app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

بۇ يەرنىڭ كەچلىرى قالايمىقان: مۇھەببەت ئۈچۈن (8-قىسىم)

ۋاقتى:2014-06-02 03:37مەنبە: يوللىغۇچى:ئايشەم ئىسمايىل چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
خەدىچە بىر ھازا سۆزلەشكەندىن كېيىن تېلېفۇننى قويدى. سۆزلەشكەن تېلېفۇن نۇمۇرىنىڭ ۋاقىت خاتىرىسىگە قارىۋېدى، توپتوغرا قېرىق بەش مىنۇت بولۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزىچە تاتلىق جىلمىيىپ قويدى. مۇھەببەتنىڭ سېھرى كۈچى ئۇنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالماقتا ئىدى. ئۇ بەختلىك ئىدى، باشقىلاردىن يۇشۇرۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ، كۆرۈنۈشتە ھېچ ئىش يوقتەك يۈرۈۋېلىشى كېرەك بولسىمۇ، «مۇھەببىتىم بار» دەپ جاكارلىيالمىسىمۇ، ئىشقىلىپ بەختلىك ئىدى. قورقۇپ تۇرسىمۇ، ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ۋايىم يەپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بەختلىك ئىدى. بەخت دېگەن بۇ نەرسە مەيلى ياخشى يوللار بىلەن بولسۇن، ۋە مەيلى يامان يوللار بىلەن بولسۇن ھامان كىشىنى ئۆزىگە ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ، ئازدۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھەممىلا كىشى ئۇنى قارىغۇلارچە قوغلىشىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن بار-يوقىنى ئاتاشقا تەييار تۇرىدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئاللاھ بەرگەن رىسقىغا شۈكرى قىلىپ، كۈنلىرىگە رازى بولۇپ ئۆتىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكىنى تارتىۋېلىش بىلەن ئۆزىنى بەختلىك سانايدۇ؛ يەنە بەزىلەر باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن بەختسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر قېلىپ، ئادەم ئۆزىنى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپلا قويدىمۇ، بەخت ئىسكەنجىسىدىن ۋە قىزىقتۇرۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خەدىچە سائەتكە قارىدى. كەچلىك تاماقنىڭ ۋاقتى بولۇپ قالاي دېگەن ئىدى. ئاز كەم بىر سائەتتىن بىرى تېلېفۇندا مۇڭدىشىپ تۇرۇپ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغىنىنىمۇ بىلمەپتۇ دېسە! قويلارغا ئوت ئېلىش كېرەك، يەنە كەچلىك تاماق ئېتىش كېرەك. بالىلىرى مەكتەپتىن كەلسە «يەنە نان يەمدۇق؟» دەپ غودۇڭشىيدۇ بولمىسا. ئۇ ئوت ئالغىلىمۇ چىقمىدى. تاماققا تۇتۇش قىلىپ، بالىلىرى مەكتەپتىن كەلگىچە ئۈگرە ئەتتى. ئاندىن بالىلىرىغا ئاش ئۇسۇپ بېرىپ، بىر چوڭ كورىغا يېرىم ئاش ئۇستى-دە، ئۇنى داسىتىخانغا پۇختىلاپ ئوراپ چىگىپ، ئېتىزغا ماڭدى. يېرىم كېچە، خەدىچە خىيال سۈرمەكتە. پۈتۈن كائىنات، پۈتۈن مەۋجۇدات ئۇيقۇغا كەتكەن بۇ تۈن نىسبىدە ئۇ يەنىلا ئىمىنجاننى خىيال قىلماقتا. ئۇنىڭ قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى قاپقارا كىرپىكلەر ئوراپ تۇرغان قوي كۆزلىرى، تۈركىيە چولپانلىرىنىڭكىدەك ئۇچلۇق ۋە ئىگىز قاڭشىرى، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك چىرايلىق بۇرۇتى ۋە قامەتلىق گەۋدىسى، يەنە تېخى ئوتلۇق قاراشلىرى، تاتلىق كۈلۈمسىرىشى... شۇنداق، ئۇ ھەر قانداق بىر ئايالنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئەر. مەيلى بوي-تۇرقى، چىرايى، مەيلى مىجەز-خارەكتىرى بولسۇن ھەر قانداق بىر ئايالنىڭ زوقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. ھەممىدىن يامىنى كىشى كۆڭلىنى ئوغۇرلايدىغان تاتلىق گەپلىرى... خەدىچە ئىمىنجان بىلەن تونۇشقان، مۇھەببەت رىشتى باغلانغان، شىرىن ۋەدىلەرنى بېرىشكەن ۋە ھاياجانلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان چاغلىرىنى ئەسلەپ يېتىپ، قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىمىنجاننى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن سىردىشىش ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. بالىلىرىنىڭ چوڭى ئون ياشقا كىرىپ قالغان، كىچىكىمۇ ئاكىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىپ يۈرگەن بۇ چوكان بىر ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى، ئەمىنلىكى، بەرىكىتىدىن كۆرە ئىمىنجان بىلەن بولغان مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى ئەلا بىلەتتى. شۇڭىمۇ، بىكار بولسىلا ئۇنىڭغا تېلېفۇن ئۇرۇش، سېغىنىشلىرىنى بايان قىلىش، خىيالەن مۇڭدىشىش بىلەن بەنت ئىدى. بىر تاتلىق چۈش كۆرۈپ ياتقان خەدىچە تېلېفۇننىڭ كۈچلۈك تىترىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتى. ياستۇق ئاستىغا تىقىپ قويۇلغان تېلېفۇن پۈتۈن كات سۇپىنى سىلكىتىپ تىترەۋاتاتتى. خەدىچە ياستۇق ئاستىدىكى تېلېفۇننى تىزلىك بىلەن قولىغا ئالدى ۋە قويۇش كۇنۇپكىسىنى سىيرىپ ئۈزۈۋەتتى. ئاندىن نىپىز رۇباشكىسىنىڭ ئۈستىگە چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ ئاستا كات سۇپىدىن چۈشتى. ساپما كەشىنى شەپە چىقارماسلىققا تىرىشىپ سۆرەپ ئىشىكتىن چىققان خەدىچەنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقاتتى. ئەتراپ تىمتاس، پەقەت چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرى، پاقىلارنىڭ ئاندا-ساندا كۇركىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ شىپ-شىپ ئاۋاز چىقىرىپ كىچىك-كىچىك چامداپ مېڭىپ ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتتى. ئۆينىڭ كەينى باغ بولۇپ، قاتار سېلىنغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈۋى كۆكتاتلىق ئىدى. خەدىچە باغنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ ئەتراپقا تەپسىلىي قاراپ چىقتى. تۇرۇپلا ئۇنى سۈر باستى. ھەئە، ئۇنى بۇنداق سۈر بېسىش تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئىمىنجان بىلەن يۇشۇرۇن مۇھەببەت باغلىغان بۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بۇنداق سۈر باسقان كېچىلەردىن قانچىنى ئۇزاتقىنىنى ئۇ ئۆزىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ. ئەمما بۇنداق سۈر باسقان كېچىلەردىكى مۇھەببەتلىك سۆزلەر ۋە سېغىنىش ھاياجىنىنىڭ شىرىنلىكى باشقىچە. ئۇ پەقەت مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىپ تۇرۇپ، يېرىم كېچىدە تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كېچىپ ئۆزىگە تېلېفۇن ئۇرغان ئاشىقىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىمىسا، ئۇنىڭغا تېلېفۇن قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭمۇ ئۇنى ئۆلگىدەك سېغىنغانلىقىنى يەتكۈزمىسە بولمايدۇ. شۇڭا ھېلىغۇ سۈر بېسىپتۇ، شارقىراپ يامغۇر قويۇۋەتىسمۇ سىرتقا چىققىنى چىققان، تېلېفۇن قايتۇرغىنى قايتۇرغان. ئۇ بايا كەلگەن تېلېفۇننىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى چەكتى. ھايال ئۆتمەي تېلېفۇندىن مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن تېلېفۇن ئېلىندى: -ۋەي... -ئوۋ، ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن؟ -ياقەي، لېكىن سېغىندۇرىۋەتتىڭىز... -سىزمۇ شۇغۇ، ئەسكى، كەچكىچە مېنى دەيدۇ تېخى. -ھى ھى... ئۇخلاپ بولغانمىدىڭىز؟ -سىزنى ئويلاپ يېتىپ كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئەمدى تېلېفۇن قىلماسمىكىن دېگەنتىم تېخى. -سىزگە قىلمىسام كىمگە قىلىمەن ئومىقىم؟ شۇ تاپتا كۆزدە ئۇيقۇ يوق. يېنىمدا سىز بولغان بولسىڭىز-زە... -شۇنى دەيمەن، قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتەرمىز دەيمەن. ھەجەپ تويدۇم بۇ كۈنلەردىن، ئىككىمىز بىر ئۆيدە ياشاپ بەختنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەسمىزمۇ زادى؟ كەچكىچە تېلېفۇندىلا كۆرۈشۈپ، ھەپتە ئايلاردا بىرەر قېتىم دىدارلىشىپ، كۆرۈشسەكمۇ گاچىنى ئىت قوغلىغاندەك ھاپىلا-شاپىلا يەنە خوشلىشىپ، ئىشقىلىپ ئۆچ بولدۇم بۇ ئايرىلىش دېگەنگە. تاتلىق سۆيۈشلىرىڭىزنى سېغىندىم... -ئاز قالدى جېنىم، ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر يۈرۈشتۈرىۋالساملا بۇ ئايرىلىشلىق سېغىنىشقا خاتىمە بېرىمىز. كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ تاتلىقىم، مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان چاغلىرىمىزمۇ كېلىدۇ، شۇ چاغدا ئاجراشتۇرۇپ ئۆزۈم ئالىمەن، سىز دېگەن مېنىڭ جۇمۇ! -خاتىرجەم بولۇڭ جېنىم، مەن سىزنىڭ، مەڭگۈ سىزنىڭ... -ھۇ ئادەم بولمايدىغان قانجۇق! قايسى ھايۋان پۇشتى بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرىسەن بۇزۇق؟! تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىدە پەيدا بولغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەينىگە قايرىلغان خەدىچە قاتتىق تېپىك زەربىسىدىن كۆكتات ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىغا قاڭقىپ چۈشتى. ئۇنىڭ قولىدىكى تېلېفۇن نەگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئېرىنىڭ ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، كەينىدىن ئىز بېسىپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە گېپىنى ئوغۇرلۇقچە تىڭشايدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. قورقۇپ دىر-دىر تىترەشكە باشلىغان چوكان ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋېدى، ئېرى چەبدەسلىك بىلەن يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ بەللىرىدە ئويناپ تۇرغان ئۆرۈم چېچىدىن قاماللاپ تۇتتى: -ھۇ تېگى پەس قەلەندەرنىڭ قىزى! كىمىڭنىڭ دوپپىسىغا جىڭدە سېلىپ يۈرىۋاتىسەن پاسكىنا؟ مەن سېنىڭ نېمەڭ ھە؟ خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟ بالىلىرىڭنىڭ يۈزىدىن تەپتەرتمىدىڭمۇ؟ ئۆيۈڭنىڭ، ئېرىڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى بىلمىدىڭمۇ قانجۇق؟ ئاناڭ جالاپمىدى؟ ئاتاڭ بۇزۇقمىدى رەسۋا؟ كىمدىن ئۆگەندىڭ بۇنداق شەرمەندىلىكنى؟... -ئىبراھىم، خوش بولاي، ئۇرما... ۋايجان!... نېمە گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى... جېنىم ئىبراھىم، ئۇرما... ۋاي... ئەر ئايالىنى دەسسەپ-چەيلەپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. ئايال ئېرىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ھەمدە قارا-قويۇق تېگىۋاتقان مۇشت، تېپىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي، يىغلاپ نالە قىلىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. يېرىم كېچە بولۇپ قالغىنىغا قارىماي قىيا-چىيا قاپلىغان مەھەللىنىڭ ئىتلىرى ئەنسىز قاۋاشقا باشلىدى. قايسىدۇر ئىشىكلەر غىچىرلاپ ئېچىلىپ، ئىلىكتىر چىراق كۆتۈرۈشكەن، چاپانلىرىنى يېپىنچاقلىۋالغان بىر نەچچە كىشى ساپما كەشىنى پالاقلىتىپ ئىبراھىم، خەدىچەلەرنىڭ ھويلىسىغا، ھويلىدىن ئۆتۈپ باغقا كىردى. ئۇلار بۇ يەردىكى قىيامەت قايىمنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئىبراھىمنىڭ ئاچچىقى ھېچ چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى: -ھۇ پاسكىنا قانجۇق... مەن ئالغان تەلەتىڭ بارمۇ ئەينەككە بىر قاراپ باق! يېگۈزەپ-ئىچكۈزۈپ، بېقىپ ئادەم قىلىپ قويسام ئىسكەتىڭنى تۈزىۋېلىپ يۈزۈمگە ئاياق قويغىدەك بولدۇڭمۇ تېخى؟! ھۇ تىجىمەلنىڭ قىزى... ئۆلتۈرۋېتىمەن سەن بۇزۇقنى... خوشنىلار ئىبراھىمنى تۇتىۋېلىپ خەدىچەدىن ئايرىۋەتتى. يېپىنچاقلىۋالغان چاپىنى نەگىدۇر چۈشۈپ قالغان خەدىچە نىپىز رۇباشكا بىلەنلا قالغان ئىدى. ئايال خوشنىلاردىن بىرى ئۇچىسىدىكى پىنجىكنى سېلىپ ئۇنىڭغا ياپتى ۋە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. ئىبراھىمنى ئەر خوشنىسىدىن بىرى ئۇنىمىغىنىغا قويماي تارتقۇشلاپ ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ جىدەل شۇنداق بېسىققان بولدى. ئەمما ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئەلەم، ھاقارەت تۇيغۇسى، دەپسەندە قىلىنغان ئەرلىك غورورنىڭ غەليانلىرى ھېچ بېسىقمىدى. مۇھەببەتنىڭ خىيانىتى بولسا ئۆزىگە مەڭگۈلۈك داغ تامغىسى بېسىپ قويغان ئىدى. ئەتىسى ئىبراھىم خەدىچەنىڭ تېلېفۇنىنى كۆكتاتلىقتىن تاپتى. ئۇنىڭدىكى ئاخىرقى تېلېفۇن نۇمۇرىغا تېلېفۇن ئۇرغىنىدا دەسلەپكى قېتىملاردا ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. كېيىن بىراقلا ئېتىك بولۇپ چىقىۋەردى. خەدىچە يامانلاپ كەتمىدى، سىرتقىمۇ چىقمىدى. پۈتۈن بەدىنىدە تاياق زەربىسىدىن كۆك، قىزىللار تۇرۇپ قالغان