ئىرادە ۋە ئىرادىسىزلىك
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت
ئىز تورى بەك ياخشى
نېمىشقىدۇر بۈگۈن شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ بىر پارچە خاتىرە يازغۇم كېلىۋاتىدۇ. سائەتمۇ ئاللىبۇرۇن كېچە 1:33 بولۇپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا بۇ خاتىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن ئۇخلىمىسام زادى بولمايدۇ( مۇشۇنداقلا ئۇخلىسام بەرىبىر ئۇيقۇم كەلمەيدۇ.)
ئىلگىرى مەن ئىرادە توغرىسىدا ئانچە كۆپ باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن. بۈگۈن تۇيۇقسىز بۇ تېمىدا ئويلىنىپ قالدىم. بۈگۈن مەن يېقىندا ئېلىپ بارماقچى بولغان پىلانىم توغرىسىدا بىر پىلان-لايىھە يازغان ئىدىم، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بىر دوستۇمغا يولۇقۇپ قالدىم، بۇ دوستۇم يەنە بىر دوستى بىلەن بىر ئىكەنتۇق. ئىلگىرى بۇ دوستۇم بىلەن بەك يېقىن ئۆتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز بىرگە تاماق يېيىشكە ئاشخانىغا باردۇق. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ دوستۇمنى ئىزدەپ ئۆز پىلانىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ئويلىغان بولغاچقا بۈگۈن يولۇقۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يېگەچ پىلانىم توغرىسىدا پاراڭلىشىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. ئارىلىقتا بىر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن مەن پىلان-لايىھەرىمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم (چۈنكى مەن ئۇنى ئىزدەش خىيالىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاندا ئۇ نېمە ئىش ئۈچۈنلۈكىنى سورىغان ئىدى، مەن سەل تۇرۇپ ئاشخانىدا دەپ بېرەي دېسەم ئۇ دوستىنىڭ ئالدىدا مەخپىيمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. شۇڭا دوستۇم بىلەن يېقىن ئۆتكەچكە دوستۇمنىڭ دوستىمۇ مېنىڭ دوستۇم بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەلۋەتتە يۇقىرى دە!) بىراق، پىلان-لايىھەرىمنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بولۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم. دوستۇمنىڭ بىرىنچى بولۇپ قايتۇرغان ئىنكاسى: نەتىجىسى قانداق بۇلار؟ دېيىش بولدى. دوستۇمنىڭ دوستىنىڭ ئىنكاسى بولسا پىلاننىمۇ ئوقۇپ باقماستىن (ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا بۇنداق پىلان-لايىھەلەر ئىمتىھان سوئالىغا ئوخشايمىش، شۇڭا پەقەت بېشىدىكى بىر ئابزاسنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئابزاسنى ئوقۇپ قويسا كۇپايە قىلارمىش) ماڭا قاراپ «كۈلۈش» بولدى خالاس. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پوزىتسىيىسىدىن مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقان ياكى مەندىن مەمنۇن بولۇۋاتقانلىقىنى ئايرىيالمىدىم، مېنىڭچە ئالدىنقىسىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرىراققۇ دەيمەن. مەنمۇ ئۇ دوستۇمنىڭ دوستىنىڭ مەندىن مەمنۇن بولۇشىغا تەشنا ئەمەس.