بىرىنچى، سەۋر قىلىڭ، پۇرسەت كۈتۈڭ، جانلىق بولۇڭ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ پاي بازىرىدىكى باھا كۆرسەتكۈچى %50 چۈشۈپ كەتتى. خېيىمخەتەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ ياكى پاي بازىرى يەنە داۋاملىق تەڭشىلەمدۇ؟ داۋاملىق تەڭشەلسە، يەنە قانچىلىك تەڭشىلىدۇ؟ بۇلار، كېيىنكى يېرىم يىلدا فوندقا مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، تاكتىكىڭىزنى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس تەڭشەپ تۇرمىسىڭىز، كېيىنكى يېرىم يىلدا فونقا سالغان مەبلىغىڭىزدىن ئويلىغىنىڭىزدەك پايدا ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
سودىگەر چاقىرىش ئاكسىيىسىنىڭ تەھلىلچىسى ۋاڭ دەننى مۇنداق دەيدۇ: بازارنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ئېنىق بولمىغاندا، فونقا مەبلەغ سالغۇچىلار بازار خېيىمخەتىرىدىن ساقلىنىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشى لازىم. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەڭ ياخشى چارە يەنىلا پۇرسەت كۈتۈشتىن ئىبارەت. " شېنيىن ۋەنگو" ئاكسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى جۇيۈن مۇنداق دەيدۇ: ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلىگەندە، پاي شەكىللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى زايوم شەكىللىك فوندنىڭكىدىن كۆپ. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە پاي شەكىللىك فوندلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى يارىتىلىشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
"سەددىچىن" ئاكسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى يەن خۇڭنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە فوندقا مەبلەغ سېلىشتا، فوندنىڭ پاي تاللاش ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىنى ئوبدان دەڭسەشكە توغرا كىلىدكەن. ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئەلا فوندلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالسا، قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار كۆرسەتكۈچ شەكىللىك فوندلارنى ئاساس قىلسا بولىدىكەن. بازاردىكى قىسقا مەزگىللىك تەڭشەش ئاياغلىشىپ، ياخشى پاي ۋە فوندلارنىڭ باھاسى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەندە، مەبلەغ سالغۇچىلار ياخشى فوندلارنىڭ ۋەكىلى بولغان شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 50 پايلىق فوندنى سېتىۋالسا؛ بازاردىكى فوندلارنىڭ باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆرلىگەندە، شاڭخەي، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسىدىكى 100 پايلىق فوندنى سېتىۋالسا؛ شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىدىكى ئۇنىۋېرسال پاي باھاسى كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىدىغان پايلارنىڭ باھاسى بىر ئىزىدا توختىغاندا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پايلىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىنى قوغلىشىدىغان فوندنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.