app دېتالى

مەن خوتۇنۇم بىلەن ھاراق ئىچتىم( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-07-04 17:19مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

دەرۋازا ئەنسىز قېقىلدى.ئەمدىلا كۆزى ئۇيقىغا بارغان رۇشەنگۈل چۇچۇپ بېشىنى تەكىدىن كۆتۈردى.نېمىشقىكىن يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ ، نەپەس ئېلىشى تىزلىشىپ كەتتى. رۇشەنگۈل سىيلاشتۇرۇپ چىراقنى ياندۇرۇپ، ئىرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن توردى-دە، سىرتقا قاراپ قەدەملىرىنى يۆتكىدى. ئاينىڭ سۇس ئاق نۇرى  ھويلىدىكى ھەر بىر نەرسىگە چۈشىۋاتاتتى. رۈشەنگۈلنىڭ يۈرىكى بۆلەكچىلا ئۆڭۈشكە باشلىدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


-ھې تۇدى قېچىرنىڭ قىزى ما ئىشىكنى چاپسان  ئاچ دەيمەن.
- مانا ، رۇزەك توشۇڭنىڭ تەخىيى، مانا! –« يەنە ئىشەك سۈيدىكى ئىچىپ كەپتۇ دە ، بۇ جېنىمغا ئورنىغان . ئاخىرى يا مېنىڭ بېشىمغا چىقىدۇ ، ياكى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ بۇ يۈندە پۇرۇچ . » يۇقۇرقىلار دەرۋىزىنى ئېچىۋاتقان رۇشەنگۈلنىڭ خىيالىدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۆتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-تىز بولمامسەن ؟
-مانا ، قۇلىقىڭىز ئاڭلىماۋاتامدىغاندۇ ؟
    قاسىم زابوي بىر قولىدا بىر بوتۇلكا ھاراق ، يەنە بىر قولىدا رۇمكىنى كۆتۈرگىنىچە دەرۋازىدىن ھويلىغا كىردى. خوتۇنى ئۇنىڭ تۇرىقىغا قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتتى،كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى.
www.iz.la

-ھاراق ئىچە سالامەتلىككە زىيانلىق ، نېمانچە ئىچىسىز دەيمەن؟
-پوقنى يەپسەن ، ماڭا ھاراق ئىچىشنى ئۈگەتكەن سەمەت سالىك ئەقلىمگە كەلسەم ھاراق ئىچىدىكەن ، ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە بىرەر زۇكام بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن. www.iz.la
-زىيان قىلمىغاندەك قىلغان بىلەن ھامان بىر كۈنى تىشىپ چىقىدۇ...
- گەپ قىلمىسام نېمە سۆزلەۋىرىسەن.
ئۇلار ئەشۇنداق بىر-بىرى بىلەن تەگەشكىنىچە ياتاق ئۆيگە كىردى. نېمىشقىكىن بۈگۈن رۇشەنگۈلنىڭ كۆڭلى بۆلەكچىلا ئۆڭۈپلا تۇراتتى. تۇرۇپلا ئۆي ئىچىدىكى ھەر بىر نەرسىگە تويماي قارىغۇسى كېلەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- تاماق يەمسىز؟
- ياق ، قورسىقىم توق . مەن بۈگۈن سەن بىلەن  چىلاشقىچە ھاراق ئىچىمەن .
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئەمدى؟  ئەقلى –ھۇشىڭىز جايىدىمۇ ياكى...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


- زادى ئىچەمسەن ، ئىچمەمسەن؟
-شۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسىز دەيمەن،يامەن ئۈلپەتدىشىڭىز بولمىسام ؟
- مەن چاقچاق قىلمىدىم،راست دەۋاتىمەن ئىچەمسەن ، ئىچمەمسەن ؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ياق، ئىچمەيمەن !
-پاھ، پاھ ! قالتىس ئۆكتەم بولۇپ كېتىپسەنغۇ سەن ... سېنى بۇنداق بولۇپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن.
- مەن قانداق بولۇپ كېتىپتىمەن؟ www.iz.la
-ئالە مانى  ئىچ دىگەندىكىن ئىچ  ... ئۆز نەپسىمدىن ياخشى كۆڭلۈم بىلەن شۇنداق دەۋاتىمەن ...- قاسىم  زابوي قولىدىكى بوتۇلكىدىن رۇمكىغا لىقلاپ ھاراق قۇيۇپ خوتۇنىغا تەڭلىدى.
www.iz.la

