قىز ئوغۇللار ئۆزئارا ئارىلىشىپ مىجەزى كېلىشكەندىن كېيىن توي قىلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى ئويلايدۇ. ھازىر نۇرغۇن شەھەرلىك ياشلار مۇھاببەتلىشىش مەزگىلىدە، بىرلىكتە ئۆي سېتىۋېلىشقا تېرىشىدىغان بولدى. ئەمما، تويدىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى قانداقمۇ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولسۇن! ناۋادا تاسادىپى بىر تەرەپ توي قىلىش نىيىتىدىن يېنىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسىچۇ؟ ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىش كېرەك؟ سېتىۋالغان ئۆينىڭ قەرزىنى كىم قايتۇرىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ياشلار ئەستايىدىل ئويلىشىشى لازىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
تويدىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغاندا، ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىشنى ياخشى مەسلىھەتلىشىش كېرەك. " يېڭى نىكاھ قانۇنى" دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تويدىن ئىلگىرىكى مال _ مۈلۈك ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدۇ. توي قىلىش سەۋەبلىك تويدىن بۇرۇنقى مال - مۈلۈك ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مۈلكى بولۇپ قالمايدۇ. ئەمما ئورتاق بولۇش توغۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. كەسپى خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تويدىن ئىلگىرى سېتىۋالغان ئۆيگە ئىككى تەرەپ ئورتاق پۇل چىقارغان، ئەمما ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە بىر تەرەپنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ يۈز كېلەلمەسلىك ياكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئويلاپ ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئۆي - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلمىغان ئەھۋالدا، ناۋادا تويدىن كىيىن ئىككى تەرەپ كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاجىرىشىپ مال - مۈلۈكنى ئايرىيدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە، يەنە بىر تەرەپنى قانۇن قوغدىمايدىكەن. دېمەك بۇنىڭدا يەنە بىر تەرەپ پايدىسىز ئورۇندا چۈشۈپ قالىدىكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەمەلىيەتتە ئۆي سېتىۋالغاندا مەيلى يېڭى ياكى نىمكەش ئۆي بولسۇن ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىدە چوقۇم ئىككى تەرەپنىڭ ئىسمى بولۇشى لازىم. ئۆي ئىگىدارلىق كىنىشكىسىگە ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى يېزىلغاندا بۇلار چوڭ ۋە كىچىك مۈلۈك ئىگىسى دەپ ئايرىلىدۇ. ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆزىگە تەئەللۇق ئۈلۈشىگە ئاساسەن مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا، بۇنىڭدا تالاش - تارتىشمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋالىدىغانغا يېتەرلىك پۇلى بولمىغاچقا ئاتا - ئانىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆي سېتىۋالغاندا ناۋادا ئۆي كىنىشكىسىگە ئىككى تەرەپنىڭ ئىسمى يېزىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئايرىم بىر كىلىشىم تۈزۈلىشى كېرەك. چۈنكى، ئىككى تەرەپ ناۋادا ئاجىرىشىپ كەتسە، ھېچقانداق كېلىشىم ياكى ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا، ئاتا - ئانىسىنىڭ چىقارغان مەبلىغى ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ ئىگىدارلىقىغا تەۋە دەپ قارىلىپ، ئاتا - ئانىسى بۇ پۇلنى قايتۇرۋالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ئاتا - ئانىسى ياردەم قىلسۇن، ياكى دوست - بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئالسۇن، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى مەبلەغ چىقارغان تەرەپنى چوقۇم ئېنىق ئىزاھلاپ قويۇش، كىيىنكى تالاش - تارتىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قلىدۇ.