ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئىقىن. تۆمۇر ئەھمەد ئوغلى مۇمەممەد ئەلى ياغما .
دوستۇم سىز كۈندىلىك پائالىيىتىڭىزدە ئەدەبىيات نۇقتىنەزىرى توغرىسىدا ھىكايىلەرنى ئوقۇغان ۋە قانغۇچە مەنىۋى ئوزۇق ئالغان بولغىتىڭىز ، ئەمما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە يىزىلغان مۇنداق تەسىرلىك ھىكايىلەرنى كۆڭۇل قەسىرىڭىزدىن ساقىت قىلدىم دەپ يۈرەكلىك جاۋاپ بىرەلەمسىز ؟ دىقىتىڭىزنى تارتىۋاتقان بۇ ھىكايىنىڭ تەپسىلى جەريانى مۇنداق . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1. 14 يىل ئىلگىرى بىر – بىرىنى ئەزەلدىن تونىمايدىغان ئەكبەر ئابدۇللا بىلەن شوۋلى تاسادىبى پۇرسەتتە يىقىن ئاكا – ئۇكىلاردىن بولۇشتى . بۇ كىشى ئويلاپ يەتمىگەن ئاجايىپ بىر مىھرى – مۇھەببەت ئىناقلىق داستانى . ئەكبەر ئابدۇللا كىم؟ ئۇ ئىككى ئەۋلات ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ تامغا ئويۇش ھۇنىرى بىلەن ئائىلىسىدىكى 5 جان نوپۇسنى ھاياتلىق يولىغا باشلاپ ماڭغۇچى ئىزدىنىش ، تىرشىش روھىغا باي جاپاكەش ئىنسان . شوۋلىچۇ ؟ ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يىلتىز تارتىپ جامائەت خەۋىپسىزلىگى كادىر ساقچىلىرىغا خاس قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ھايات - ماماتىنى جەمئىيەت ئامانلىقى خەلىقنىڭ خاتىرجەم ئامان ئىسەنلىگىگە بىغىشلىغان قەشقەر خەلقىنىڭ سويۈملۇك ئوغلى ، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى بەشكىرەم يىزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى . copyright by www.iz.la
2. دۇنيادا ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن دوسلۇق مىھرىدىن ئۇلۇغ نەرسە بولمىسا كىرەك . مەن تەرىپىنى قىلىۋاتقان ئەكبەر ئابدۇللا مۇشۇ قىسقىغىنام 14 يىلدىن بىرى خەنزۇ ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇق مىھرىنىڭ باھاردىن ئىللىق ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى . ئەكبەر ئابدۇللا مۇنداق دەيدۇ بىز ئىككىمىزنىڭ يۈرىكىدە بىر پارىدىن ھارارەتلىك ئوت بار ، ھىت – بايرام دەم ئىلىش كۈنلىرى ئىزدەپ - سوراپ ئۇچراشمىساق تىىنىچلىق – ئامانلىق سوراشمىساق كۆڭلىمىز زادى ئۇنىمايدۇ . ئۇچراشساقلام تەبىئى ھالدا قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىمىز ، ئەكبەر ئابدۇللانىڭ دىگەنلىرى قىلچە پاكىتسىز ، ئەمەلىيەتسىز ئەمەس ئىدى . شوۋلىنىڭ خىزمىتى قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئەكبەر ئابدۇللا بىلەن كۆرۇشۇپ تۇرۇشنى ، ئائىلە ئەھۋالى سالامەتلىگىنى ئۇقۇپ تۇرۇشنى ئىسىدىن چىقارمىدى . ھەر قانداق چاغ ئەكبەر ئابدۇللا شوۋلىغا ئاكا ، شوۋلى ئەكبەر ئابدۇللاغا كۆيۈمچان مىھرىبان ئۇكا بولدى . بىر – بىرىنى تولۇق چۇشەندى ، بىر – بىرىنىدىن ئايرىلماسلىق قارارىغا كەلدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3. ئەكبەر ئابدۇللانىڭ ئائىلىسى شەھەر نوپۇسى بولغان بىلەن ئىقتىزادى قىيىنچىلىق تۇپەيلى تۇرمۇشى تولىمۇ غۇربەتچىلىك ۋە سىرىق تال ئۆتەتتى . ئويلىمىغان يەردىن كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دىگەندەك تەقدىر ئاق كۆڭۇل سەمىمى ئەكبەر ئابدۇللانىڭ سالامەتلىگىگە چاڭ سالدى . ئۇ دىئابىت كىسىلى بىلەن كۆپ قىتىم دوختۇرخانىلاردا داۋالاندى . ئىقتىزاد يىتىشمەسلىك تۈپەيلى دىئابىت كىسىلىدىن ئۈزۈل كىسىل ساقىيالمىدى . 2011 –يىل 4 – ئاي مەزگىلى پۇتكۇل تەبىئەت قۇياش تەپتىدىن يۇمشاپ ھەممە يەردە گۈل – چىچەك يىشىللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتى ، ئەكبەر ئابدۇللا دىئابىت كىسىلى بىلەن يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىدا يىتىپ قالدى ، بۇ ئىشتىن تۇيۇقسىز خەۋەر تاپقان شوۋلى دەرھال دوختۇرخانىغا كىلىپ قىرىنداشلىق مىھرىنى بەرگەن جان - جىگەر ئاكىسى ئەكبەرنى يوقلىدى . يانچۇقىدىن ئۈچ مىڭ يۈەن نەخ پۇل چىقىرىپ ئەكبەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى . ئۇ قايتىش ئالدىدا ‹‹ ئەكبەر ئاكا مەن سىنىڭ ئۆز ئىنىڭ قىيىنچىلىق بولسا تارتىنماي دەۋەرگىن مەن سىنىڭ يۆلەكدىشىڭ ›› دەپ ئەكبەرنىڭ قولىنى مەھكەم سىقتى ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتە – ئۆتمەي يەنە ئالتە مىڭ يۈەن ئىلىپ كىلىپ ئەكبەرنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىشى ، كىسىلىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ئۆز تىلىگىنى بىلدۇردى ، بۇيىل 3 ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىدا دىئابىت بىلەن يىتىپ داۋالىنىۋاتقان ئەكبەر دوختۇرغا تۆلەيدىغان پۇلدىن قىسىلىپ باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ تۇرۇشىقا مەجبۇر بولىدۇ ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان شوۋلى تولىمۇ جىددىلىشىپ ئەكبەرگە تىلفۇن ئۇرغان بولسىمۇ تىلفۇن ئۇلانمايدۇ ، ئۆزى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان مەلۇم بىر ساقچىدىن ئىككى مىڭ يۈەن نەخ پۇل مىۋە – چىۋە كىرگۈزىدۇ . ساقچىخانىمىز باشلىغى شوۋلى بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىنى بىلدۇرۇپ بۇ ئازراق نەرسە بىلەن سىزنى يوقلاپ كىلىشىمىزنى تاپىلاپ بىزنى قىشىڭىزغا كىرگۈزدى قوبۇل قىلغايسىز ، شۇ تاپپا ئەكبەرنىڭ كۆزىدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان ھاياجانلىق يىشىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن ئىدى ، ئىككى مىڭ يۈەن پۇل مىۋە – چىۋە ئەكبەر ئائىلىسىنىڭلام ئەمەس ياتاقتىكى باشقا كىسەللەرنىمۇ قاتتىق تەسىرلەندۇردى ، ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن شوۋلى ئەكبەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ مىڭ يۈەن پۇلنى بىرىپ كۆزدىن غايىپ بولىدۇ ، چۇنكى ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى ھالەتتە تۇرغاچقا ساقچىلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى . www.iz.la
4. ھىكايىمىزدىكى ئىككى مىللەتتىن بىر جۇپ ئاكا – ئۇكا شۇنچە يىللاردىن بىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل – ئىناق ئۆتۇپ كىشىلەر سەزمىگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقى ئۈلگىسىگە ئايلاندى . مىھرى مۇھەببەتنىڭ چەك چىگىرىسى يوق ئىنسانى مىھرى مۇھەببەت ھەرگىزمۇ مىللەت ئايرىمايدۇ . پەقەت كىشىلەرنى بىر – بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغۇچى ئالتۇن زەنجىر . شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز زورۇركى قايسى مىللەتتىن بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ سۆيۇملۇك بىر ئەزاسى .
copyright by www.iz.la
ئـاخـىـرقـــى ســـۆز
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شوۋلى مىنىڭ باش پاناھىم ، ھاياتىم ، بەختىم ، بۈگۈنۈم ، ئۇنىڭ يارىدىمى بولمىغان بولسا مىنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى ، مانا ئۇ كۆپ قىتىملىق بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى . بۇخىل ئىنسانى دوسلۇق پەزىلەتنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن . بەلكى مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شوۋلى ئۇكامغا ئوخشاش پاك ۋۇجۇدۇمدىكى مىھرى شەپقىتىم ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئاجىزلار توپىغا قولۇمدىن كىلىشىچە يارىدەم قىلىپ شوۋلى ئۇكامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىگە ئەمەلى جاۋاپ قايتۇرىمەن شوۋلى ئۇكام شۇنچە يىللاردىن بىرى مەن بىلەن ئاكا – ئۇكىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ مىنى بەكمۇ تەسىرلەندۇردى . ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئورىپ – ئادىتىگە تىز ماسلىشىپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ باردى كەلدىنى قويۇقلاشتۇردى . گەرچە شوۋلى بىلەن بىر دادا ، بىرئانىنىڭ پەرزەنتى بولمىساقمۇ ئۇزاق يىللىق ئەمەلى سىناق بىزنى تاۋلىدى ، ئىتتىپاقلىق – ئىناقلىققا چۈمگەن چوڭ ئائىلىدە دوسلۇق يىلتىزىمىز مەڭگۈ چىڭ تۇتاش ، ئاكا – ئۈكىلىق مىھرىمىز قۇياشقا ئەڭ يىقىن مانا بۇ ئەكبەرجان ئابدۇللانىڭ قەلبىدن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان يۈرەك سۆزى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
