ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ گېپى تولا. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئايانكى ئاياللار ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 20 مىڭ ئېغىز، ئەرلەر ئاران 7000 ئېغىز سۆز قىلىدىكەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەر – ئاياللار ئارىسىدا بۇنداق زور پەرق بولىدۇ؟ تەتقىقاتچىلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا تۆت ياش بىلەن بەش ياش ئارىلىقىدىكى ئوغۇل – قىزلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سكاننېرلىغان، نەتىجىدە، قىزلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى بىر خىل ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئوغۇللارنىڭكىدىن %30 يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئاقسىل تىل ئىقتىدارىغا مەسئۇل بولىدىغان بىر خىل گېندىن ھاسىل بولۇپ، قىزلارنىڭ تىل ئىقتىدارىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى ئىز تورى www.iz.la