خەدىچە كۈنلىرىنى قورقۇنچ، ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. خوشنىلار ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپمىدى. بىلگەنلىرى بولسا «خەدىچە بىر ئەر كىشى بىلەن تېلېفۇندا پاراڭلىشىپتىكەن، بۇنى ئىبراھىم ئاڭلاپ قېلىپ شۇڭا ئۇرۇشۇپتۇ، بۇرۇنقى ئايالىنىمۇ شۇنداق قاتتىق ئۇراتتى، ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ بۇنىڭ، بەلكىم خەدىچەنىڭ ئۇنچىۋالا ئۇرۇپ كەتكۈدەك گۇناھى يوق بولغىيدى، مۇشتۇمزورلۇق بىر خۇمار بۇنىڭغا...» دېيىش بىلەن كۇپايىلەندى. كۆپرەك ئىشلارنى بىلگۈسى بارلار ئىبراھىمنىڭ ئېچىلماس قاپىقىدىن، بوراندەك ھۆركىرەيدىغان ئاۋازىدىن ۋە مۇتەھەملەرچە زومىگەرلىكىدىن قورقۇپ سوراشقا پېتىنالمايتتى. ئىبراھىم خەدىچەنى كېچە-كېچىلەپ سوراق قىلدى. تايىقىنىڭ چالىسىنى يەپ، مۇشت-تېپىكلەرگە بولدى دېگۈچە كىكىرگەن خەدىچە ئاخىرى ھەممىنى ئىقرار قىلدى. قاچان، قانداق تونۇشقان، قاچان كۆڭۈل بېرىشكەن، قەيەردە، قانداق كۆرۈشكەن، نېمىلەرنى دېيىشكەن... لەردىن تارتىپ ھەممىنى قويماي تاپشۇردى ۋە بۇ ئىشنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋلدى. پۇتلىرىغا ئېسىلىپ يامغۇردەك ياش تۆكۈۋاتقان خوتۇنىنىڭ پۇشايمانلىق ۋەدىلىرى ئىبراھىمنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ قويدى. ئۇ ئايالىغا پۇرسەت بېرىشنى، ئالدىدىكى ئىككى بالىسىنى بولسىمۇ يىتىم قىلماسلىقنى ئويلىدى. چۈنكى ئىلگىرىكى ئايالىدىن بولغان ئۈچ بالىسى ھازىر ئۇنى «دادا» دەپ چاقىرمايتتى، ئۇنىڭغا قارىمايتتى، كۆرۈشكىلى ئىزدەپ بارسىمۇ يىرتقۇچ مەخلۇقتىن قاچقاندەك قېچىپ، تاكى دادىسىنىڭ قارىسى يۈتمىگۈچە مۆكۈۋالغان يېرىدىن چىقمايتتى. شۇنداق بولغاچقا خەدىچە تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغلىنىڭمۇ ئۆزىدىن نەپرەتلىنىپ قالماسلىقى، ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن شەرمەندىلەرچە ئاياق قويۇلغان بۇ ئائىلىسىنىڭ يۈز-ئابرويىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كېلىپ، ئايالىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەنە بۇرۇنقىدەك ئىللىق ھالىتىگە قايتتى. بىراق، ئايالىنىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن چىرمىشىپ ياتقان كۆرۈشى ئىبراھىمنىڭ كۆز ئالدىدىن زادىلا كەتمەيتتى. شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۇنىڭ يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كېتەتتى. بارا-بارا بۇ دەرتلەر ئۇنىڭ يۈرىكىگە سىغمىدى. شۇنداق يۈرۈپ ھاراققا ئۆگىنىپ قالغان ئىبراھىم قاچانلا قارىسا مەست يۈرىدىغان، تولا كېچىلەردە ئۆيگە كەلمەيدىغان، كەلسىمۇ يا ئۆي، يا خەدىچە بىلەن كارى بولمايدىغان بولىۋالدى. قاۋاق ئۇنىڭ بارىدىغان بىردىن-بىر جايى، ھاراق ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئۈلپىتى، گۈزەل نازىنىنلار ئەڭ ياخشى ئەرمىكى بولۇپ قالغان ئىدى. خەدىچە تولا چاغلاردا، تولا كېچىلەردە يالغۇز قالىدىغان بولدى. يېرىم كېچە. چالا مەست ھالدا قايتىپ كەلگەن ئىبراھىم دەرۋازىنى ئاچتى. ئىچ-تېشىدىن ئوخشاشلا ئېتىپ ئاچقىلى بولىدىغان بۇرمىلىق قۇلۇپ تىرىقلاپ ئېچىلدى، ئەمما شەپىسى ئۆي ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقان خەدىچەگە ئاڭلانمىدى. ئىبراھىم دالان ئۆيدىن ئەگىلىپ ئۆتۈپ، ھوجرا ئۆيىگە كىردى. شۇ ھامان بۇرنىغا قاڭسىڭ بىر ھىد ئۇرۇلدى. بۇ تەرلەپ سېسىغان پايپاق پۇرىقى ئىدى. ئىبراھىمنىڭمۇ، خەدىچەنىڭمۇ پۇتى پۇرىمايتتى، بالىلىرى تېخى كىچىك، ئۇلارنىڭ پۇتى پۇرىشى، يەنە كېلىپ مۇنچىۋالا كۈچلۈك پۇرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەجىبا... ئۇ كاللىسىغا كەلگەن مۇدھىش بىر گۇمان بىلەن دەررۇ چىراقنى ياقتى. شۇ ھامان كۆز ئالدىدا ئاجايىپ مەنزىرە پەيدا بولدى؛ ئايالى خەدىچە ئاپئاق قوللىرىنى مەيدىسىنى سۇۋارى قارا تۈك قاپلىغان، يالىڭاچ بەدىنىنىڭ تۆۋىنىنى يوتقان ئوراپ تۇرغان ياش بىر يىگىتنىڭ بوينىدىن ئۆتكۈزۈپ گىرە سالغان ھالدا ئۇخلاپ ياتاتتى. چىراق يېقىلىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغانغان خەدىچە ئېرىنىڭ ئۆزىگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قىررىدە چىرقىرىۋەتتى، ئۇنىڭغىچە يىگىتمۇ ئويغىنىپ ئۆي ئىچىدىى ھەيرانچىلىقنى كۆرۈپ ئۈلگۈردى. -مەن نېمە دېدىم قانجۇق؟ نېمە دەپ ۋەدە بەرگەنتىڭ ماڭا؟ بالىلىرىمنىڭ ئانىسىكەن دەپ يۈز-خاتىرە قىلسام يەنە پوق يېدىڭمۇ ئىتنىڭ كۈچۈكى؟!... ئىبراھىم سەكرەپ چىققىنىچە كات سۇپىدا يېرىم يالىڭاچ پېتى تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان خەدىچەنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ، ئەسكى چاپاننى تاشلىغاندەك يەرگە تاشلىدى. ئاندىن ئىشتىنىنى كىيىش ھەلەكچىلىكىدە قالغان يىگىتكە ئېتىلدى. -ھۇ ئاناڭنى جالاپنىڭ بالىسى! خەقنىڭ ئېشىغا قول سوزمىساڭ خوتۇن چىقمىغانمۇ سەن ھەزىلەككە؟ بۇزۇقچىلىق قىلغانغا تويغۇزمىسام ئانامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي! بۈگۈن ئىككىڭگە جېنىمنى تىكىپ قويدۇم... ئىبراھىم يىگىتنىڭ كانىيىدىن سىقىپ تېگىگە بېسىۋالدى ۋە بازغاندەك مۇشتلىرى بىلەن ئايىماي ئۇرۇشقا باشلىدى. خەدىچە ئىبراھىمغا ئېسىلىۋېلىپ ئاستىدىكى يىگىتتىن ئاجرىتىۋەتمەكچى بولدى، ئەمما كۈچى يەتمىدى. ئىبراھىمنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان يىگىتنىڭ يۈز-كۆزلىرى قان بىلەن بويالغان ئىدى. ئايال ئەمدى چىدىمىدى، ئاشىقىنىڭ تاياق يەپ ھالى قالمىغانلىقى كۆرگەن خەدىچە ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەندى، ئەمما يىگىتنى قۇتۇلدۇرىۋالماي بولمايتتى. شۇڭا ئۇ ئۆي ئىچىگە نەزەر سېلىپ ئىبراھىمنى ئۇرغىدەك نەرسە ئىزدەشكە باشلىدى. شۇ ھامان تېلېۋىزورنىڭ يېنىدىكى مېۋە تىزىلغان تەخسىدە يالتىراپ تۇرغان پىچاققا كۆزى چۈشكەن خەدىچە يۈگرۈپ بېرىپ پىچاقنى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئايالىغا قارىغۇدەك ھەپسىلىسى يوق ئادەم ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئىبراھىمنىڭ دۈمبىسىگە پىچاقنى كۈچەپ تۇرۇپ تىقىۋەتتى. ئىبراھىم قاتتىق بىر تولغىنىپ ئىنجىقلىدى، ئاندىن تەسلىكتە كەينىگە قايرىلىپ قاراپ، لاغىلداپ تىترەپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئايالىنى كۆردى. ئايال ئېرىنىڭ چەكچىيىپ قارىشىدىن قورقۇپ كەتتى. ئىبراھىمنىڭ تايىقىدىن خالاس بولغان يىگىت ئۇنى ئرغىتىپ ئۈستىدىن چۈشۈردى ۋە كىيىملىرىنى تېپىپ كىيىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئاغزىدىن قان يانغان ھالدا كۆزلىرىنى خەدىچەگە تىكىپ دۈم ياتاتتى. ئۇ نېمىلەرنىدۇر دېمەكچىدەك ئېغىزىنى ئۆمەللەيتتىيۇ، گەپ قىلالمايتتى. خەدىچە ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى ئاندىن قورقۇپ كېتىپ دەرھال قولىنى تارتىۋالدى. بۇنى كۆرگەن ئىبراھىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. -ئىمىنجان، قانداق قىلىمىز؟ مەن... مەن ئۇنىڭغا پىچاق تىقىۋەتتىم... خەدىچە يىگىتكە ئۆتۈنۈش نەزەرىدە قارىدى. ئۇنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ياش سىرغىۋاتاتتى. -ئۆلدىمۇ؟ -ياق... نەپسى بار، قىينىلىۋاتىدۇ... قانداق قىلىمىز دەيمەن؟... -ئۆلمىگەن بولسا يەنە بىر قېتىم تىقىپ ئۆلتۈرىۋېتىڭ! ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلمىساق بولمايدۇ. -مەن... مەنما؟ مەن قىلالمايمەن... ئىمىنجان، بىر ئامال تېپىڭ، زادى قانداق قىلىمىز؟... -ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىڭ، ئاندىن يىراقلارغا كېتىمىز. ئىشىكنى تېشىدىن ئېتىپ قويساق ھېچكىم بىلەلمەيدۇ، باشقىلار بۇ ئىشنى بىلىپ بولغىچە بىزمۇ بارىدىغان يېرىمىزگە بېرىپ بولىمىز. -لېكىن مەن... مەن... قانداق... -سىزنىڭ زادى مەن بىلەن توي قىلغۇڭىز بارمۇ ياكى مونو تەلەتى سەت ئېرىڭىزنى داۋالىتىپ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتقۇڭىز بارمۇ؟ تىز بىر قارارغا كېلىڭ ! ھېلى تاڭ ئېتىپ كەتسە قاچمىقىمىز تەسكە چۈشىدۇ. تۇتۇلۇپ قالساق تۈرمىدە ياتىدىغان گەپ... خەدىچەنىڭ كۆزلىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى. ئۇ ئىرىگە قارىدى، ئىبراھىم بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ، نەپىسى تىزلىشىپ قالغان ئىدى. ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە چىرايىغا زەڭ سېلىپ قارىدى. كۆزلىرىنى يېرىم يۇمىۋالغان ئىبراھىم قىپقىزىل قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. -ھۇ... بۇزۇق... سې... سېنى... ھەرگىز... كەچۈر... مەيمەن... ئىبراھىم ئىنتايىن جانسىز ھالدا شىۋىرلاپ شۇ سۆزلەرنى تەكرارلاۋاتاتتى. خەدىچە ئىمىنجاننىڭ گەپلىرىنى توغرا تاپتى. ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمىسە، ساقىيىپلا قالسا ئۆزىگە ياخشىلىق يوقلىقىنى ئويلاپ يەتكەن خەدىچە ئىبراھىمنىڭ بىلىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە قادىلىپ قالغان پىچاقنى سۇغۇرىۋالدى. ئاندىن كۈچەپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم تىقتى. ھالسىز تىنىپ ياتقان ئىبراھىم بوشقىنا ئىككى قېتىم تارتىشىپ جىمىپ قالدى. -كۈچەپرەك يەنە بىر تىقىڭ، ئۆلمەي قالغان بولسا بېشىمىزغا بالا بولىدۇ. بۇنى خۇدانىڭ دەرگاھىغا