app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

ساختا تىلفۇن ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-23 17:16مەنبە: يوللىغۇچى:DeLim چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئالغىلى ئىككى ھەپتە بولمىغان موتۇرولا ماركىلىق قول تېلېفۇنۇممۇ  بۇزۇلۇپ قالدى . تېلېفۇندا باشقا مەسىلە بولمسىمۇ لىكىن تېلېفۇن  كەلسە ئىكران ئاپپاق بۇلۇپ قىتىۋالغاندىن كىين قارشى تەرەپ تېلېفۇننى قويىۋەتسە ئاندىن ئىكران يۈزى نۇرمال ھالەتكە قايتاتتى . مەن بۇنداق نەرسىلەرنىڭ جىڭى بىلەن ساختىسنى ئايرىيالمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ قىلغان گىپىگە ئۈزۈمنىڭ ۋەدىسىدىن بەكرەك ئىشىنەتتىم . ئادەملەرنىڭ كىچىككىنە نەپ ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ لىكىن تېلېفۇن ساتقۇچىلارنىڭ ھەر بىر قېتىملىق سودىدىكى سۆزى مىنى داۋاملىق ئىشىنىشكە مەجبۇر قىلاتتى . ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە تېلېفۇندىن ئۈچنى ئالماشتۇرۇپ بولدۇم . مەن قانداق ماركىلىق تېلېفۇن بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇرغىلى . باشقىلار ئۇرغان تېلېفۇننى قۇبۇل قىلغىلى بولسىلا تېلېفۇنغا ئالاھىدە تەلىۋىممۇ يوق ئىدى . لىكىن ئۈچ تېلېفۇننىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا سۆزلەشكىلى بولماس بۇلۇپ قالغاچقا ھە دىسە تېلېفۇن  بازىرىغا چىپىشقا مەجبۇر بولغاندىم . باشتا سەنشىڭ ماركىلىك  تېلېفۇنۇم بار بۇلۇپ ئۇنى ماڭا شىنجىندا تىجارەت قىلىدىغان دوستۇم سوغا قىلغاندى . ئۇ تېلېفۇن قولۇمدىن بىر نەچچە قىتىم چۈشۈپ كىتىپ مەن گەپ قىلسام قارشى تەرەپ ئاڭلىمايدىغان بۇلۇپ قالغاچقا ئۇنى ياخشىراق تېلېفۇنغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا تاغدىكى تېلېفۇن بازىرىغا باردىم . مەن ئەمدى بازارغا كىرىشىمگە ئىشىكنىڭ يىنىدىكى ئەينەك دۇكاننىڭ ئىچىدە تۇرغان چىچى قىسقا . پىشانىسى كەڭ . ئۆزى سىمىز ، كۆزىنىڭ ئالمىسى جىم تۇرمايدىغان خۇشخۇي بىر يىگىت تېلېفۇننى كۆرۇپ يۇز سومغا ئالاي دىدى . ئۇنىڭ بىر مىڭ سەككىز يۇز سوملۇق تېلېفۇنغا بۇنداق تۆۋەن باھا قويغانلىغىدىن ئاچچىغىم كىلىپ بىكارغىلا بەرمەيمۇ دىدىم . ئۇ ماڭا ھەيران قالغاندەك قاراپ ساتمىساڭ مەيلى باشقا يەرگە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باق دىدى پەرۋاسىزلا . مەن  بازارنى چۇشەنمىگەچكە يەنە بىر مۇنچە ئادەمنى ئىزدەپ ئاۋارە بولغىچە ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ ياخشىراق بىر تېلېفۇن  بىلەن ئالماشتۇراي دەپ ئويلاپ ئۈزۈڭدىكى ياخشى تېلېفۇن بىلەن ئالماشتۇرايلى ، ئۈستىدىكى پۇلنى بىرەي دىدىم . ئۇ ئۇيان ئايلاندۇرۇپ . بۇ يان ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى تېلېفۇننى يۇز سومغا ھىساپلاپ ئىلىپ قالغاندىن كىين ئىككى كارتا چۇشىدىغان نوجىيا ماركىلىق يىپ يىڭى تېلېفۇندىن بىرنى ماڭا بىرىدىغان مەن ئۈستىدىن ئىككى يۇز ئەللىك سوم تۆلەيدىغانغا كىلىشتىم . مەن پۇلنى بىرىپلا تېلېفۇننى ئىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئۇ ماڭا تېلېفۇن فىللاندىيىنىڭ تېلېفۇنى ئەمەس . جۇڭگۇ ياسىغان لىكىن جىڭ تېلېفۇن دىگەندى . تېلېفۇننىڭ 4 - كۈنۈپكسىنى كۈچەپ باسمىسام سان چىقمايدىغان بىر ئەيىپىنى ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئۇقتۇم . تېلېفۇننى ئۆرۈپ چۆرۈپ كۆرۈپ قارىغانسىرى قويۇلۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ قورسىغىمغا جىن كىردى . ئەتىسى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تېلېفۇننى ئالماشتۇراي دەپ دۇكىنغا بارسام ئۇ كەلمەپتۇ . مەن تېلېفۇن بازىرىنى بىر دەم ئايلىنىپ يۇرۇپ ماي كۆرۇشكە  باشلىدىم . تېلېفۇن  بازىرىدا ئادەم كۆپ بۇلۇپ بىر ياقلاردىن ناخشا ئاڭلانسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل گەپ سۆزلەر ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا بۇ يەر ناھايىتى قىزغىن ۋە سەمىمى ئادەملەر بىلەن تولغاندەك بىلىنەتتى . تېلېفۇننىڭ مىيى بىر سائەت ئارانلا يىتەتتى شۇڭا ئۇنى ماي ساتىدىغانلارغا كۆرسەتسەم مىيىڭ ساختا ئىكەن دىدى . مەن ماي ساتىدىغان سىمىز بىر ئايال جىڭ دەپ تۇنۇشتۇرغان مايدىن بىرنى ئەللىك سومغا سىتىۋىلىپ قايتىپ ھىلىقى دۇكانىغا يەنە باردىم . دۇكان تاقاق . بولدىلا ئەتە كىلەي دەپ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ يەنە كۆڭلۇم خاتىرجەم بولمىدى . بىر مىڭ سەككىز يۇز سوملۇق تېلېفۇندىن بىرنى بىكارغا بەرگەندەكلا بىرىپ يەنە ئۈستىدىن پۈل تۆلەپ ئىرىشكەن نەرسىنىڭ بىر نەچچە يەردىن چاتاق چىقىشى مىنى ئالداندىڭ دەپ ئارام تاپقۇزمايتتى . شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى سەھەردە ھىلىقى دۇكانغا يەنە باردىم . لىكىن دۇكان تاقاق ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكلەردىن بۇلار دۇكاننى ئاچمامدۇ نىمە دەپ سورۇدۇم . ئۇلار ماڭا بۇلارنىڭ سەھەردە مالغا باردىغانلىغىنى ئىيتتى . بۇ قىتىم ئۇنى ساقلاپ تۇرغان مەنلا ئەمەس يەنە ئىككى ئوقۇغۇچى قىزمۇ بار ئىدى . ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ بىر دەم پاراڭلاشقاندىن كىين ئۇلارنىڭمۇ ساختا تېلېفۇن  ئىلىپ قىلىپ قايتۇرۇش كەلگەنلىگىنى بىلدىم . قويۇلغان مەنلا ئەمەس ئىكەنمەن دىگەن تۇيغۇ بىلەن ئاچچىمغا ھاي بىرىپ بىر دەم بازار ئايلانماقچى بولدۇم . قۇمدەك دۇكاننىڭ بۇلۇڭىدىكى تارچۇقتا بىر قىز چۈيۈندە قۇيۇلغاندەك پارقىرايدىغان ھەرىپلەرنى بىر يىپقا تىزىپ ياسىغىلى تۇرۇپتۇ . مەن ئۇنىڭغا قىزىقىپ ھەر خىل رەڭدىكى  ھەرىپلەرنى تۇتۇپ كۆرگەندىن كىين ئۇنىڭغا « ئۆزھال » تەخەللۇسۇمنى تىزىپ بىرىڭ دىدىم . قىزچاق بىر تىلى بەش سوم دىدى . بوپتۇ ئالاي دىدىم . ئىش بىر دەمدىلا پۈتتى  مەن ئۇنى تېلېفۇنغا ئىسىپ قايتار يولدىكى ھىلىقى دۇكانغا يەنە باردىم  دۇكان تاقاق ئىدى . بولدىلا ئەتە كىلەي دەپ يەنە قايتىپ كەتتىم . ئەتىسى ئاقسۇدا بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتنىشش ئۈچۈن ئاقسۇغا كەتتىم . توي كۈنى كەچ ياتاققا كىلىپ قارىسام تېلېفۇن  ئىتىلىپ قاپتۇ . مەن تېلېفۇننى ئىچىپ يانچۇققا سىلىپ باقتىم . بىر دەمدىن كىين قارىسام يەنە ئىتىلىپ قاپتۇ . تېلېفۇن ساق بولسا ھەرگىزمۇ ئاپتۇماتىك ئىتىلىپ قالمايتتى . مەن تېلېفۇن  بىلەن بىردەم ھەپلەشكەندىن كىين ئۈرۈمچىگە بىرىپلا قايتۇرىۋىتىمەن دەپ ئويلاپ قارىسام ئېكىراننىڭ يۇزدىكى يالتىرىقى يىرىم ئاجىراپ قاپتۇ . يالتىراقنى ئىلىۋىتەي دەپ تارتىشىمغا ئىكران قولۇمغا تەڭلا چىقماسمۇ چۈچۈپ كەتتىم . ئېكراننى پەمىلەپ جايىغا سالغاندىن كىين بىئاراملىق ئىچىدە ئۇخلاپ بولدى ئەتىسى ئەتتىگىنى ئاقسۇدىكى تېلېفۇن بازىرىغا باردىم . كىچىك بىر دۇكاندا دىھقان چىراي بۇرۇتلۇق بىر يىگىت ئولتۇرغان بۇلۇپ ئۇ كۈزۈمگە يالغان گەپ قىلمايدىغاندەك سەمىمى كۆرۇندى . ئۇنىڭغا بۇ تېلېفۇننى ، ئۈستىدىن يۇز سوم بىرىپ ھازىرقى موتۇرولا ماركىلىق تېلېفۇننى ئالماشتۇردۇم . ئۇ ماڭا چاتاق چىقىشى مۈمكىن ئەمەس . ئەگەر مەسىلە چىقسا ئەكىلىڭ بىر يىلغىچە مەن ئىگە دىدى . مەن خاتىرجەم بۇلۇپ تېلېفۇننى ئىلىپ چىقىپ كەتتىم . ئۈرۇمچىگە قايتىپ كىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كىين بۇ تېلېفۇنمۇ بۇزۇلدى . بۇ يىللىق ئۆمرۇم تېلېفۇن بازىرىدا ئۆتەمدۇ نىمە دەپ ئاچچىغىم كەلسىمۇ لىكىن ئامال يوق ئىدى . مەن بۇ تېلېفۇننى ئىلىپ يەنە ئۈرۈمچىدىكى تېلېفۇن بازىرىغا باردىم . ئالدىنقى قىتىم ماڭا تېلېفۇن ئالماشتۇرۇپ ساختا تېلېفۇننى جىڭ دەپ ساتقان  يىگىت دۈكىنىدا بار ئىكەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇپ ھەي ساختىپەر بارمۇ سەن دىگەندەك بىر قاراپ كىنايىلىك سالام بىرىپ بولسىمۇ ئۆتۈپ كىتەي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ يىنىغا بىرىشىمغا . ئۇ ماڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىپ ھىلىقى تېلېفۇن ساختا ئىكەن . زاۋۇت ھەر بىر تېلېفۇننى نەچچە ھەسسە يۇقۇرى باھادا قايتۇرۇپ ئىلىۋالدى . تېلېفۇننى ئەكىلىڭ . مىڭ سوم بىرىمەن دىدى . لىكىن ئۇ تېلېفۇن  ئاقسۇدا قالغان بولغاچقا يوقۇتۇپ قويدۇم دەپ يالغان گەپ قىلدىم . ئۇ ھەي ئىسىت بىكاردىنلا مىڭ سومدىن قۇرۇق قالدىڭىز دەپ ئەپسۇسلانغانچە خىرىدار بىلەن بولدى . مانا ئەمدى بۇ ساختا تېلېفۇننىڭ ئىگىسى ئاقسۇدا قالغاندى . مەن ئىلاجسىز بۇ تېلېفۇننى يالغان گەپ قىلمايدىغان بىرىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئالماشتۇراي دەپ ئويلاپ يالغانچىلىغى ئىنىق بولسىمۇ لىكىن كۆزۈمگە سەمىمى كۆرىنىدىغان يەنە بىر يىگىتنىڭ ئالدىغا باردىم . چاچلىرى قالمىغان لىكىن مەن بىلەن تەڭتۇش كۆرىنىدىغان بۇ يىگىت تېلېفۇننى كۆرۈپ يىگىرمە سوم بىرەي دىدى . مەن ئاچچىغىمنى بىسىپ تۇرۇپ بولدى ساتماي ئوڭشىتىپ ئىشلىتەي نىمە مەسىلە باركەن كۆرۈپ بىقىڭلار دىدىم . ئۇ تېلېفۇن نى قولىغا ئىلىپ بىر ئۆچۈرۈپ يەنە بىر ئاچقاندىن كىين تاختا سىمىدىن چاتاق چىقىپتۇ . ئەللىك سومغا ئالماشتۇرىمىز دىدى . ئەللىك سومغا ئالمايدىغان تېلېفۇنغا ئەللىك سوم خەجلەشنى خالىماي يەنە بىر رىمىنۇتچىنىڭ يىنىغا ئىلىپ باردىم . ئۇ تېلېفۇننى كۆرۈپ ئاساسى تاختا بۇزۇقكەن . ئىكەن يۇز سوم بەرسڭىز ئالماشتۇرۇپ بىرەي دىدى . مەن ئاستا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ يەنە بىر يەرگە ئىلىپ باردىم . ئۇمۇ تېلېفۇننى كۆرۈپ قۇۋەت كۈچەيتكۇچ كۈيۈپتۇ يۇز سومغا ئالماشتۇرىمىز دىدى . ئۇ يەردىنمۇ كىتىپ يەنە بىر يەرگە ئىلىپ باردىم . ئۇ تېلېفۇننى ئىتىپ ئىچىپ كۆرۇپ ماي ساختا ئىكەن . يەنە كىلىپ توك قاچىدىكەن دىدى . راسىت ماينىڭ ساختا ئىكەنلىگىدە گەپ يوق ئىدى ماينى بىر كىچە توكقا چىتىپ قويسام ئىككى سائەتتىن ئارتۇق يەتمەيتتى . ئۇنىڭغا ماي ئالماشتۇرسام بۇلارمۇ لىكىن ئىكران ئاپپاق بۇلۇپ قالىدىغان ئىشى چاتاق بولدى دىدىم . ئەمسە تاختا سىمى چاتاق . ئۇنى ئوڭىشىتىپ ئاندىن ماي ئالماشتۇرۇڭ دىدى . بۇنىڭغا يۇز سوم كىتەتتى . يىگىرمە سوم باھا قويغان تېلېفۇنغا بۇنچە پۇل خەجلىسەم يەنە ئوڭشالماي قالسىچۇ دەپ ئويلاپ يالتايدىم . يەنە بىر يەرگە ئىلىپ بارسام ئۇ بىر دەم تەكشۇرگەندىن كىين ماڭا ئىچىدىكى يۇمشاق دىتالدىن چاتاق چىقىپتۇ . ئوتتۇز سوم بەرسڭىز كومپىيۇتىرىغا چىتىپ يۇمشاق دىتالنى تەڭشەپ باقاي دىدى . مەن رەتلىسەك چاتىغى تولۇق تۇگەمدۇ دىدىم . لىكىن ئۇ ھۆددە قىلالمايدىغانلىغىنى ئىيتتى . تېلېفۇننى يا تاشلىۋەتكۇم كەلمەيتتى يا ئوڭشاتقۇم كەلمەيتتى . لىكىن كىچىككىنە نەرسىنىڭ ئىچىدە بۈنچىلىك بۇزۇلىدىغان جىق نەرسىنىڭ بارلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قالسام يەنە بىر تۇرۇپ بۇ ئىش ماڭا قىزىق تۇيۇلغاندى . مەن يالغۇز بىر ئادەمگە ئەمەس جۇڭگۇنىڭ زاۋۇتلىرىدىن تارتىپ ھەممىگە ئالدانىۋاتاتتىم . ئەگەر تېلېفۇننى ساق ھالەتكە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسلىق . تاختا . تاختا سىمى . ماي  . يۇمشاق دىتالنى رەتلەش ھەققى . قۇۋەت كۈچەيتكۇچ نەرسىلەرگە ئالدى كەينى بۇلۇپ يەتتە يۈز سوم پۇل خەجلىسەم ئاندىن ئۇنى ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ھالەتكە كىلەتتى .  