ئېلاننچىلىق كەسپى: مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېلان ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئايلىق كىرىمى تەخمىنەن 2500 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. ئىچكىرى رايونلاردا 3000 يۈەندىنمۇ ئاشىدىكەن، نۆۋەتتە مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار 6 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 21 - ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ ئېلانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدىكەن. ئىز تورى www.iz.la
مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 21 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئېلىمىزدىكى ئادۋۇكاتلارنىڭ سانى 300 - 400 مىڭ بولىدىكەن. "چەتئەل تىلىدىن خەۋەردار بولۇش، قانۇننى پىششىق بىلىش، ئىقتىسادنى چۈشىنىش" 21 - ئەسىردىكى ئادۋۇكاتلارنى تاللاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىنىدىكەن.
ئىز تورى www.iz.la
ھەقىقىي يوسۇندىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بىر خىل زامانىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇش فورماتسىيىسىدۇر. ئالاقە ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئالاقە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان مەخسۇس كەسىپ بولغاچقا، ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق.
شەكىل تۈزەش ۋە ھۆسىن تۈزەش كەسىپلىرى: بۇ ئەمدىلا گۈللىنىشكە باشلىغان ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ، ئەمما بازارنىڭ يەنىمۇ قېلىپلىشىشى ۋە قانۇن - تۈزۈمنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ساھەنىڭ گۈللىنىش بوشلۇقى تېخىمۇ كەڭرى بولىدۇ.
كومپيۇتېر يۇمۇشاق دېتال لايىھىلەش كەسپى: ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1996ـ يىلىدىن 2006ـ يىلىغىچە ئېلىمىز بىر مىليون نەپەر يۇمشاق دېتال كەسپى خادىملىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان. بۇ يىلمۇ بۇ ساھە بويىچە 100 مىڭدىن 400 مىڭغىچە ئورۇن بوش قالغان. ھازىر ئېلىمىزدە يۇمشاق دېتال لايىھىلەش خادىملىرىدىن جەمئىي1 مىليون 980 مىڭى بولۇپ، شەخسلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. www.iz.la
ئاكسىيە ۋاستىچىلىك كەسپى: بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ پاي چېكى بازىرى ئۆزىنىڭ رولىنى بارغانسېرى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاكسىيە ۋاستىچىلىرىگىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كىرىمىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. www.iz.la
ئۆي - مۈلۈك كەسپى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي مۈلۈك كەسپى كۆزنەك كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى، لايىھىلەش ئىنژېنېرى، مەنزىرە ئىنژېنېرى قاتارلىق ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھيىياج كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ ئىز تورى www.iz.la