app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

قىزلارغا بىز بار(مىكرو ھىكايە)

ۋاقتى:2014-05-20 10:41مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
ياز كۈنلىرى. ھاۋانىڭ ناھايتى ئىسسىقلىقىغا قارىماي بەكمۇ تار كىيىنۋالغان سىمىز ئاق پىشماق كەلگەن ئايال مۇئەللىم ھە دەپ بار كۈچى بىلەن تەرلەپ، ھۈمۈدەپ ئوقۇغۇچىلارغا تەنبىھ بەرمەكتە. ئەگەر بىز بۇ مۇئەللىمنى مۇنبەردە كۈرمىگىنىمىزدە ئۇنىڭ بىر مائارىپچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالغان بولاتتۇق. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا خىتاپ قىلماقتا ئىدى. -ھەي قىزلار، سىلەر كەلگۈسىدە نىمىش قىلماقچى؟ ئەجەبا ھازىر مۇشۇنداق ئويۇنغا قىزىقىپ ئويناپ كەلگۈسىدە ئىرىڭلارغا قۇل بولماقچىما. قىيىنئاپاڭلارنىڭ سېسىق گىپىنى ئاڭلاپ، ئىرىڭلارنىڭ قاش-كۈزىگە قاراپ ئۈمرۈڭلارنى ئاشۇ قارا قازاننى چۈرگىلەپلا ئۈتكۈزۋەتمەكچىما ،ئۇنۇڭدىن ھازىر ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەتلەگە ئورونلۇشۇپ گۈلدەك ياشىمامسىلەر. ئەجەبا ئاتا ئاناڭلار سىلەنى ئاشۇ خەقلەرگە قۇل بۇلسۇن دەپ تۇققانمىدى. قاراڭلار ئەپتىڭلارغا. خىزمەت قىلساڭلار ئۈزۈڭلارنىڭ ھالال تاپقان پۇلى بولىدۇ. خالىغىنىڭلارنى مودا قىلىپ خەقلە ئالدىدا كىيەلسىلەر. قوقماي خەجلىيەيسىلەر، چايلارغىمۇ ئىرىڭلارنىڭ كۈزىگە قارىماي پوچىغىنا بارالايسىلەر، ئەجەبا خار بولماي ياشىغان گۇنامىكەن. قاراڭلار سىلەرگە ياخشى ياشىغۇڭلار يۇقمۇ. -ما ئوغۇللارغۇ،- مۇئەللىم سىمىز قوللىرىنى چىقىرىپ سىنىپتىكى ئوغۇللارنى كۈرسىتىپ.: ئەڭ بولمىغاندا مانداق مىنرال سۇنۇڭ تۇڭىنى كۈتۈرۈپ بولسىمۇ جىنىنى باقالايدۇ. مۇئەللىم شۇنداق دىگەچ مىنرال سۇ تۇڭىنى ئىككىنى ئۆرۈۋەتتى. ئۇ سۈزلىگەنچە شۇنچە ھاياجانلىناتتى.: لىكىن سىلەرچۇ نىمىش قىلالايسىلەر سىلەنى كىم باقىدۇ؟ بۇ چاغ سىنىپنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان قەيسەر مۇئەللىمنىڭ سۈزلىرى خۇشياقماي ئاللا بۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەن كۈزلىرىنى ئۇۋۇلاپ قوپوپ : -مۇئەللىم، ھەقىقى ياخشى قىزلا بولسا مەن شۇنداق مىنرال سۇ توڭىنى كۈتۈرۈپ بوسىمۇ باقىمەن. بارلىق ئويغۇر ئوغلانلىرى باقىدۇ،-دىدى ...سىنىپ ئىچى چاۋاككا تولدى. قەيسەر يەنە ۋارقىراپ: ئەجەبا ياخشى قىزلارنى باقالمايدىغان ئوغلانلار تۇرۇڭلار، مۇئەللىم كۈرۈپ باقسۇن،- دىدى. لىكىن يىگىرمىدەك ئوغۇلنىڭ بىرسىمۇ تۇرمىدى. ئاپتۇر:تىمتاس
ياخشىكەن
(14)
87.5%
ئالقىشلايمەن
(2)
12.5%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس