app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

لەڭپۇڭ يىگەن كەچ ( قىزقارلىق ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-19 17:37مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
لەڭپۇڭدىن يىگەن كەچ بىركۈنى بىرقانچە قىز ساۋاقداشلار يىغىلىشىپ ، يىراق يېزىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن ھال - ئەھۋال سوراش ئۈچۈن يېزىغا يوقلاپ باردۇق . شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا قونۇپ قېلىشىمىز ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۆيدىكىلەرگە ئەھۋالنى دەپ قويۇپ چىققان ئىدۇق . ھەممىمىزنىڭ ياش چاغلىرى بولغاچقا بۇ يېزىدىكى قىزلار بىلەن ئولتۇرۇشىمىز قىززىپ كەتتى ، بۇ چاغلاردا يېزىدا نە رېستوران ، نە تانسىخانا بولسۇن ؟ بىز ئاشۇ ئوقۇتقۇچى قىزلار ياتىقىدا ھەممىمىز قول - قول تۇتۇپ تاماقلارنى ئېتىپ شىرەگە تىزىۋەتتۇق . قوشنا ياتاقتىكى بىر قىز ساۋاقدىشىمىز ئۆزى ئۇيۇتقان لەڭپۇڭنى ئوخشىغان ئاچچىقسۇ ، مۇش قىيامى بىلەن تەڭشەپ ئەكىرىپتىكەن ھەممىمىز لەڭپۇڭغا ھۇجۇم قىلىپ كېتىشتۇق . ئۇ چاغلاردا گۈلدەك چاغلىرىمىز بولغاچقا بىر - بىرىمىزدىن زىلۋا چىرايلىق ئىدۇق . ئوينىغان ئۇسۇل -تانسىلىرىمىزنى دىمەيلا قوياي شۇنداق قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە سورۇنىمىز ئاخىرلاشتى . بۇچاغ كېچە سائەت 10 دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى ، بىز جىق بولغاچقا بىر ياتاققا پاتماي بىرقانچە ياتاققا بۆلۈنۈپ قىستىلىشىپ بىر كېچىنى تاڭ ئاتقۇزدۇق. تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى ، بۇ چاغدا مۇشۇ ياتاقتىكى تەمبەل ، مىجەزى چۇس تەنتەربىيىچى ساۋاقدىشىمىز ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مەشكە ئوت قالاپ قازاننى ئېسىپ سۇ ئىسىتىپ ئىۋرىققا سۇنى ئېلىپ ساپما كەشىنى سۆرىگىنىچە شالاپشىتىپ تالاغا چىقىپ كەتتى . بىر چاغدا بىلمەيلا قالدۇق ئۇ قولىدا ئىۋرىق تالادىن ئىشىكنى تەپكىنىچە ئىشىكنى ھاڭ ئېچىپ ئاغزىنى بۇزۇپ قىزلارنى تىللىغىنىچە كىرىپ كەلدى ، ھەممىمىز ئۆرە تۆپە بولۇپ كېتىشتۇق . ئەسلىدە ھېلىقى لەڭپۇڭ ئۇيۇتقان ساۋاقدىشىمىز ئالدىراپ كېتىپ مۇش قېقىنى قازاندىكى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بىر قاينىتىۋېتىپ ئاندىن مۇشنى چاناپ قىيام ئەتكەن ئىكەن ، ئۇ سورۇنغا ئالدىراپ كېتىپ قازاننى يۇيماي شۇ پېتى قويۇپ قويغان ئىكەن . بۇنى بىلمىگەن ھېلىقى تەنتەربىيىچى ساۋاقدىشىمىز قازاندىكى شۇ سۇنى ئىسسىتىپلا شۇ سۇدا بامداتقا تاھارەت ئېلىپتۇ . تالادىكى سوغۇقنىڭ ئۈششۈكى ، مۇش قىيامىنىڭ ئاچچىقى تەڭ قوشۇلۇپ بىرلا تۇتۇپتىكەن ، ئاچچىقىدا ئېچىشقىنىغا چىداپ بولالماي ئۇ بىچارە شۇ تالادىن چىچاڭشىغىنىچە بىزنى تىللىغانىكەن . كاساپەت مۇش قىيامى تازا سورتلۇق مۇش قىيامىكەنتۇق . ساۋاقدىشىمنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتىدۇ ، تىللاۋاتىدۇ ، يىغلاۋاتىدۇ ، تەرەپ - تەرەپكە ساراڭ پاقلاندەك تىپىرلايتتى . ئاخىرى چىداپ بولالماي ئىشتان - كۆڭلەكنى سېلىپ تاشلاپلا :نىمىگە قاراپ ھىجىيىشىپ تۇرىشىسەن يەلپۈشە دەپ بىزگە قول شىلتىپ تىللاپ ھەممىمىزنى ھەربىيدەك سەپكە تۇرغۇزۇۋەتتى. بۇ قىشتا نەدىمۇ يەلپۈگۈچ بولسۇن . ھەممىمىزنىڭ قولىدا شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى ،يەلپۈۋاتىمىز ...... تىللاۋاتىدۇ .....يىغلاۋاتىدۇ .... يەلپۈۋاتىمىز .... ئاخشام يېگەن لەڭپۇڭنى بۇرنىمىزدىن بۇلاق چىقىرىۋەتتى . ھېلىقى لەڭپۇڭچى ساۋاقدىشىمىزنىغۇ تىللاپ سېسىتىپ ، مەينەتلىكىدىن بىر ئۆمۈر ئەرمۇ ئالماس دەپ قاغاپ بىر قىلىۋەتتى . مىنىڭ شەيتىنىم كۈچلۈك بولغاچقا ، قىزىرىپ قالغىنىغا قاراپ چىداپ بولالماي كۈلۈپ تېلىقىپ ئاۋازىم تېشىغا چىقىپ كەتتى . قورقۇپ تۇرغان قىزلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى . ئۇيەنە قول شىلتىپ - يەلپۈشمەمسەن .....- دەپ تىللىغىلى تۇردى . ئالاھەزەل بىرەر سائەتتەك كەسكىن كۈرەشتىن كىيىن بېسىقىپ جېدەلمۇ تىنجىدى . بىزمۇ ئىشتىن توختاپ ئۇفففففففففففف دەۋالدۇق . ناماز ئوقۇپ ساۋاب تاپىمەن دېگەن بۇ ساۋاقدىشىمىز ساۋاب ئۇياقتا تۇرسۇن ئاغزىنى بۇزۇپ ھەممىمىزنى تىللاپ بىرمۇنچە گۇناھىمىزنى ئارتىۋالدى . ھەر قېتىم لەڭپۇڭ ئىچكەندە شۇ ئىش يادىمغا كېلىدۇ . ئەستىن چىقماس شۇ ئىشلار . ئۈندىدار: سۇپىسى
ياخشىكەن
(24)
92.3%
ئالقىشلايمەن
(2)
7.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس