بىرىنچى، كېچىلىك بازار ۋاقتىدىكى باھا ئۆزگىرىشى. دۈشەنبە كۈنىدىن پەيشەنبە كۈنى كەچكىچە ئامېرىكا ئالتۇن بازىرىدا سودا ئەڭ قىزىيدىغان، ئاشكارا باھا چاقىرىدىغان ۋاقىت 4 سائەت 40 مىنۇتقا جىپسىلاشقان، بۇ ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار قىسقا لىنىيە ئارقىلىق مەبلەغ ئۈنۈمىگە ئېرىشىدۇ.
ئىككىنچى، كاپالەت سوممىسى پىشاڭ سودىسىدىن ئالىدىغان پايدا بىلەن خەتەر ئوخشاش. ھازىر بەزى بانكىلارنىڭ (D+T)Au كاپالەت سومما نىسبىتى %12 بولۇپ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 8.33 ھەسسە پىشاڭى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى توغرا تاللىسىلا، ئالتۇن باھاسىنىڭ %1 لىك ئۆزگىرىشى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار كاپالەت سوممىسى ئارقىلىق %8.33 پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ئەكسىچە، زىيان خەتىرىمۇ %8.33 زورىيىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۈچىنچى، ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈش كېرەك. ھەر قېتىم مەبلەغ سېلىشتىن ئىلگىرى، مەبلەغ سالغۇچى مەشغۇلات قىلىش مۆھلىتى، پايدا – زىياننى تىزگىنلەش نۇقتىسى ۋە پايدا ئېلىش نۇقتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، مەبلەغ سېلىش پىكرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەيپىياتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك.