ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى بەك ياخشى
بىز نىڭ قورونىڭ دوقمىشىدا تۇخۇم ساتىدىغان بىر ئايال بار .ئۇ ئايال گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما كۈندە قورونىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ تۇخۇم ساتاتتى.بىر كۇنى سەي ئىلىپ كىرگىلى قورونىڭ ئالدىغا چىقىپ،سەي ئىلىپ بولۇپ بىردىنلا ئۆيدە تۇخۇم تۇگىگەنلىكى يادىمغا يىتىپ ئۇ ئايالنىڭ قىشىغا بىرىپ تۇخۇم ئالماقچى بولدۇم.ئاچا تۇخۇمنى قانچىدىن ساتتىڭىز؟24 كويغا 20 نى ساتتىم،قانچىلىك ئالىسىز ئۇكام ؟بىر پەنزە بىرىڭ.بۇ يارلىك تۇخۇممۇ ؟ھە ئە .....ئوزۇم باققان توخۇنىڭ تۇخۇمى.باشقا خىلدىكى تۇخۇمدىن ئالماقچى بولسىڭىز ئۇ مۇ با !ياق بولدى .مۇشۇ تۇخۇمدىن ئىلىۋىرەي!ئاچا كۇنىگە قانچە پۇل تاپالايسىز !ھەي..... مۇشۇ سودا بىلەن بولغان كۇنلىرى 50-60 كوي تاپىمەن.ئەمما ناچار كۇنلىرى 20-30 كوي ئاران تاپىمەن.مۇشۇ تۇخۇملانى ساتسىڭىز سىزگە قانچىلىك پايدا قالىدۇ؟بىز دىققان خەق جىق پايدىنى قوغلاشمايمىز.ئىشقىلىپ ئىككى بالامنى بىمالال باقالايمەن. ..................يولدىشىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟ يولدۇشۇم رەھمەتلىك بۇرۇنلا تۇگەپ كىتىپ ئىككى بالا ماڭا قالدى.خوتۇن خەق دىگەن ئاجىز بولدىكەنمىز .ئىتىز -ئىرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ بولالمىدىم.شۇڭا ئۆيدىكى توخۇلانىڭ تۇخىمىنى سىتىپ ئۆينى قامداۋاتىمەن.چوڭ قىزىم بۇيىل تولۇقسىزغا چىقتى.كىچىك ئوغلۇم باشلانغۇچىنىڭ 6 - سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ.ئاللا خالىسا ئۇلارنى ئاخىرگىچە ئوقۇتۇش ئارزۇيۇم با !ھە......مەن تۇخۇمنى ئىلىپ پۇلنى بىرىپ قوروغا كىرىپ كەتتىم .كىين مەن بىرنەچچە كۇن چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ قالدىم.شۇ مەزگىلدە تۇخۇم ساتقۇچى ئايالنىڭ جاپا تارىتساممۇ باللىرىمنى ئوقۇتىمەن دىگەن.سۆزى پەقەت كاللامدىن كەتمىدى.دىمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ.بىردىققان ئايالنىڭ ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنى بىقىپ.تەربىيلەپ.ئوقۇتمىقى ئاسانمۇ.ھازىر شەھەردە ياشايدىغان نۇرغۇن بالىلار ئاتا -ئانىسىنىڭ ھوقوقى،ۋە پۇل-مىلىغا ئىشىنىپ ئويۇن تاماششا قىلىپ يۇرشىدۇ.ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارغا بالام ياخشى ئوقۇغىن دەپ تەربىيە قىلىشنىلا بىلىدۇ .ئەمما بالام كىملە بىلەن ئارلىشىۋاتىدۇ.نەلەردە يۇرىدۇ،بۇنىڭغا دىققەت قىلىشمايدۇ.بىركۇنلەدە بالىرىلى يامان يولالغا مىڭىپ قالسا بالامنى يامان باللا ئازدۇرۇپتۇ دىيشىدۇ.ئەمما بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ نابۇت قىلغانلىقلىرىنى ئويلاشمايدۇ.مەن ھەرقىتىم دوسلىرىم بىلەن تورخانىغا كىرسەم ئۇيەردە نۇرغۇن 14-15 ياشلانىڭ قارسىنى ئالغان بالىلارنىڭ پۇتۇن دىققىتى بىلەن تور ئويۇنى ئويناۋاتقىنىنى كۆرىمەن.گەرچە قانۇن 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ تورخانىغا كىرشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ ئەممايەنىلا بەزىبىر تورخانىلار پايدا ئىلىشنىلا ئويلاپ،بالىلارنىڭ تورخانىغا كىرشنى توسماي بەلكى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ بىرۋاتىدۇ.مەن ئۆيگە كىلىپ ،بىركۇنى سىرىتقا بىر ئىش بىلەن كىتىپ بىرىپ قورونىڭ ئالدىغا چىقىشىمغا،بىر بۇلۇڭدا پاراڭلىشىۋاتقان بىرجۇپ قىز-يىگىتكە كوزۇم چۇشۇپ قالدى.يىگىت پادىچىلار شىمى كىيۋالغان بولۇپ.تۇرقىدىن كوچا باللىرىغا ئوخشايتتى.ئەمما قىز ئاددىيلا كىيىنگەن بولۇپ.قىزنىڭ چىرايىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.يىگىت قىزغا توختىماي بىرنىلىمەرنى دەۋاتاتتى.مەن ئالدىراش ماڭغاچقا ئۇلارنىڭ يىنىدىن تىزلا ئۆتۇپ كەتتىم.كىيىن مەن ئۇلارنى پات -پات قورونىڭ ئىچىدە كۆرىدىغان بولدۇم.بىركۇنى تۇخۇم ئالغىلى قورونىڭ ئالدىغا چىقىپ يەنە ئۇ ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئاچا باللىرىڭىزنىڭ ئوقۇشى قانداقراق؟ھەي ئۇكام ...ھازىر مەكتەپلەنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك يۇقىركەن.چوڭ قىزىم پات-پات مەكتەپ پۇل ئەكىلىڭ دىدى.دەيدۇ.ھازىر ھەپتىسىگە مەكتەپكە 100 يۇەن ئەتراپىدا كىتىۋاتىدۇ.ئەگەر شۇنداقلا بولسا ئوغلۇم تولۇقسىزغا چىقسا ئىككىسنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قاندامۇ قىلارمەن......مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم....ھازىر مائارىپ ھەممە يەردە ھەقسىز بوپ كەتكەن تۇسا،مەكتەپ نىمىگە پۇل يىغىدىكەن.دەپ سورىدىم !ھەي ....ئۇكام..قىزىمنىڭ مىجەزى بەك چۇس نىمگە پۇل يىغىدۇ دەپ سورىساملا،ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمىسەم ،مەكتەپتىن ھەيدىۋىتىدۇ.دەيدۇ ئامال يوق ئوقۇش پۇلىنى بىرىپ مەكتەپكە يولغا سالىمەن.تۇيىقسىز بىر چىرايلىق كىيىنگەن 15-16 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىز يىنىمىزغا پەيدا بولدى .....!ئاپا ...تۇخۇمنى سىتىپ بولدىڭمۇ ؟دىدى ئۇ قىز ئۇئايالنىڭ قىشىغا كىلىپ!ياق قىزىم ...تىخى سىتىپ بولمىدىم.بۇگۇن بالدۇر كەپسەنغۇ ،شۇ مۇئەللىمنىڭ مىجەزى يوقكەن بۇگۇن بالدۇر قويۇپ بەردى.مەن تۇخۇمنى ئىلىپ ئۆيەگە يىنىپ كىردىم. ئۆيگە كىرىپ ئۇ قىزنى بىريەدە كورگەندەك ھىس قىلدىم.ھە .....ئۇ ھىلىقى كۇنى قورونىڭ ئالدىدا ئۇچرىغان قىز شۇغۇ ،مەن ھەيران قالدىم ،ئۇ قىز نىمىشقا كۇندە ئانىسنىڭ قىشىغا بارماي ھىلىقى بالا بىلەن قورودا يۇردىغاندۇ،مەن شۇنىڭدىن كىين قورونىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى ككزىتىش نىيتىەە كەلدىم .مەن بىكا بولساملا دەييۈەننىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ كىلىشىنى كۇتتۇم بىر كۇنى ساقلاپ تۇرسام تۇيىقسىز ئۇ يىگىت كەلدى ،ئەمما ئۇ قىز يوقتى.مەن ئۇ يىگىتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن يان تىلفونۇمنى ئىلىپ ئويناپ ئولتۇردۇم.ئۇ يىگىت كىلىپ قورونىڭ ئىچىدىكى راۋاققا كىلىپ ئولتۇردى .ۋە يان تىلفونىنى ئىلىپ كىمگىدۇر بىرسىگە تىلفون قىلدىم،بىردەمدىن كىيىن قورونىڭ دەرۋازىسىدىن تۇخۇم ساتىدىغان ئاچاشنىڭ قىزى كىردى.ئۇ قىز ئۇتتۇل بىرىپ ئۇ يىگىتنىڭ قىشىغا باردى.مەن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاش ئۇچۈن ئۇلارنىڭ يىنىدىكى راۋاققا كىلىپ ئولتۇردۇم.نىمانداق ئاستا كىلىسەن دىدى ئوغۇل قوپال ئاۋازدا ..!شۇ ئانام بارئىدى.....ھە پۇل ئىلىپ كەلدىڭمۇ ...