- توۋا قىلدىم خۇدايىم ، مانىڭغا نېمە بولغاندۇ بۈگۈن ؟ نەدە بىزدە ئاياللار ھاراق ئىچىدىغان ، خوتۇنىنى ھاراق ئىچىشكە زورلايدىغان ئادەت بار؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


- بار . بولمىسا بۈگۈندىن تارتىپ بولىدۇ .  ئىچسەڭمۇ ئىچىسەن ، ئىچمىسەڭمۇ ئىچىسەن ، بولمىسا بىلىسەنغۇ مېنى ھە...- ئۇ شۇنداق دەپ رۇشەنگۈلگە يەر تېگىدىن بىر پەس قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن- ھە ، ئەمدى بىلدىم بۇنىدا زەھەر بارمىكىن دەۋاتامسەن يا، قاراپ تۇر مانا ئاچچىقىنى ئۆزۈم ئىچىۋەتتىم مانا تاتلىقى ساڭا قالدى تۇتە ئالە ، ئىچە ....
www.iz.la

-ياق دېدىمغۇ ياق .
- مۇشۇنداقلا جايىللىق قىلىۋەرسەڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭ ئىگە بول ئەمىسە جۇما.
- ماڭا قورقاق سالماقچىمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى گېپىمنى ئاڭلاپ ، نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ...

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-ئاغزىڭنى يۇم – قاسىم زابوي رۇشەنگۈلنىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تەپتى.-  چىرايلىقچە گېپىمنى ئاڭلاپ بۇنى ئىچىۋەت ، بولمىسا...
- ئۆتىنىپ قالاي قاسىم ، سىزگە بۈگۈن نېمە بولدى ؟ خوتۇنىنىمۇ ھاراققا زورلامدۇ ئەر كىشى دېگەن ؟- رۇشەنگۈلنىڭ ئاۋازى سەل تىتىرەپ كەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
- سەن قاچاندىن بىرى بۈۋىم بولۇپ كەتتىڭ ؟... مەن بىلەن ئايشەك شوۋىچىنىڭ ھاراقخانىسىدا تونۇشقىنىڭ ئېسىڭدە يوقمۇ ،ھە يوقمۇ ؟ ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر  دەي ، ياخشىسى چىرايلىقچە بۇنى قولۇمدىن ئېلىپ ‹ رەخمەت ! ھەشقاللا! › دەپ گۈپلا ئىچىۋەت ، بولمىسا ئەمدى يۈز خاتىرە قىلىپ تۇرىۋەرمەيمەن...سەبرى-تاقەت دېگەننىڭمۇ چېكى بولىدۇ...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-نېمىلەرنى دەپ يۈرىيسىز...كىملىرىڭىزگە ئوخشىتىپ قېلىۋاتىسىز-مېنى ؟ ... نەدىكى بىر نېمىلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇۋالمىڭە ئادەمنىڭ  قۇسقۇسىنى كەلتۈرۈپ .... بەك جىق ئىچىۋاپسىز ،  مەن قىزىققىنە  چاي دەملەپ ئەككىرەي ئىچىۋېلىپ ، بىر دەم ئارام ئېلىۋېلىڭ ...- رۇشەنگۈل شۇنداق دېگىنىچە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- نەگە بارىسەن؟
- سىزگە چاي دەملەپ كىرگىنى؟
-توختا ! مېنىڭ ھازىر  چاي-پاي دېگەنلىرىڭگە تاۋىم يوق ، سەن بىلەن ھاراق ئىچىمەن ، ھاراق !
-مۇشۇنچىۋىلا خۇدىڭىزنى بىلمىگۈچىلىك ئىچكىچە ، جېنىڭىزغا لايىق بىر ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- نېمە ، سەن ماڭا تەنبى بېرىۋاتامسەن ؟ سېنىڭچە ئىچكىنىم بولماپتىمۇ؟... ئوغۇل بالا دېگەن ئىچىدۇ، چېكىدۇ ، ئوينايدۇ. يا ئىچمىسە ... ياكى چەكمىسە... ۋەياكى ئوينىمىسا ئۇنى قانداقمۇ ئوغۇل بالا، ئەكەك دېگىنى بولىدۇ؟ ... ئۇنداقلار بۇ دۇنياغا يۈك بولۇپ ياشاپ نېمىش قىلىدۇ دەيمەن جېىنىم پوندىلىكىم! www.iz.la
- مۇنداقمۇ گەپ بار دەڭ ، گېپىڭىز راست بولسا يېتىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ ئوغۇل بالا ئەركەك ! ئادەمنى تەتۈر قىينىماي...
-سەن مەن بىلەن قەستەن قارىشىلاشماقچىمۇ ؟. ئۆپكەڭنى بېسىۋالساڭ بولارمىكىن ، تومۇچۇقۇم ... ئالدىرىماي تۇر،   قارىشىلاشقاننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن ، تەتۈر قىينىغاننى ھېلى بىردەمگىچە كۆرىسەن... ئاناڭدىن تۇغۇلغانغا تويغۇزىۋېتىمەن... ئالە مانا ئىچ دېگەندىكىن ئۇزخولۇقچە بۇنى ئىچىۋەت ، مەن تامغا گەپ قىلماۋاتىمەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ...باشقا بىرىسىگە ئەمەس ، پۇل ساناپ سېتىۋالغان خوتۇنۇمغا گەپ قىلىۋاتىمەن، دېگەنلىرىمنى ئاڭلاۋاتقانسەن ؟... www.iz.la
- نېمىنداق قىلىسىز ، قورساقتىكى بالىنى ئويلاڭ ، يامان بولىدىغان ، گۇناھلىق ئىشقا ئادەمنى زورلىماڭ.
- ئېيتتە ، مەن زادى سېنىڭ ئىرىڭمۇ ، ئەمەسمۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئېرىم .
- ئۇنداق بولسا نېمىشقا گېپىمنى ئاڭلىمايسەن؟
-ئالدىڭىزدا ئۆلۈپ بەرسەم بېرىمەنكى بۇنداق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىمايمەن.
- سېنىڭچە مەن خاتا قىپتىمەن-دە؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ھەئە... ئەر  بىلەن خوتۇننىڭ يۈرىكى پۈتۈن دەيدىكەن سىزدەك ئەر بىلەن يۈرەك قانداقمۇ پۈتۈن بولسۇن پارچە-پارچە بولماي...
- سەن نېمە دېمەكچى زادى؟
ئىز تورى بەك ياخشى

- دۇرۇس ، پاكىز ، ھالال ياشايلى دېمەكچى . ئۆتۈنىپ قالاي ، مېنى ئۆزىڭىز بىلەن قارىشىلىشىشقا ، گۇناھكارلىققا زورلىماڭ.
- سەندىن سوراپ باقاي سېنىڭ نەزىرىڭدە مەن نېمە زادى؟
ئىز تورى www.iz.la

- ئەر . لېكىن مەڭگۈ ئەركەك بولالمايسىز. ئەركەك بولۇشقا سالايىتىڭىز توشمايدۇ.
-سۆزلىگىنە قېنى...
-  سىزدەك رۇھى مەجرۇھلارنى ،ئۆز قىممىتىنى تۇنۇمىغانلارنى، ئۆزى قىلغان ناشايان ئىشلاردىن پەخىرلىنىدىغانلارنى ، ئەقلى بارلىكى ئادەم  ئەركەك سانىمايدۇ، ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- قويە بۇنداق پوققا ھېساب رەپ-رەپ گەپلىرىڭنى تۇتە مانى ئىچ . بۇنى گۈپلا ئىچىۋەتسەڭلا ئاندىن كېيىن ساڭا ئەركەكلىكىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن.
- ئىچمەيمەن قانداق ، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل - ئىچ-ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ-نەپرىتىنى زادىلا باسالمىغان رۇشەنگۈل ئېرىنى تۈنجى قېتىم  « سەن »لىدى  . ھېلىلا ئالدىغا ئېرى تىكلەپ قويغان بۇتۇلكىنى غەزەپ بىلەن تەپتى. جاراڭ-جۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆي ئىچىنى قويۇق ھاراق پۇرىقى قاپلاپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
     «  خوتۇنىغا گەپ ئاڭلىتالمىغان ئەركىشىنى قانداقمۇ ئەركەك دېگىنى بولىدۇ ؟... ئەرلەرنىڭ ئەڭ چۈپۈرەندىللىرى ، مازپاينەكلىرى ، لىڭتاسمىللىرى ، بىلى بوشلىرى...ھەقلەپ ئالغان خوتۇنىغا گەپ ئاڭلىتالمايدۇ...» قاسىم زابوينىڭ خىيالىدىن شۇلار چاقماق تىزلىگىدە  ئۆتىشى بىلەن تەڭ بىردىنلا ئەسەببىلىكى تۇتۇپ ، كۆزلىرىگە  تېخىمۇ قىزىللىق تىقىلىپ ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتتى. ئۇ ئالدىدىكى خوتۇنىنى ھازىرلا كۆرىۋاتقاندەك ئۇنىڭغا تەپسىلى زەپ قويۇپ قاراشقا باشلىدى. گاھى ئوڭ-سول تەرەپكە ، گاھىدا ئالدى-ئارقىسىغا لىڭشىپ تۇرىۋاتقان ئېرىگە قاراپ رۇشەنگۈلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىغا ئىچى ئاغرىدى . بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنى ئويلاپ يۈرىكى چىممىدە  ئېچىشىپ كەتتى. بىلىنەر بىلىنمەس تەۋرەنگەن قورسىقىنى يىنىك سىيلىشى بىلەن تەڭ كۆزلىرىدىن تارملاپ ياش يۆكۈلۈشكە باشلىدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

قاسىم زابوي يانچۇقىدىن يەنە بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئالدى-دە، رۇشەنگۈلنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز سىرتتىن ھوۋقۇشنىڭ ئەنسىز ھوۋلىشى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ ھوۋلىشى توختىشى بىلەن تەڭ ، تەرەپ-تەرەپتە قاغىلار قاقىلداشقا باشلىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- نوچى بولساڭ مانىمۇ تېپىپ چېقىۋېتىپ باقە قېنى؟
-چاقسام چاقتىم ئۇ ئىشەك سۈيدىكى قاچىلانغان بىرنېمەڭنى. سېنىڭ بۇ پاسكىنىچىلىقىڭغا ھىچ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئىز تورى www.iz.la
-مانا ئەمسىسە تويە ئىرىڭ بىلەن قارىشىلاشقىنىڭغا...بوتۇلكا چېقىپ ھاراقنى تۆككىنىڭگە تويە... پاسكىنا... قانجىق... - قاسىم زابوي شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى بوتۇلكا بىلەن خوتۇنىنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىر ئۇردى. بوتۇلكا يېرىمدىن چېقىلىدى. رۇشەنگۈل چىررىدە چىقىرىغىنىچە ھوشۇدىن كەتتى. ئۇ خىلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن كۆزلىرىنى يېرىم ئېچىپ بېشىنى تولىمۇ تەستە كۆتۈردى. بىردىنلا ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى بىئارام بولۇشقا باشلىدى . نەپسى قىسىلغىنىچە يېتىپ قالدى.چىرايى سارغىيىپ ، پۇت-قوللىرى دەرمانسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ ئۆزىنى قاراڭغۇ بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلدى-دە، كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇۋالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-مەن بىلەن ھاراق ئىچمىگىنڭگە تويە تازا تويە...-قاسىم زابوي شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى بوتۇلكا سۇنىقىنى خوتۇنىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئارقا-ئارقىدىن ، قارا-قويۇق تىقىشقا باشلىدى. ھارغاندىن كېيىن باياتىن لىقلاپ قويۇپ قويۇلغان بىر رۇمكا ھاراقنى ئېلىپ كېلىپ  قىپقىزىل قانغا مىلەنگىنىچە ياتقان خوتۇننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ، ئۇنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان ئاغزىغا ھاراق  قۇيۇشقا باشلىدى. ۋاقىت مىنۇت-سېكۇنتلاپ ئاستا ئۆتمەكتە. رۇشەنگۈل لام-جىم دېمەي جىمجىت ياتماقتا... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- سەن نېمانچە جايىل دەيمەن... مۇشۇ ھالغا كېلىپ تۇرۇقلۇقمۇ ... يەنە يۇتقىنى ئۇنىماۋاتقىنىڭنى قارا... مەن ساڭا تۈگۈنىپ ئۈلپەتداشلىرىم بىلەن ئىچمەي ئېلىپ كەلگەن ھاراق ئەمەسمىتى بۇ .... – ئۇ خېلى ھەپىلىشىپمۇ خوتۇنىنىڭ ئاغزىغا ھاراق قۇيۇپ يۇتتۇرالمىغاندىن كېيىن ، رۇمكىدىكى قالدۇق ھاراقنى بىر كۆتۈرۈپلا گۈپپىدە ئىچىۋىتىپ ،  تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن ، يانچۇقىدىن يەنە بىر بوتۈلكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچتى-دە ، رومكىغا قۇيماستىن بوتۇلكا بىلەن ئىچىشكە باشلىدى. ئىز تورى www.iz.la