يولغا سالماي بىزگە ئارامچىلىق يوق. پىچاقنى ئىككىنچى قېتىم سۇغۇرۇشقا قولىنى ئۇزاتقان خەدىچە ئىشىك يۇچۇقىدىن ماراۋاتقان كىچىك ئوغلىنى كۆرۈپ توك سوققاندەك چۆچۈپ كەتتى. -مۇختەر! سەن... سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ ئاكاڭ قېنى؟... بالا قاچتى، تاشقارقى ئۆينىڭ ئىشىكى تاراقشىپ ئېچىلىشى بىلەن ئىمىنجان بالىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئۇ بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگەندە يۇلۇنى ئۈزۈلگەن بالا ئاللىقاچان جان ئۈزگەن ئىدى. -سىز... سىز نېمە قىلدىڭىز؟... ئاھ خۇدا!... ئۇ... ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمغۇ... سىز... -قويۇڭ ئۇنداق گەپنى، ھازىر ئۆز جېنىمىزنى قۇتقۇزۇش ئەڭ مۇھىم. ئۆلتۈرىۋەتمىسەك كۆرگەنلىرىنى باشقىلارغا دەپ قويىدۇ. تىز بولۇڭ، بۇ يەردىن كېتەيلى، تاڭ ئاتقىچە يېزىدىن چىقىۋالمىساق تۇتۇلۇپ قالىمىز. -بالام... ھۈ ھۈ ھۈ... مۇختەر... جېنىم ئوغلۇم... ئىمىنجان بالىنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتقان ئايالنىڭ قوللىرىدىن سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى. -ساراڭمۇ سىز؟ زۇۋانىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ! تۇتۇلۇپ قالغىڭىز بارمىدى يا؟ بولىدىغان ئىش بولدى، يىغلىغان بىلەن ئورنىغا كېلەمتى؟ تىز بولۇڭ، ماڭمىساق بولمايدۇ. خەدىچەنى سۆرەپ ئېلىپ چىققان ئىمىنجان دەرۋازا ئالدىدا ئۇلارنىڭ بىر نەچچە خوشنىسى بىلەن دوقۇرۇشتى. خوشنىلارنىڭ ئالدىدا خەدىچەنىڭ ئون ياشلىق ئوغلى خۇشتارمۇ بار ئىدى. قارىغاندا ئۇ ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنىسىنى ئىشىك ماراشقا قويۇپ، ئۆزى ئادەم چاقىرغىلى چىققاندەك قىلاتتى. ئۇلار يېزىدىن ئەمەس، تېخى دەرۋازىدىن چىقىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي خوشنىلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشتى. قانۇن رەھىمسىز، ئۇ گۇناھكارلارغا يۈز-خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. قانۇن ئادىل، ئۇ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان، دەپسەندە قىلىنغا، كىشىلىك ھوقوقى تارتىۋېلىنغانلارنىڭ قىساسىنى ئالماي قويمايدۇ. شۇنداقلا ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق گۇناھى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى بەرمەي قويمايدۇ. جاۋاپكار خەدىچەگە بۇزۇقچىلىق قىلىپ، قانۇنسىز بىللە تۇرۇش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، دەرھال ئىجرا قىلىندى، سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى. جاۋاپكار ئىمىنجانغا باشقىلارنى ئازدۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلىش، قاتىللىق قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلەم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى. سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى...
ياخشىكەن
(32)
91.4%
ئالقىشلايمەن
(3)
8.6%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس