app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

قىزارغان بۇلۇت ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-16 17:16مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
قىزارغان بۇلۇت (ھېكايە) تۇرسۇنجان مۇھەممەد ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىدە بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن، ‹‹ياخشى كۆرۈش›› دېگەن سۆزنى پەقەتلا چۈشەنمەيمەن ياكى مېنىڭ نەزەرىمدىكى بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: ‹‹ئوبدانراق كۆرىۋېلىش، پۇخادىن چىققۇچە كۆرىۋېلىش›› دېگەندىنلا ئىبارەت، خالاس! مېنىڭچە بولغاندا ياخشى كۆرۈش دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹‹ياقتۇرۇش›› نى قوللىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىقراق... بۇ مېنىڭ قىزچاق كەلگەن ئەشۇ دەقىقىدىن كېيىن ئويلىغانلىرىم. كېيىن بولسا نېمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن. سېھرىگەر قىز بىرلا نازلىق كۈلكىسى بىلەن مېنى قارمىقىغا ئىلىۋاپتۇ. تىللىرىم كېكەچلىشىپ، يۈزلىرىم گۈلخاندەك يېنىپ، پۇت – قوللىرىم كۈز كۈنلىرىدىكى ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترەشكە باشلىغىنىدىلا ئاندىن مەن ئۆزۈمنىڭ قارماققا ئېلىنىپ، خىيالسىز دېڭىزدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىمنى ۋە ھاۋادا ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ كونۇسسىمان تېشىدەك پۇلاڭشىپ قالغىنىمنى سەزدىم. * * -ياخشى كەپسىز، قارشى ئالىمىز، قارشى ئالىمىز! مانا بۇ زاۋۇت مۇدىرىمىزنىڭ ياش قىزغا خۇشامەتكويلارچە ھېسسىيات ئىزھار قىلغان قارشى ئېلىش نۇتقى. بىزمۇ ئايال زاتى كۆپ بولمىغان بۇ زاۋۇتقا بىر پەرى سۈپەت قىزنىڭ ئېزىقىپ كېلىپ قالغانلىقىدىن ھەيران ۋە خۇشال بولۇپ، يىگىتلەرگە خاس قىزىقىش بىلەن قىزنى كۈتۈۋېلىشقا چىقتۇق. ئۇ راستىنلا بىر پەرى ئىدى، چىرايىدىن نۇر ياغاتتى. قاپقارا چاچلىرى قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا يېشىل چاقنايتتى، شوخ ھەم قېنىق كەلگەن لەۋلىرى ئوتقاشتەك قىزىل ئىدى. مەن شۇنچە قاراپمۇ قىزدىن ھېچبىر ئېۋەن تاپالمىدىم. قىز ئۆزىگە تىكىلىپ سالام ئۈچۈن ئېگىلىپ تۇرغان يىگىتلەرنىڭ ئالدىدىن ئاپتاپپەرەسنىڭ غولىدەك تۈز بوينىنى بوشقىنا لىڭشىتىپ ئۆتكىنىدە ‹‹ۋاھ، بۇ ياغاچتىن سىلىقلىنىپ ئادەم قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەن قوچاقمۇ نېمە؟›› دېگەن خىيال يالت قىلىپ خىيال ئىكرانىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. -نېمىگە قاراپ تۇرۇسەن؟- دېدى مۇدىر ماڭا ئالىيىپ قويۇپ،- ئۆز ئارا كۆيۈنۈش دەيدىغان نەرسىمۇ يوقمۇ سىلەردە؟ بىر گۈزەل مۇبارەك قەدىمى بىلەن ئالدىڭلارغا كەلسە سىلەر بىرەر تال يۇپۇرماققا ياكى قورام تاشقا قارىغاندەك ھېسسىياتسىز نەزەر تاشلىشىپ تۇرغىنىڭلارنىڭ نېمىسى؟ سابىر، تىز بول، قىزنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ماشىنىدىن يۆتكىشىپ بەر. -بولدىلا مۇدىر، قىز ئەمدىلا كەپتۇ. بۇندىن كېيىن كۆيۈنۈشسەكمۇ كېچىكمەسمىز،- دېدىممەن قىزنىڭ قولدىكى تور سومكىنى ئالغاچ. -راست، سۆز بىلەن بولۇپ كېتىپ سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قويماپتىمەن ئەمەسمۇ؟- دېدى مۇدىر پىشانىسىگە پاققىدە بىرنى شاپىلاقلاپ قويۇپ،- قىزنىڭ ئىسمى ئايگۈل. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە بىزنىڭ زاۋۇتقا تەقسىم قىلىنىپتۇ. قىز مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ھەممىمىزگە ئاددىيلا بىر نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ قارىشىدىن ‹‹مەن راستىنلا ئايگۈلمىكەنمەن؟ كۆزۈڭلاردىن ئوت چىقىرىۋەتتىمغۇ يىگىتلەر، ھامان بىرىڭلار مېنىڭ قارمىقىمغا ئىلىنماي قالمايسىلەر›› دېگەندەك كىبىرلىك مەنا چىقىپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا مەيىن شامال كۆتۈرۈلدى. قىزنىڭ قويۇق بۈدرە چاچلىرى باشاقلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان بۇغداي مايسىلىرى دولقۇنلانغاندەك جانلىنىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خاس ئىسكەتىگە قاراپ ئىچىمدە كۈلدۈم. -ھەي بىچارە، بۈگۈن سەھنىگە رول ئېلىشقا چىققان ئارتىستەك ياسىنىپ كەپسەن، گويا سېمونت زاۋۇتىمىزدا تويۇڭ بولىدىغاندەك، ئەتىلىككە سېمونت توزانلىرى بىلەن چاچلىرىڭ ئاقىرىپ كەتكەندە، كۆزلىرىڭدىن پۇشايمان ياشلىرى تۆكۈلمىسىغۇ بولاتتى. * * قىزنىڭ سېمونت زاۋۇتىمىزغا كەلگىنىگە ئۈچ ئايدىن ئاشتى. دەسلەپ مەن ئۇنى تولىمۇ ‹‹ھاكاۋۇر قىزكەن›› دېگەن قاراشتا بولدۇم. چۈنكى ئەتىگەنلىرى ئىشقا كەلگىنىدە سالام قىلسام، بوينى قىمىرلاپمۇ قويمايتتى، چىرايىنىمۇ تازا ئاچمايتتى. كېلىپ بىر ئاي بولار-بولماس، مۇدىر ماڭا كۆيۈندىمۇ ياكى خۇدا مۇدىرنىڭ دىلىغا سالدىمۇ، ھېچ بىلمەيمەن، يۆتكەيدىغان سېمونتلارغا تالون يېزىش باھانىسى بىلەن قىزنى ئىشخانامغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ‹‹كۆرمىسەم قۇتۇلدۇم، كۆرسەم تۇتۇلدۇم›› دېگەندەك، قىزنىڭ يېنىمدىلا ئولتۇرۇشى مېنى ئارامسىزلاندۇرۇشقا باشلىدى. قىزنىڭ تېنىدىن كېلىدىغان ئەتىرنىڭ ھىدىمۇ مېنى ئاللىقاياقلارغا ساياھەت قىلدۇردى... ئىشقىلىپ مېنىڭ تىنچ ئۆتكەن كۈنلىرىم ئەمدى ئۆركەشلىمەكتە ئىدى. ئارامسىزلىقنىڭ شوخ قۇشلىرى خىيالىمنى چوقۇلاپ قاچتى- دە، قىزنىڭ ئېتىكىگە تاشلاپ بەردى. شۇندىن ئېتىبارەن، مەن قىزغا باغلىنىپ قالدىم. قىز مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىلا ئولتۇراتتى. مەن تۇيدۇرماستىن قىزنىڭ جامالىنى يەر تېگىدىن تاماشا قىلاتتىم. قولۇم ئىشتىن بوشۇسىلا، قىزنى يۇشۇرۇن كۆزىتەتتىم. مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىمنى قىز سەزدىمۇ – سەزمىدىمۇ؟ بىلمەيمەن. بىر قېتىم ئۇ مېنى تەنقىدمۇ قىلدى: -سىز ھېسابات چوتىڭىزنى ھەر قانداق تىرىك ئادەمدىن ئەتىۋا بىلسىڭىز كېرەك،- دېدى ئۇ مېنى مەسخىرە قىلغاندەك،- ئۇنىڭغا بىرلا قارىۋالسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىمۇ ئۇنتۇيدىكەنسىز. -راست ئېيتىسىز،- دېدىم مەن قىزنىڭ سۇئالىغا قوۇشلغاندەك قىلىپ،- سىز يۇيۇنىدىغان سوپۇن ۋە خۇشپۇراق ئەتىرگە قانچە يېپىشسىڭىز، مەنمۇ چوتۇمغا شۇنچىلىك ھېرىسمەنلىك قىلىمەن. قىزنىڭ زۇۋانى تۇتۇلدى. بىراق چىرايىدا بىلىنەر – بىلىنمەس قىزىللىق تەپچىرەپ چىقتى. مەن قىزغا بارغانسىرى مەپتۇن بولماقتىمەن، ئۇنىڭغا بىردەم قارىيالمىسام ئۇنى كۆرمىگىلى نۇرغۇن يىل بولغاندەك، يۈرىكىمنىڭ ئۇسساپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن، ‹‹لىپ›› قىلىپ بىرلا كۆرۈۋالسام ئارزۇ ئاسمىنىمدا شادىمان كۈيىنى ياڭراتقاندەك خۇشاللىنىپ كېتىمەن. بىراق قىزنىڭ ئەھۋالىدىن ھەيران بولاتتىم. بەزىدە ئىشى يوق، قولى بوشاپ قالغىنىدا، ئالدىدىكى ئۈستەلگە قاراپ شۇنداق جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتەتتىكى، گويا رەسسام نۇسخسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىدا قويۇپ قويغنا گۈل تەشتىكىگىلا ئوخشاپ قالاتتى. قىپقىزىل مەڭزى، ئوقيا ئوقىدەك ئالغا سۈرۈلگەن ۋە چىمچىقلاپ تۇرغان كىرپىكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، كىيىم كەيگۈزۈلگەن مەرمەر ھەيكەلنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئولتۇرۇشىدىن ئۇنى شۇ تەقلىتتە ياساپ چىققان ھەيكەلتاراش ئۆز ئەمگىكىدىن زوقلانغاندەك خۇشاللىنىپ كېتەتتىم. چۈنكى مەن دەل مۇشۇنداق چاغدا يەر تېگىدىن ئەمەس، بەلكى دەل ئۇدۇلىدىن تاماشا قىلالايتتىم! -سىز زاۋۇتقا كەلگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟- بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا مەندىن سوراپ قالدى. راست، جىمجىتلىقتىن ئازاب كۈنمۇ بارمىكىن؟! بىر ئىشخانىدا سائەتلەپ ئولتۇرساقمۇ قىزغا بىرەر ئېغىز سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. پەلسەپىدىن لىكسىيە سۆزلىسەم، مەن قوراملىق ياشلارنىڭ ئۇن ياقتۇرماسلىقى ئېنىق. مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلەي دېسەم، قىزنىڭ نازۇك تەبىئىتىنىڭ بۇنى كۆتۈرۈش – كۆتۈرەلمەسلىكىنى بىلمەيمەن. تېخىمۇ مۇھىمى قىزنىڭ سۆيگۈنى بولۇپ قالسا... ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمىغاي. كەسىپكە ئائىت ئىشلاردىن ‹‹بىر خالتا سېمونتنىڭ ئېغىرلىقى جىڭ؟›› دەپ سوراش تېخىمۇ بىمەنىلىك. شۇڭا مەنمۇ قىزغا گەپنى نېمە توغرىسىدا، نەدىن باشلاشنى بىلمەي، تازا ئىىچم پۇشاتتى. مانا بۈگۈن قىز ئۆزى سۆز خالتىسىنى تېشىۋەتتى. مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋېتىپ، قاياقلارغىدۇر ساڭگىلاپ قالغان بىر ئارغامچىغا ئۇلىشىۋالغاندەك خۇشاللىنىپ كەتتىم. -ئۈچ يىلدىن ئاشتى،- مەن ئىمكان بار ئۈنۈمنى سىلىقلىتىپ قىزنىڭ تاۋۇشلىرىغا ماسلاشتىم،- بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ -ئەجەپ زېرىكىشلىك،- دېدى قىز ئەلەم بىلەن لىۋىنى چىشلىگىنىچە،- ئەتراپىڭ پۈتۈنلەي شىغىل تاشلىق! پەقەت زاۋۇتنىڭ كەينىلا بىر يېشىللىق دۇنۇاسى – چۆپلۈك بار ئىكەن. بولمىسا بۇ جايدا ئىتنى باغلاپ قويسىمۇ تۇرمىغىدەك. -ئوقۇغان ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ تەرەپلەرنى ئويلىمىغانمىدىڭىز؟- سورىدىم قىزدىن. -ئويلىغان. لېكىن شەھەر مەركىزىدىن قىرىق كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سايغا جايلاشقان مۇنداق ناچار زاۋۇتنى ئەسلا ئويلپا باقماپتىكەنمەن،- دېدى قىز زورىغا كۈلۈمسىرەپ. -ئەمسە بىر ئامال قىلىپ كەسىپ ئالمىشىڭ – دە، شەھەرگە يۆتكىلىپ كېتىڭ،- دېدىممەن قىزغا ھىسداشلىق قىلغاندەك تەلەپپۇزدا،- شەھەرگە بارسىڭىز ئېگىز بىنالارنىڭ سايىسىدا چېكىڭىزنى ئاپتاپ چاقمايدۇ، ۋېلىسپىت مىنىپ، تانسىلارغا بېرىپ، كىنو – درامىلارنى كۆرۈپ، دوستلىرىڭىزنى يوقلاپ، تۇرمۇشىڭىزغا ھەقىيقىي گۈزەللىك مەزمۇنىنى قوشالايسىز – دە، ئۆز بەختىڭىزنى تاپىسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلسىڭىزمۇ مەيلى! -سىز مېنى شۇنچىلىك پەسكەش چاغلامسىز؟- دېدى قىز قوپاللىق بىلەن. -سىزگە كۆيۈنۈپ يول كۆرسىتىۋاتىمەن. -سىز ماڭا تۇيۇق يولنى كۆرسىتىۋاتىسىز،- دېدى قىز نارازى بولۇپ، - ئەگەر جاپاغا چىدىيالمىسام رودا يەنجىش ئازگىلىغا سەكراپ ئۆلىۋالسام مەيلىكى، لەنىتى ئارقا ئىشىك دېگەنگە يولىمايمەن. -ئەمسە خىزمەت تەقسىماتىڭىز شۇ ئىكەن، ئۇ زىرىكىشلىك بولسىمۇ ئۆز كەسپىڭىزنى سۆيۈپ ئىشلىشىڭىز كېرەك. -مانا بۇ سۆزىڭىز جايىدا بولدى. مەن سىزنى ‹‹تولىمۇ مۆرىمەس كالا مىجەز ئادەمكەن ›› دېسەم، ئاز – تولا سۆزىڭىزمۇ باركەن- ھە؟ قىزمۇ ئەمدى سەل پەسكارىغا كەلدىمىكىن، سۆزنى باشقا ياقلارغا بۇرىدى،- قۇمغا چۈشكەن داچەندەك، جىمجىتلا ئولتۇرۇشىڭىزغا قاراپ مەڭگۈ سۆزلىمەسمىكىن، دەپ ئويلىغانىدىم. -ئانام مېنى تۇغقاندا ھېچ ئاازبلانماستىن جىمجىتلا يەڭگىۋاپتىكەن. شۇڭا مەنمۇ جىمجىتلىقنى خالايمەن،- دېدىم قىزغا چاقچاق قىلىپ. -ۋا يەي، تەپسە تەۋرىمەس لەقۋانىڭ ئاغزىدىنمۇ شۇنچىلىك قوپال سۆز چىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن تېلېۋىزور كۆرەمسىز؟ -مېنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش - كۆرمەسلىكىمنىڭ سىزگە نېمە ئالاقىسى؟- مەن تەئەججۈپ ئىچىدە قىزدىن سورىدىم. -باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭ!-دېدى قىزچاق كۈلۈپ تۇرۇپ،- ئائىلە تامىقىنىمۇ سېغىنىپ قالغانسىز، ئۆزۈمگىلا ئەتسەممۇ بىر يولى، قازان ئاسماي بولمايدۇ، ئەگەر تېلېۋىزور كۆرسىڭىز بىزنىڭكىگە كېلىڭ. تاماقنى بىرلىكتە يەيلى. مەن ئايگۈلنىڭ ھەم ئۈمىدلىك ھەم تەشۋىش چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلدىم. شۇئان ئۇنىڭ كۆزىدىنمۇ ئاجايىپ بىر مەپتۇن قىلغۇچى نۇر شۇنداق جۇلالىدىكى، گويا يەر تەۋرىگەندەك بىر خىل سىزىم ئىچىدە پۇت – قوللىرىم كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، تىترەشكە، سىرقىراشقا باشلىدى. ‹‹ياق›› دېيىشكە تىلىم يوق، ماقۇل دېگىلى دەرمانىم يوق، پەقەت مۇلايىملىق ۋە ئىتائەتچانلىق بىلەن باش لىڭشىىتپلا قىزنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولدۇم. * * يازنىڭ چۈشتىن كېيىنكى مەزگىلى ئاجايىپ قىزىق بولۇپ، گويا زىمىننى غايىۋانە بىر ئوچاققا تاشلاپ ئوت بىلەن كۆيدۈرىۋاتقاندەك، ساي تەرەپتىن ئادەمنىڭ يۈزىگە ‹‹لاپ، لاپ›› قىلىپ ئىسسىق ھارارەت ئۇرۇلاتتى. يىراقتىن ھاۋانىڭ تەپتىدە لىغىرلىغان كۈمۈشتەك گىرىمسەن شولىلار چەكسىز كەتكەن بىر ئېقىننى ئەسلىتەتتى. زاۋۇتنىڭ ئېگىز تۇرخۇنىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ئىش شامالسىز تىنجىق ھاۋادا ئىرىنچەكلىك بىلەن لەيلىشىپ يۈرەتتى. ماشىنىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ زېمىن زامانى ئاخىرىنىڭ ھىدىنى ئالغاندەك جىمجىتلىققا چۆككەنىدى. كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغان بىر قانچەيلەن زاۋۇت بىناسىنىڭ سول تەرەپ ئۆستەڭ بويىدىكى سۆگەتلەرنىڭ سايىسىدا ئۇيقۇغا كېتىشكەن، بىراق، قەيەردىن كېلىشتىكىن، بىر قانچە چىۋىن بىزەڭلىك قىلىپ ئۇلارنى ئارامسىزلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. مەن ئىنسان بىلەن چىۋىن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كۈلكىلىك ماجرالارنى بىردەم تاماشا قىلدىم – دە، ئىشخانىغا قاراپ ماڭدىم. ئىشىكتىن كىرىشىمگە مېنىڭ ئۈستىلىمگە قويۇپ قويۇلغان بىر پارچە خەتكە كۆزۈم چۈشتى. مەن خەتنى ئالدىم – دە، ئوقۇشقا باشلىدىم: ‹‹سالام سىزگە (سۆزنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي تۇرۇپتىمەن. سىزنى نېمە دەپ ئاتاشنىمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا سىزگە بېرىدىغان سۈپەت سۆزۈمنىڭ ئورنىنى بوش قالدۇردۇم. چۈنكى مېنىڭ ئىرادەم سىزنىڭكى بىلەن قوۇشلغاندىلا ئاندىن ۋايىغ يېتەلەيدۇ.) ........ ئەھۋالىڭىزنى سورىمىساممۇ، بىر ئىشخانىدا تۇرۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، ھەممە خۇشاللىقلىرىڭىز، ھەممە غەم – ئەندىشىلىرىڭىز ماڭا بەش قولدەك ئايان. تاماقنى ۋاقتىدا يەپ، كېچىسى بەھوزۇر ئۇيقۇنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ساغلام يۈرۈۋاتقانلىقىڭىز ماڭا چۈشىنىشلىك. بىراق، سىز ئەنە شۇنداق خاتىرجەملىك ئىچىدە، يەنە بىر ئىنساننىڭ كۆزىڭىزگە تەلمۈرۈش بىلەن كۈننى ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئالدى بىلەن سىزگە ئەسكەرتىش بېرىمەن. قولىڭىزدىكى بۇ ئاددى خەت مېنىڭ كۆز ياشلىرىم بىلەن ئانامغا يازغان سالىمىم ياكى قايسىدۇر بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ئۈچۈن يازغان ئىلتىماسىم ئەمەس. بەلكى ئۆزىنى تىرىكلىك ئالىمىدە، بەختنىڭ گۈلشىنىدە بىر بۇلبۇل ساناپ يۈرگەن بىغەم يىگىتكە، بۇلبۇلنىڭ ئىشقىدا قان تۆكۈۋاتقان بىر غۇنچىنىڭ يوللىغان يۈرەك سۆزى! بۈگۈن مەن سىزگە يۈرىكىمنىڭ پىنھان تۇيغۇلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. ھازىرغىچە سىزنى يۈرىكىمنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالار، دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم. بىراق سىز بىرسىنىڭ بۇرنىڭىزغا چۈلۈك سېلىپ مۇھەببەت تۇپرىقىدا ساپانغا قوشۇشىنى كۈتۈپلا يۈرۈۋاتىسىز. بوپتۇ، سىزنى ئۆزۈملا يېتىلىۋالاي! ئىنساننىڭ خۇي - مىجەزى ئوخشاش بولمايدىكەن. مەن نۇرغۇن يىگىتلەرنى كۆرگەن، ئاغزىدىن بال تامىدىغان، كۆڭلىدە بولسا شىرنىلىكنىڭ ئىزناسىمۇ يوق، قۇرۇق سۆلەت يىگىتلەرنىڭ ئادەمنى بىزار قىلغۇچى سۆزلىرىنىمۇ كۆپ ئاڭلىغانمەن. لېكىن سىزدە بۇ خىل سۆلەتۋازلىق، مەنمەنچىلىك ئىدىيىسى يوق. خۇددى يېزىدىن بۈگۈنلا كەلگەن يىگىتلەردەك ساددا، كەم سۆز يىگىتسىز. شۇڭا مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن. ئويلاپ باقسام، بىز دەسلەپ كۆرۈشكەندە، سىز خۇشامەتكويلۇق قىلىپ تازىم قىلىشنىڭ ئورنىغا قولىڭىزنى كۆكسىڭىزدە قويۇپ يېنىككىنە سالام قىلغانلىقىڭىز مەندە چەكسىز تەسىرات قالدۇرغانىكەن. كېيىنچە بىر مەزگىل سىزگە ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن سىزگە ئېتىبارسىز قاراپ يۈردۈم. سىزچۇ؟! ‹كەپتەرنىڭ پەغەزگە قونغۇسى كەلمىسە، ھاۋادا ئۇچسۇن› دېگەندەك ماڭا، مەندىن ئاشۇرۇپراق ئېتىبارسىز قارىدىڭىز، ھەتتا كۈنبويى ئالدىڭىزدا ئولتۇرساممۇ، لەنىتى چوتىڭىزنى شىرىقلىتىپ غەمسىز يۈرۈشلىرىڭىز مېنىڭ غورورۇمغا تەگدى. ئاخىرى ئۆزۈم جۈرئەتلىك قىلىپ سىزگە سۆز تاشلىدىم. بۇ گەرچە بىز قىزلارغا خاس سۈپەت بولمىسىمۇ، بىر قىز ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن شۇنچىلىك جۈرئەتلىك بولسا، بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىللەت ھېساپلانماس بەلكى! سىز شۇ كۈنى مېنىڭ ياتىقىمدا ئەتكەن تامىقىمنى ماختاپ ئولتۇرۇپ غىزالاندىڭىز. مېنىڭ كۆڭلۈم ئۈچۈن بولسىمۇ تامىقىمنى ماختاپ قويغانسىز بەلكىم. بىراق مەن سىزنىڭ چىرايىڭىزدىن سەمىمىيلىكنى سەزدىم. چۈنكى سىزنىڭ مەن بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بەھوزۇر تاماق يېيىشىڭىزدىن مەن سۆيۈنۈپ، سىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ ئولتۇرغانىدىم.