- مەن بۈگۈن بەك خوشال ... خۇشاللىقىمغا بۇ دۇنيا تارلىق قىلىدۇ... تارلىق...– قاسىم زابوي قولىنى ھەريان شىلتىپ مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىن كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ يولغا پاتماي كەلمەكتە. بۇ چاغدا جامائەت مەسچتتىن يانغان ، پادىچىلار قوي-كالىلارنى جاڭگالغا ھەيدەپ ماڭغان ، باغلاردا ھەر خىل قۇشلار يېڭى تاڭنى تەبرىكلەپ چاڭىلدىشىپ سايرىشىۋاتقان  بولۇپ، ھەممە تەرەپنى ئەدەملەرنىڭ ، چارىپايلارنىڭ ، قۇشلارنىڭ ھاياتقا بولغان چوغدەك سۆيگۈسى ، تەبىئەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى قاپلىغانتى. لېكىن قاسىم زابويلا ھەممىگە پەرۋاسىز ئىدى. ئۇ ، دۇنيادا ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم يوقتەك ، ئۆزىنىڭ زېمىندىكى نەرسىلەر بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك قوللىرىنى ھەرتەرەپكە شىلتىغىنىچە بىرلا سۆزنى تەكرارلاپ ، ئالجۇڭ-بۇلجۇڭ دەسسەپ مەھەللىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- مەن...كېچىچە...خوتۇنۇم بىلەن...ھا...راق... ئىچ...تىم... ئۇ ئاخىرى ... مەن ...بىلەن ... ھا ... ئىچ....
- ھۇ نۇمۇسنى بىلمەيدىغان دەيۈز ، قاق سەھەردە قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- بۇ ئەمدى ئادەم بولمايدىغان بولدى .
-مۇشۇنداقلاردىن كاساپىتىدىن ئىلكىمىزدە بارىنىڭ بەرىكىتى بولماۋاتىدۇ .
- بۇ ھامان بىر كۈنى مۇشۇ ئىشەك سۈيدىكىنى ئىچىپ كوچىدا ئۆلۈپ قالىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
- بىرەسىنىڭ بېشىغا چىقىپ ئاندىن كېيىن جىمىقىدۇ بۇ مۇناپىق.- مەسچتتىن يانغان جامائەت شۇنداق دېيىشكىنىچە بىردىن -بىردىن ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتىشتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى بۇ مەھەللىنى بىر ئالدى. قىيامەت بولىۋاتقاندەك بىر كۆڭۈلسىزلىك مەھەللىدىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى ۋەھىمىگە سېلىۋەتتى. ھويلىسىغا چىقىپ  ئەنسىز چىقىراپ كېتىۋاتقان ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرغانلار « بىزنىڭ بۇ مەھەللىنىڭ بىر يېرىدە قورقۇنچلۇق بىر ئىش يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ . » دەپ ئويلاشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىردىنلا قاسىم زابوينىڭ ئۆيى تەرەپتىن ئېچىنىشلىق قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە......تور دۇنياسى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(24)
82.8%
ئالقىشلايمەن
(5)
17.2%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس