ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار . ئىز تورى ئېچىلىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ئىسىل تىمىللىرى بىلەن ئاۋات بولۇپ كەلمەكتە، بۇنىڭدىن بارلىق تورداشلار ئىنتايىن خۇشال ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىز تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىللىرىغا چوڭقۇر سالام-ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
نەق گەپكە كەلسەك تورداشلارنىڭ بلوگلىرىنىڭ كۆپىنچىىسگە قارىساق نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەسەرلەر ، خەۋەرلەر ،رەسىملەر ئېلان قىلىنىپ تورداشلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ ئەقلى بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان بىر ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى. ئىز توربېكىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ھەم تورداشلارنىڭ توردىكى ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ھەم چەت ناھىيەلەردىكى تورداشلار بىلەن چوڭ شەھەرلەردىكى تورداشلارنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىپ ئورتاق بىلىم ئىگەللىشى ئۈچۈن ،مۇنداق تەكلىپنى بەرمەكچىمەن ؛
كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ ئىسىدە بولىشى مۇمكىن ،تور كونتىرول قىلىنىشتىن بۇرۇن ، ئاينۇرى ، كۆۋرۈك .. قاتارلىق ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش بلوگلىرى ھەم باشقا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش بلوگىلىرى بارئىدى . ھازىر ئۇلار يوق بولۇپ تورداشلارنىڭ ئورتاق ئۆگىنىش سورۇنى تارىيىپ كەتتى ، شۇڭا ئىز تورىدىكى بلوگداشلار ئىچىدە ئىنگىلىزتىلى ياكى باشقا چەتئەل تىللىرى جەھەتتە ياكى باشقا پەنلەردە ئارتۇقچىلىقى بار تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق تورداشلارغا ياردىمى بار بلوگلارنى ياساپ يىراق يېقىندىكى تورداشلارنىڭ ھەمدە قىزىقىشى ئوخشاش تورداشلارنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن .