ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

ۋاقتى:2009-10-04 11:02مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تو تەھىرىر:admin چېكىلىشى:قىتىم
بىر ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە، بىر نامرات ئادەم بولۇپ، بىر باي ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. باي ئۇنىڭغا بىر كالا بېرىپ، بوز يەر ئېچىشنى تاپىلاپتۇ ۋە ئەتىيازدا ئۇ يەرنى تېرىسا كۈز كەلگەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيت
  

    بىر ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە، بىر نامرات ئادەم بولۇپ، بىر باي ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. باي ئۇنىڭغا بىر كالا بېرىپ، بوز يەر ئېچىشنى تاپىلاپتۇ ۋە ئەتىيازدا ئۇ يەرنى تېرىسا كۈز كەلگەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. كەمبەغەل زور ئۈمۈد بىلەن ئىش باشلاپتۇ. لېكىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا كالىسىغا يەم - خەشەك، ئۆزىگە يېمەكلىك تېپىپ بولالماي بۇرۇنقىدىنمۇ قىيىن ئەھۋالغا قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كەمبەغەل: كالىنى سېتىۋېتىپ بىر نەچچە قوي ئالغىنىم تۈزۈككەن، ئاۋۋال بىر قوينى ئولتۇرۇپ يەپ تۇرۇپ، قالغانلىرىنى تۆللەتسەم، چوڭ بولغانلىرىنى ئاپىرىپ ساتسام تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولغۇدەك، دەپ ئويلاپتۇ ۋە شۇنداق قىپتۇ. لېكىن بىر قوينى يەپ بولغاندىن كېيىن قويلار ئۇزۇنغىچە تۆللىمەي، تېخىمۇ ناچار كۈنگە قاپتۇ. كەمبەغەل بۇ چاغدا: مۇنداق كېتىۋەرسەم بولمايدۇ. قوينى سېتىپ بىر نەچچە توخۇ ئالسام بولغۇدەك، توخۇلارنى كۆپرەك تۇخۇم تۇغدۇرسام، تۇخۇم سېتىپ پۇل تېپىپ كۈنۈممۇ تېزلا ياخشىلىنىپ كەتكۈدەك، دەپ ئويلاپتۇ. دەرۋەقە ئۇ پىلانىنى يەنە ئويلىغىنىدەك ئورۇنلاپتۇ. لېكىن تۇرمۇشى ياخشىلانماپتۇ، بەلكى يەنىمۇ قىيىنلىشىپتۇ. ئۇ ئاچلىققا چىدىيالماي توخۇلىرىنى بىر توخۇسى قالغۇچە ئۆلتۈرۈپ يەپ تۈگۈتۈپتۇ. ئۇنىڭ غايىسى شۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي بەربات بولۇپتۇ. ئۇ: باي بولۇشتىن ئۈمۈد قالمىدى. ئەمدى بۇ بىر توخۇنى سېتىپ ھاراق ئېلىپ ئىچىپ پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كېتەيچۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ھايت ھويت دېگۈچە باھار كەپتۇ. ساخاۋەتچى باي چوڭ ئىشەنچ بىلەن ئۇرۇق ئەكىلىپ بەرگىلى كېلىپ، كەمبەغەلنىڭ سوغۇق سەي بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغىنىنى، كالىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆيىنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك قۇپقۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كەينىگە يېنىپ كېتىپ قاپتۇ، كەمبەغەل يەنىلا نامرات پېتى قاپتۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   نۇرغۇن نامراتلاردا ئارزۇ ئىستەكلەر بولغان، ھەتتا پۇرسەتكە ئېرىشىپ ھەرىكەتمۇ قىلىپ باققان، لېكىن ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلمىغان. بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ سىرى، پۇل يوق ھەرقانچە قىينالغان تەقتىردىمۇ دەسمى پۇلغا قەتئىي چېقىلماسلىقتىن ئىبارەت بولغان. بېسىم سىزنى پۇل تېپىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئويلاپ چىقىشقا، بىر ئامال قىلىپ قەرزلىرىڭىزنى قايتۇرۇشقا مەجبور قىلىدۇ، بۇ بىر ياخشى ئادەت. مىجەز ئادەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەت مۇۋەپپەقىيەتنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتلەردە ئۆزگىرىش ياساش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ:

ياخشىكەن
(25)
86.2%
ئالقىشلايمەن
(4)
13.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • بىز خەجلىگەن پۇللار قانداق باج تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

    خەجلىگەن ھەر قانداق پۇلىمىز ئادەتتە باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بىز بۇنى دەماللىققا تونۇپ يېتەلمەيمىز. 2006 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ باج كىرىمى 200 مىليون كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىن...

  • ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال-دۇنيا قارىشى

    ئامېرىكىدا بايلارنىڭ شەخسىي ئىستېمالى ئۈچۈن پۇلنى سۇدەكبۇزۇپ - چېچىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇلار پۇلنى كۆپىنچە خەير - ساخاۋەتئىشلىرىغا سەرپ قىلىدۇ. مەلۇم بىر ژورنال ئېلان قىلغان خير- ساخاۋەت مۇنبىرى دىكى سانلىق مالۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، يېقىنق...

  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

    بىر ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە، بىر نامرات ئادەم بولۇپ، بىر باي ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ. باي ئۇنىڭغا بىر كالا بېرىپ، بوز يەر ئېچىشنى تاپىلاپتۇ ۋە ئەتىيازدا ئۇ يەرنى تېرىسا كۈز كەلگەندە نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيت...

  • ياشانغانلار سىفىرلىق ئاپپارتنىڭ قاندىغىنى سېتىۋالسا بولىدۇ

    ياشانغانلارنىڭ سىفىرلىق ئاپپارت سېتىۋالغاندا كىچىك، يېنىك بولۇشنى ئاۋال ئويلىشىش لازىم. ئادەم ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىن، بەدەن كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئېغىرراق نەرسىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقمىقى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ياشانغانلار يېنىك، كىچىك سىفىرلىق ئاپپار...

  • قاش تىشىنىڭ ساختسىنى قانداق پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ

    بىرىنچىدىن، سۈزۈكلۈكىگە قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ھەقىقىي قاشتېشى سۈزۈكرەك بولۇپ، مايلىشىپ قالغاندەك پارقىرايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاۋازدىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. راست قاشتېشىنىڭ ئاۋازى زىل، جاراڭلىق بولىدۇ. ساختىسىنىڭكى بوغۇق كېلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، سىناش ئارق...