن قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئاران ماڭاتتى. توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم، كۆرۈشۈشتىن رايىم يانىدى. ئاستا ئورنۇمغا بىرىپ ئولتۇرۋالدىم. ئۇ ئادەم غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن چۈشەنچە بىرىپ بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئاز تولا ئىچىپ سالغىننى، سائىتى توختاپ قىلىپ كىچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن شىئىريەت ﻫەققىدە نۇتۇق سۆزلەيمەن دەپ ﻫىلى تاغدىن-ﻫىلى باغدىن سۆزلەپ نۇتۇق تېمىسىدىن چەتنەپ كەتتى. بىر چاغدا روس شائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر شىئىرىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ﻫەققىدە توختۇلۇپ كىلىپ << شولۇخۇپ تەڭداشسىز ئۇلۇغ شائىر، ﻫە ئۇلۇغ شائىر، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈ يوقالمايدۇ. مەن شولۇخۇپقا چوقۇنىمەن >> دېگەن گەپلەرنى قىلچە قورۇنماستىن دەۋەتتى. كۆڭلۈم ئىلىشتى. تۇفى دەۋەتكىم كىلىپ كەتتى. نىمانچە پۈچەك ئىنسانلار بۇ! قەلبىمنى ئۆززۈممۇ بىلىپ بولمايدىغان نەپرەت، قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى. سورۇندىن چىقىپ كەتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇنىڭدىن كىيىن باشقىلار ئۇلۇغلاپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان مەشﻬۇرلاردىن رايىم ياندى. ﻫاراق ئىچىۋالغانلىرى ئاشۇنداق پەسلىشىپ كېتىۋاتقان. ئىچمەيدىغانلىرى نەچچە خىل نىقاپ، گىرىملەر بىلەن ئۆزىنى پەدازلاپ ئالىيجاناب، ئىسىل پەزىلەتلىك بولىۋالاتتى. شائىر يازغۇچىلارنىمۇ ئىزدىمەس بولدۇم. ئەنە شۇنداق ئادەملەردىن كۆڭلۈم سوېۇپ تۇرغاندا ﻫەقىقىي بۇزۇلۇش چىن مەنىسىدىن روياپقا چىقتى. كاللامنى قوچۇپ ئارام بەرمەيدىغان پەلسەپىۋى پىكىرلەر، باش ئاخىرى چىقمايدىغان سۇئاللار ....ﻫەممىدىن كەچتىم. تۇغۇلۇش راس، ئۆلۈم راس ئاندىن باشقا ﻫەممىسى يالغان دېگەن گەپكە ئىشەندىم. ياشىدىم ، شۇنچە بىپەرۋا، بىغەملەرچە قولۇمدىن كىلىدىغان تاماشانىڭ ﻫەممىنى قىلىپ باقتىم. بۇ ئۆز كۆڭلۈمدە ساختا ئالىيجانابلاردىن ئۆچ ئالغىنىم ئىدى. بەزىدە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئىچ -ئىچىمدىن خۇرسەن بولۇپ كۈلۈپ قوياتتىم.

ئىز تورى بەك ياخشى


بىر كۈنى كەچ چالا مەست كىرىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، يىرىم كېچىدىن ئاشقاندا تەرىتىم قىستىغاندەك بولۇپ ئويغىنىپ ﻫاجەتكە باردىم. دوۋسۇن چىڭقىلىپ بىئارام بولۇپ كىتىۋاتىمەن، سۈيدۈك چىقمايۋاتاتتى. قارا تەرگە چۈمۈلدۈم. مەن نېمە بولغاندىمەن دېگەن قورقۇنۇچلۇق بىر سۇئال كاللامغا كىرىپلاۋالدى. بىردەم سەكرەپ باقىمەن، بىردەم سۇ تۇربىسىنىڭ جۈمىكىنى ئىچىپ قويۇپ مەندە رېفىلكىس پەيدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپ باقىمەن. سۈيدۈك ماڭمىغاندىكى بىئاراملىق، ئاغرىق ئازابىغا چىداش ﻫەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۈكۈرى، ئاخىرى سۈيدۈك تېمىپ بولسىمۇ ئاز -ئازدىن كىلىشكە باشلىدى. شۇ كۈنى تاڭ ئاتقۇچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشتىن كىيىن ئېيتقان سۆزى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق يانغاندەك نېرۋىلىرىمنى قوچىۋەتتى. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە مەن جىددى خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بولغاندىن سېرت ، سېبلىس باكتېريەسى بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغان ئىدىم. چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكىننى كۆرگەن دوختۇر ئاچچىق تەنە بىلەن << ئەيدىز >> بولمىغانغا خوش بولساڭ بولىدۇ. ياخشى ئارام ئىلىپ ئۇزۇن مەزگىل داۋالىنىشنى توختىتىپ قويمىساڭ ياخشىلىنىپ كېتىسەن. لىكىن جىنسىي ئىقتىدارىڭنىڭ ئەسلىگە كىلىپ تۇرمۇشلۇق بولالىشىڭغا ﻫازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، -دېدى. ئولتۇرۇپ كەتتىم ، كۆزلىرىمدىن توسقۇنسىز ياش تامچىلىرى بۇلدۇقلاپ چىقىپ كىتىۋاتاتتى. ئۆزۈمنى ﻫەر قانچە قىلساممۇ توختىتالمىدىم. دوختۇرنىڭ چىرايىدا ماڭا ﻫېسداشلىق قىلىش ئەمەس ، مەندىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم. سىرت سوغۇق ئىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى شۇنچە كەڭ ، ﻫوزۇرلۇق ئالەم ئەمدى تار تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغاندا بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرگە پەقەت ئامالىم يوق ئىدى. ئەس - يادىم جايىدا ئەمەس، نەگە بىرىپ نەدە تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن بىر كۈننى ئاشۇنداق لاغايلاپ كەچ قىلدىم. كەچتە <<ئۇچار تۇلپار>> غا بىرىپ ئۆلگۈدەك ئىچىپ بىر كۈن بولسىمۇ كېسىلىمنى ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدىم.

ئىز تورى www.iz.la


......ئىگىز بىر قىيانىڭ ئۈستىدە ﻫىلىقى مەشﻬۇر شائىر بىلەن يىراققا سىيىشتە بەسلەشتۇق. تۆۋەندە سۈزۈك بىر ئىقىن دولقۇن ياساپ تاشتىن -تاشقا ئۇرۇلاتتى. شائىر ئىشنى باشلىۋەتتى. قارىسام ئۇنىڭ سۈدۈكى ئۇدۇل دەرياغا چۈشتى. توۋا، ماۋۇ ئادەم ﻫەجەپ يامانكەن، مېنى يېڭىۋالامدۇ نېمە دەپ مەنمۇ قويۇپ بېرىشكە تەمشىلىۋاتسام مەن قويۇپ بەرگەن لېنيەنى بويلاپ دەريا ئىچىدىن بىلەك توملىقىدا ئارغامچىغا ئوخشاش ئۇزۇن بىر نېمە ئۇچۇپ چىقىپ كاپلا ئىسىلدى، - دە ئۇدۇل دەرياغا تارتىپ سوزۇپ ئىلىپ ماڭدى. مەن ۋايجانلىغان پېتى ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن. بىر ﻫازاغىچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ تىنىقىم ئىچىمگە چۈشمىدى. ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسى كىلىدۇ. مەن نېمە بولۇپ ئۇ شائىر بىلەن بەسلىشىپ قالغاندىمەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر بىمەنە ئىشنى قىلىشتا بەسلەشكەندىمىز، نېمىشقا ئۇ پاكىز دەرياغا سىيەلەيدۇ، مەن سىيەي دېسەم نېمە ئۈچۈن مېنى نامەلۇم كۈچ بوغۇپ قويىدۇ. ئۇ نېمە بولغىيتتى، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن شۇ دەرياغا چۈشۈپ كېتىمەن؟ كاللام ئىغىر گاراڭ ،ئۇستخانلىرىم ئۇرۇپ چىقىۋەتكەندەك بىئارام قىلىدۇ. ئۈستەل چىرىغىمنى ياندۇرماقچى بولدۇم. كارىۋاتنىڭ يېنىدا قولۇمغا ئۈستەل ئۇرۇنمىدى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاجىز كۆزۈم بىلەن سىنچىلاپ ئەتراپقا قاراشقا تەمشەلدىم. بىرەر ئۇچۇرغا ئىرشىشنى ئىستەيتىم. ﻫە، دۇرۇس. ئاخشام تازا ئىچكەن، ياتاققا ماڭغاندەك قىلۋىدىم. ياتاققا كەلمەي باشقا بىرسىنىڭ ئۆيىگە خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن ﻫە!......يوتقان بەك يۇمشاق، ئىسسىق ئىدى. نېرى - بېرسىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرماي يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىر چاغدا بۇرنۇمغا ئانام ئەتكەن شورپىنىڭ پۇرىقى كىردى. ئانام ئەتكەن تاماقنى يەپ باقمىغىلى قانچە ئايلار بوپ كەتتى ﻫە! ئانام بەك مىﻬرى ئىسسىق ئايال. يۇمشاق پاقلان گۆشىنى سۇغا سىلىپ، چامغۇر، سەۋزە ، پىياز، يەنە باشقا مىزىلىك دورا - دەرمانلار بىلەن قاينىتىپ پۇشۇرىدىغان شورپا...سوغۇق قەﻫرىتاندا بەك تېتىيدۇ. بىر نەرسىنىڭ قاينىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
كۆزۈمنى ئېچىپ چۈچۈپ كەتتىم. باش تەرپىمدە دادامنىڭ سىيماسىنى ئەسلىتىدىغان بىر كىشى ئاتىلارچە مىﻬرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قولىدا بىر قۇر كىيىمنى تۇتۇپ تۇراتتى. پەگادا گۈرۈلدەپ كۆمۈر كۆيىۋاتقان مەشكە ئىسىلغان قازاندا ئاباي ئەسلىگەن شورپا قايناۋاتاتتى.مەن ﻫېچنىمىنى ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم مەن يەنە چۈش كۆرىۋىتىپتىمەن دە.

ئىز تورى www.iz.la


__ ﻫە، ﻫە سىز ﻫازىرلا ﻫەممە ئىشنى چۈشۈنۈپ قالىسىز. ئىسسىق سۇ تەڭشەپ قويدۇم،ئاۋۋال ماۋۇ كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ،يۈز - كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇۋېلىڭ. ئاڭغىچە شورپىمۇ تەييار بولىدۇ. قورۇنماي كېيىۋىرىڭ، مەن چىقىپ تۇراي بولمىسا،- ئۇ ئادەم يۇمشاق بىر تەلەپپۇزدا شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى بوشقىنا يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئەمدى ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. چۈش كۆرىۋاتامدىمەنمىكىن دەپ كۆزۈمنى ئۇۋلاپ، قۇلىقىمنى تارتىپ باقتىم.چۈش كۆرمەپتىمەن بولمىسا. ..بۇ ئادەم كىم؟ ماڭا نىمانچە مىﻬرىبانلىق كۆرسىتىپ كېتىدىغاندۇ؟ ﻫە ، راس بۇ قەيەر؟...ئاخشام نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟ ............گاڭگىراپلا قالدىم.ﻫازىرلا بىلىپ قالىسىز دەۋاتاتتى دەپ سەل خاتىرجەم بولۇپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ ئۆزۈمگە سەل چوڭ كىلىپ قالغان بولسىمۇ ﻫىلىقى كىشى ئەكىرىپ قويغان پاكىز كىيىملەرنى كېيدىم. ئاڭغىچە ئۇ كىشىمۇ قولىدا بىر دوستخان نان كۆتۈرگەچ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگىنىچە كىرىپ كەلدى. داستخاننى ئىچىپ سالدى. پىيالىغا چاي قۇيۇپ ئالدىمغا سۇندى. ئۇ كېشىنىڭ دەپ بىرىشىچە ئاخشام مەن يولدا يېتىپ خۇدىمنى بىلمەي قاپتىكەنمەن. سىرت بەك سوغۇق بولغاچقا مېنى مۇزلاپ ئۆلۈپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ تاكسىي توسۇپ ئۆيسىگە ئىلىپ كەپتۇ. باللىرىغا دەپ مەشكە ئوتۇننى راسا قالاپ ئىسسىتىپ بۇ ئۆيگە ئورۇن سالدۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.ئۇ ئادەم ئۇندىن باشقا گەپنى قىلمىدى. كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. گۆشنى ئىلىپ پارچىلاپ دوستخانغا قويدى.گۆش يېگەچ ئىنسانلار ئارىسىدا مىﻬرى -مۇﻫەببەت كۆيۈمنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى، سەمىمىيەت، ئىشەنچ يوقۇلۇپ ﻫىلىگەرلىق، ساختىپەزلىكنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى،بۇزۇقچىلىق، ﻫاياسىزلىقلارنىڭ ئىنسان قىممىتىنى پەسەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ﻫەر خىل ساقايماس مەرەزلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىۋاتقانلىقى ﻫەققىدە سۆزلەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئىتقادسىزلىق __قانداق مەقسەت-نىشان بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەي ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى دەپ بىردەم پاراڭ قىلىپ بەردى. قارىسا شۇنچىلىك ئاددا - ساددا بىر ئادەمنىڭ ئاغىزىدىن چىقىۋاتقان ئاجايىپ گەپلەر روﻫىمنى يەلكىتىپ ۋۇجۇدۇمنى سىلكىۋەتتى. نەچچە ئون يىل ئوقۇپ بولار ئەﻫۋالىم ئاشۇ بولغان مەندەك بىر بىچارە بايقۇش ئۆزۈمدىن تۇنۇگۈنكىدىنمۇ بەتتەر يىرگىنىپ كىتىۋاتاتتىم. بۇ كىشىنىڭ پاراڭلىرىدىكى يارقىنلىقتىن يۈرۈكۈم سىلىپ، كۆزۈم ياشقا ئۇلىشىپ كېتىۋاتسا ماڭا قىلغان مىﻬرىبانلىقىدىن مەن ياشاۋاتقان يەر شارىدىن باشقا بىر پىلانىتقا بىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئارىلىقتا ئادەمنى ﻫاياجانغا سالىدىغان كۆپ ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. بۇ كىشى مېنىڭ ﻫەممە ئىشىمدىن خەۋەر تاپتى. بەزى ئىشلارغا ئىچىندىيۇ مەندىن خاپا بولمىدى. كۈچىنىڭ يېتىشىچە مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالىتىشقا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باش- كۆزۈمنى سىيلىدى. ئىيمان - ئىنسابىمغا قۇۋۋەت تېلەپ دۇئا قىلدى. بۇ كېشىنىڭ ئاشۇ مىﻬرى - مۇﻫەببەت، ئىيمانغا تولغان ۋۇجۇدى ﻫاياتىمنى ئۆزگەرتتى، دۇنيا قارىشىمدا رۇشەن سۈزۈكلۈك پەيدا قىلدى. كۆپ ئويلاندىم، ئىچىندىم ، يىغلىدىم، تەۋبە قىلدىم. مەن بۇ قېتىمقى تەۋبەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەۋبە بولۇپ قىلىشىنى تىلىدىم. شۇنداق قىلىپ كېسەلنىڭ مەنبىينى ئاخىرى تونۇپ يەتتىم. شۇكۇرى...........

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بىر يىل كېچىكىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ مەكتەپتىن كېسەللىك رۇخسىتى ئالدىم.
بىر زات ئەپەندىم ، مەن ﻫازىر بىر ياقتىن داۋالانغاچ، بىر ياقتىن ئۇ كىشىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتىمەن. سالامەتلىك ئەﻫۋالىم تازا ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ ۋۇجۇدۇم سۈزۈك نۇرلارغا چۈمۈلۈپ جەۋلان قىلماقتا.
مەن ﻫاياتىمدىكى بۇ رېئال ﻫادىسسىلەرنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق قىسقىلا بايان قىلاي.ﻫىلىمۇ ئىچىم بوشاپ، يەڭگىللەپلا قالدىم. بىز سۆزىمىزنى توختىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. ياش دوستلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ﻫەمدە مېنىڭ ئۇلارنى ﻫەر چاغ دۇئالىرىمدە ياد ئىتىپ تۇرغىنىمنى بايان قىلىش يۈزسىدىن بۇ خەتنى سىزگە يوللىدىم.  دۇئالىرىڭىزدە ياد ئەتكەيسىز ئىز تورى www.iz.la
2006-يىل
مەنبە: ئەلكۇي تورى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...

  • قەغەز ئۈزۈك

    بۇرۇن بىر يىگىت بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ،گەرچە يىگىت ئۇنچە پۇلدار بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن،ھەم يىگىتمۇ قىزنى شۇنداق قەدىرلەيدىكەن، ھەم قىزنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايدىكەن،ئۇ بەكمۇ تىرىشچان بولۇپ دائىم جاپالىق ئىشل...

  • مىنىڭ بوۋام

    مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ بولسام ئۇنداق بولىمەن، بۇنداق بولىمەن دەيتتىم. چوڭلارنىڭ مەندىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ۋە نېمە بولۇش توغرىسىدىكى سوئاللىرى دائىم دېگۈدەك سورىلىپ تۇراتتى. - چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن، بالام؟ - سوراپ قالدى بوۋام. بۇ دادامنىڭ دادىسى...

  • مۇمام خاتىرسىگە

    مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالاي قېتىم مېڭىپ ئۆتكەن ئاشۇ چىغىر يوللار بىلەن مومامنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارماقتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا ئاجايىپ كەڭرى كۆرۈنىدىغان بۇ ساسلىق ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بارا - بارا تارىيىپ كىچىككىنە بىر ئويمانغا ئايلىنىپ قال...

  • ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزى قورلۇش

    چەت بىر يىزىدا ئىرشات( ئىسىم ئۆزىگەرتىلىدى) ئىسملىك بىر بالا بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئائلىسى ناھايىتى نامىرات ئىدى . ئۇ بۈگۈن بەك خۇشال چۈنكى بۈگۈن يەكشەنبە ئىدى. ئۇ ئاغنلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سەكىرەپ - تاقلاپ يولىدا ئويناپ مېڭىۋاتاتتى قالغان دوسلىرمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن بى...

  • «ياش يۈرەكلەر يالقۇنى»

    يۈرەكتە يانغان ئوت يالقۇنىنى بەدىئىي سۆز ۋاستىلىرىدا كىتاپخاننىڭ قەلبىگە جىز قىلىپ تەگكەندەك ئىپادە ئېتىش ھەر كىمنىڭمۇ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي قابىلىيەت، دىت، مېھنەت ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىنىدۇ. مەزكۇر توپلامدىكى ھىكايىلەرگە شۇ نۇقتىنەزەرد...

  • ئەقىللىق بۆرە

    بۇرۇن بىر تاغدا ناھايىتى ياۋۇز بىر يولۋاس ئۆتكەن ئىكەن. ھەرقانداق كىشى ئۇ تاغىنىڭ قېشىغىمۇ بارالمايدىكەن، تاغىنىڭ پەس تەرپىدە ياشايدىغان كىشلەر تاغ تەرەپلەرگە چىقالمىغاندىكىن ئۇلارنىڭ تىرىكىچىلكى بارغانسىرى تەسلىشىپتۇ. بىر كۈنى ھەممەيلەن بىر نىيەتكە كىلىپ...

  • ئانا ھەققىدە ھېكايە

    توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئانا ھەققىدە ھېكايە ناملىق بۇ چۆچەك ئون بەش دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جاھاندىكى بىھىساب ئانىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. بىر ئانا ئوغلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرات...

  • ئۆزىگە تايىنىش

    ناھايىتى نامرات يىزىدا بىر باي سۇغا چۈشۈپ كىتىپتۇ، - دە قۇتقۇزۇڭلا دەپ ۋارقىراپتۇ، بۇنى كۆرگە ئوۋچى قانداق قىلىشنى بىلمەي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەمىگە مۆرسىدىكى قۇرلىنى ئىلىپ ئۇ ئادەمىگە قارتىپ سۇدىن تىز چىق بولمىسا ئېتىۋىتىمەن. دەپ ئوق چىقارماقىچى بوپتۇ س...