يىنىمدا پۇل قالمىدى ..دىدى يىگىت ،ياق ....ئانام بۇگۇن تۇخۇم ساتالماپتۇ...پۇل ئالامىدىم...!دىدى قىز . ....مەندە پۇل قالمىغان تۇرسا قاندا قىلمەن...سىىنى پۇل تىپىپ بىرىدۇ دەپ كەلمىسىەم قىشىڭغا نىمىگە كىلىمەن دىدى يىگىت ئاچچىقلانغان ھالدا ..توختاپ تۇ ئانامنىڭ قىشىغا بىرىپ باقاي دىدى قىز ۋە ئىتتىك مىڭىپ كەتتى.يىگىت يان تىلفونىنى ئىلىپ ئويناپ ئولتۇردى بىردەمدىن كىيىن قىز يۇگۇرگەن پىتى قايتىپ كىلىپ ئانامدا مۇشۇ 50 كوي بارئىكەن دىدى.يىگىت خۇشال بولۇپ پۇلنى ئىلىپ كەچتە تىلفون قىلاي دەپ كىتىپ قالدى ..!مەن يىگىتنىڭ كەينىدىن چاندۇرماي ماڭدىم.ئۇ چوڭ يول توپىگە چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ماڭدى ،مەن ئۇنىڭ نەگە باردىغنلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ بىر ماشىنىنى توسۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم ئۇ ماشىنا بىر تورخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يىگىت ماشىنىدىن چۇشۇپ قالدى.ۋە تورخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان چىرايلىق كىيىنگەن بىر قىزنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇ قىز بىلەن تورخانىغا كىرىپ كەتتى.مەن ئۆيگە يىنىپ كىلىپ بۇ ئىشلانى ئويلاپ تۇخۇم ساتىدىغان ئاچىمىزغا ھىسداشلىق قىلدىم.ئەگەر بۇ ئىشلانى ئۇ ئاچىمىزغا دىسەم ئانا -بالا ئوتتۇرسىغا سوغۇقچىلىق چۇشۇپ قلىىپ بىرە يامان ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىردىم دىمەي دىسەم ئۇ ئاچىمىزنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىشنى ئۇ ئاچىمىزغا ئىيتىش نىيتىگە كەلدىم. ۋە بولغان ئىشلارنى ئۇ ئاچىمىزغا تولۇق چۇشەندۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم.ئۇ ئاچىمىز ەەپ قىلماي بىردەم تۇرغاندىن كىيىن كوزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئاقتى مەن ئۇ ئاچىمىزغا ئاچا كوڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ .قىزىڭىزغا تەربىيە قىلايلى ئۇمۇ ئەقىللىق قىزكەن چوقۇم گەپ ئاڭلايدۇ دىدىم.ئۇ ئاچىمىز ..رەھمەت ئۇكام سىزنى ئاۋارە قىپتىمەن ....دىدى ياق ...ئاچا باللاغا كوڭۇل بولۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى.دىدىم ۋە ئۇ ئاچىمىزغا تەسەللىي بىرىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرنەچچە كۇن سىرىتتا يۇرۇپ قىىلپ كىيىن ئۆيگە كەلدىم..ۋە ئۇ ئىشلانىڭ قانداق بولغىنىنى بىلىش ئۇچۇن قورونىڭ ئالدىغا توخۇم ساتدىغان ئايالنى ئىزدەپ چىقسام ئۇ ئاچىمىز ئۇ يەردە يوقكەن.باشقىلاردىن سۇرۇشتۇرسەم ئۇ ئاچىمىز كەلمىگىلى بىرنەچچە كۇن بوپتۇ . مەن ئۇ ئاچىمىزنىڭ دىرىكىنى پەقەتلا ئالالمىدىم. مەن بۇ ئىشلانى سۆزلەش ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى ئاق كوڭۇل ،مىھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىغا ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق كۆڭۇل بولۇشنى.ئۇلارغا ھەقىقىي ئاتا -ئانا مىھرىنى ھىس قىلدۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن ...! مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئاپتورى:پەرھاتجان
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