شۇڭا دەيمەنكى، سىزدە ھەرگىزمۇ بىر قاچا تاماق ئۈچۈن خۇشامەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ماھارەتنى چىن دىلىڭىزدىن ماختىغانلىقىڭىزنى مەن چۈشىنىپ ئولتۇرغانمەن. تاماقتىن كېيىن تانسا ئوينىدۇق. مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا نۇرغۇن تانسىلاردا بولغانمەن. بۇنى سىزدىن يۇشۇرۇشنىڭ قىلچە ئاساساسى يوق. لېكىن شۇنچە كۆپ يىگىتلەر ئالدىدا سىزدەك تۇرمۇشقا قىزغىن، خىيالچان يىگىتنى ئۇچراتماپتىكەنمەن. قولىڭىز شۇنچىلىك قىزىق، ئوتلۇق ئىكەنكى، مەن بىر پارچە چوغنى تۇتىۋالدىمۇ نېمە؟ - دېگەننى خىيال قىلماي تۇرالمىدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ سىزنى ماڭا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ، قەلبىمدە ئۇخلاپ ياتقان مۇھەببەت ئىلاھىنى ئويغۇتىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساممۇ، سىز تەقۋادار كىشى مەسچىتتىن ئەيمەنگەندەك، يەنىلا ماڭا ئېتىبارسىز قاراپ كەلدىڭىز. ئەگەر ‹ مۇھەببەت ئالدىدا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار › دەپ قارىسىڭىز مۇشۇ خەتنى كۆرۈپ بېقىپ بۈگۈن سائەت ئالتىدە، زاۋۇتنىڭ كەينىدىكى چۆپلۈككە قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز. سىزنى كۈتۈپ:ئايگۈل›› خەتنى يېنىش – يېنىشلاپ ئوقۇدۇم، يەنىلا شۇ ئاددى، ئەمما يۈرەكنى ئويناتقۇچى پىكىرلەر. بىر ئوتلۇق قەلىبتىن تۆكۈلگەن ساپ ھېسسىياتنىڭ جەۋھەرلىرى! شادلاندىم. خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرىم شادىيانە ئۇسۇلغا چۈشتى. ئاھ ياشلىق! ئېچىلىپ تۇرغان بىر غۇنچىگە ئوخشاشسىمۇ، لېكىن سېنى قەدىرلىمىگۈچىلەرنى چاپسانلا داغدا قويۇپ، توزۇپ كېتىسەن. سېنى ھۆرمەتلىشىم، پەرۋىش قىلىشىم، ئايگۈلدەك ئالىيجاناپ باغۋەنلەرنىڭ پەرۋىشىگە تاپشۇرۇشۇم كېرەك. رەھمەت ساڭا ئايگۈل! سەن، مەن قەلبىمدىن چىقىرالمىغان كۆڭۈل سىرلىرىمنى بىراقلا ئاشكارىلىدىڭ. سېنى سۆيىمەن، سېنى ئەبەدى سۆيىمەن، ساڭا سەجدە قىلىمەن ئايگۈل! كەچ تىنجىق ھاۋادا چۆپلەر سولاشقان، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدە ياۋا گۈللەرنىڭ خامۇشلاشقان چېچەكلىرى بېشىنى ئېگىپ تۇرۇشاتتى. قۇياش بولسا ئۆز ئادىتى بويىچە كۈنلۈك ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەربكە پاتقان، پەقەت ئاسماندىكى بۇلۇتلارلا ئەتىكى ھاۋانىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ يالقۇنلاشقا باشلىغانىدى. مەن ئايگۈلگە قارىدىم. قۇچىقىمدا قۇچىقىمدا كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغىنىچە مېنى باغاشلاپ تۇرغان تۇرغان قىزچاقنىڭ چىرايىمۇ ئاسماندىكى بۇلۇتلاردەك قىزارغان، ئەتىكى بەختنىڭ كىشىنى مەست قىلغۇچى ھىدلىرى بىلەن يېشىل تەگ ئاسماندىكى بۇلۇتلاردەك جىلۋىلىنىپ تۇراتتى...
ياخشىكەن
(4)
57.1%
ئالقىشلايمەن
(3)
42.9%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس