بىرىنچىدىن، سۈزۈكلۈكىگە قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ھەقىقىي قاشتېشى سۈزۈكرەك بولۇپ، مايلىشىپ قالغاندەك پارقىرايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىككىنچىدىن، ئاۋازدىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. راست قاشتېشىنىڭ ئاۋازى زىل، جاراڭلىق بولىدۇ. ساختىسىنىڭكى بوغۇق كېلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۈچىنچىدىن، سىناش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. قاشتېشى بىلەن ئەينەككە سىزغاندا، ئەينەكتە ئىز قالىدۇ، قاشتېشى ھېچنىمە بولمايدۇ. ساختا قاشتېشى پالستماسسا، رەڭلىك ئەينەك، مەرمەر قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. قاشتېشى كۇكۇندىسىغا كرىستال قوشۇپ، تۇزلۇق سۇدا ياسىلىدىغانلىرىمۇ بار. پلاستىماسسىدىن ياسالغان ساختا قاشتېشى راست قاشتېشىدىن يېنىك، بوش كېلىدۇ، ئۇنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان. رەڭلىك ئەينەكتىن ياسالغان ساختا قاشتېشى راست قاشتېشىدىن يېنىك، بوش كېلىدۇ، ئۇنى پەرقلەندۈرۈشمۇ ئاسان. رەڭلىك ئەينەكتىن ياسالغان ساختا قاشتېشىنى چىراغ نۇرىغا تۇتۇپ سىنچىلاپ قارىغاندا، ئەينەكتىكى ئۇششاق كۆپۈكچىلەر كۈرۈنىدۇ. قاشتېشى كۇكۇندىسىگە كرىستال قوشۇپ، تۇزلۇق سۇدا ياسىلىپ، توك ئارقىلىق رەڭلەنگەن ساختا قاشتېشىنى پەرقلەندۈرمەك بىرقەدەر تەس. چۈنكى، بۇ ناچار قاشتېشىغا توك بىلەن ھەللەپ زۇمرەتتەك يېشىل رەڭ بېرىلىدۇ. ئەمما، ئانچە - مۇنچە كۆك سىزىقچىلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇ سىزىقچىلار يېرىق بولۇپ، ھەل برىلىۋاتقاندا پەيدا بولغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى " ئۆمۈچۈك پۇتى" دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇنى قىزىق ياغقا سالغاندا، توكتا ھەل بېرىلگەن رەڭ يوقاپ، ئەسلى ھالىتى نامايەن بولىدۇ. شۇڭا ئىستېمالچىلار قاشتېشى سېتىۋالماقچى بولغاندا راست بىلەن ساختىسىنى ئوبدان پەرقلەندۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن