خەجلىگەن ھەر قانداق پۇلىمىز ئادەتتە باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن بىز بۇنى دەماللىققا تونۇپ يېتەلمەيمىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2006 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ باج كىرىمى 200 مىليون كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولدى. ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر باج كىرىمىنىڭ بۇنچە زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەھەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك باج تاپشۇرىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلمىگەچكە، تاپشۇرغان بېجىغا ئىچى سىيرىلىدۇ. ئەمما شەخسلەر تاپاۋەت بېجى بارلىق باج كىرىمىدە ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ. 2004 - يىلىنى مىسالغا ئالساق، دۆلىتىمىزنىڭ شۇ يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى 173 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولدى. ئەمما ئومۇمىي باج كىرىمى بولسا 2 تىرلىيون 416 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئومۇمىي باج كىرىمىنىڭ ئاران 7.2 پىرسەنتىنلا ئىگىلىدى. ئۇنداق بولسا، قالغان 92.8 پىرسەنت باجنى كىملەر تاپشۇرىۋاتىدۇ؟ بۇ باجلارنى يەنىلا پۇقرالار تاپشۇرىۋاتىدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ باج تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. چەتئەللىكلەر باھا بىلەن باجنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيدۇ. سىز خەجلىگەن پۇلنىڭ قانچىلىكى باھا، يەنە قانچىلىكى باج ئىكەنلىكىنى سىزگە ناھايىتى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. دۆلىتىمىزدە باھا بىلەن باج ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن بولغاچقا، كىشىلەر ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك باج تاپشۇرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. مىسالەن، 100 يۈەنلىك توك پۇلى تاپشۇرغان بولسڭىز، بۇ 100 يۈەننىڭ 17 پىرسەنتى قوشۇلما قىممەت بېجىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، قالغان 85.47 يۈەننى ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ كىرىمىگە ئايلىنىپ، مائاش تارقىتىش، خام ئەشيا سېتىۋېلىش دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تەننەرخلەر ئۈچۈن چىقىم قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مائاشقا ئاجىرىتىلغان پۇل يەنە شەخسلەرنىڭ كىرىمىگە ئايلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى توك پۇلى تاپشۇرۇش، تاللا بازىرىدىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈن چىقىم قىلىدۇ، تاپشۇرۇلغان توك پۇلىنىڭ يەنە 17 پىرسەنتى ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىگە ئايلىنىدۇ. بۇ مانا مۇشۇنداق بىر خىل تەكرار ئايلىنىش جەريانىدۇر.