ۋاي بولدىلا دەپ ئويلاپ تېلېفۇن بازىرىدىن چىقىپ سىرىتقا چىقسام ئوتتۇز ياشلاردا بار بىر يىگىت قولۇمدىكى تېلېفۇنغا قاراپ ساتامسىز دەپ سورىدى . ساتىمەن دىدىم . بۇزۇق ئەمەستۇ دىدى ئۇ . ياق مىيى قالمىدى دىدىم . ئۇ تېلېفۇننى بىر دەم كۆرگەندىن كىين ساختا ئەمەستۇ دىدى كۈزۈمگە قاراپ تۇرۇپ . مەن ئۇنىڭدىن كۈزۈمنى ئىلىپ قىچىپ ساق ھۈددە قىلىمەن دىدىم . شۇنىڭ بىلەن تېلېفۇننى يۇز سومغا ساتتىم . لىكىن پۇلنى قولۇمغا ئالغاندىن باشلاپلا كۇڭلۇم يىرىم بۇلۇشقا باشلىدى  بىئارام بۇلۇپ ئەتراپىمغا قارىسام ھىلىقى يىگىت كۆلگە ئىقىپ چۇشكەن بىر تال تامچىدەك ئادەم دېڭىزى ئىچىدە غايىپ بولغاندى . مەن يالغان گەپ قىلىپ ئۇنى ئالدىغانلىغىم ئۈچۈن ئازاپلىنىش ئىچىدە ئارقسىدىن بىرىپ بولدى ئۇكام ما پۇلۇڭنى تۇت . تېلېفۇن  بۇزۇق ھەم ساختا تېلېفۇن دەپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بۇلۇپ ئۇنى ئىزدەپ ماڭدىم . مەن شۈنچە ئىزدىگەن بولساممۇ ئۇ تېلېفۇن بازىرىنىڭ ئالدىدا كۆرۈنمەيتتى .  مەن چوڭ  سارايغا كىردىم . بۇ يەردىكى ئادەمنىڭ جىقلىغىدا بىر ئادەمنى ئىزدەپ تىپىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى . مەن بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كىين سارايدىن چىقىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تاماكا چەككەچ ساقلاپ تۇراي چىقىپ قالسا پۇلنى قايتۇرۇپ كىتەي دىگەن نىيەت بىلەن ساراينىڭ ئالدىدا تۇردۇم . ئارىدىن ئون بەش مىنۇت ئۆتۈپ ئۆزى سىرىق ئورۇق چاچلىرى ئۈسۈپ كەتكەن بىر بالا يىنىمغا كىلىپ ئاكا تېلېفۇن  ئالامسىز دىدى . مەن ياق دىدىم . ئۇ مانا ماۋۇ تېلېفۇن يىپ يىڭى ئالسڭىز مىڭ سومغا بىرىمەن دەپ بىر تېلېفۇننى چىقاردى . مەن خوشياقمىغاندەك ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم. ئۇنىڭ قولىدىكى مەن ھازىر ساتقان تېلېفۇن  ئىدى . مەن ھەيرانلىق بىلەن ئەكىلە كۆرۈپ باقاي دەپ تېلېفۇننى ئاچتىم . تېلېفۇن بىر قىتىم چۈشۈپ كىتىپ ئۈستى تەرىپىدە ئازراق ئىز قالغاچقا ئۇنى كۆرۈپلا تونىۋالغاندىم . لىكىن مەن تېلېفۇننى قولۇمغا ئالغاندا تېلېفۇن نۇرمال ئىچىلدى . مەن ھەيران قىلىپ بۇ مەن ھازىر يۇز سومغا ساتقان تېلېفۇن  ئىدى . خالىساڭ پۇلنى قايتۇرۇپ بىرەي دەپ ئۇنىڭغا يۇز سومنى تەڭلىدىم . لىكىن ئۇ چىرايىمغا قاراپ قويۇپ  . ئاكا مىنى بوزەك قىلاي دەۋاتامسەن يا دىدى ماڭا ھەيۋە قىلىپ. مەن ھاڭۋاققانچە تۈرۈپ قىلىپ مەن راس گەپ قىلىۋاتىمەن دىدىم ئۇنىڭغا . يولۇڭغا ماڭە بولدى ئادەمگە چاخچاق قىلماي مىڭ سوملۇق تېلېفۇنغا يۇز سوم بىرىمەن دىگەنمۇ گەپمۇ دىدى ئۇ . مەن ئۇنى گىپىمگە ئىشەندۇرىمەن دەپ ئاۋارچىلىق تىپىۋالماي بولدى دەپ  ئۆيگە قايتىپ كىتىپ كۇتۇپخانا ئۆيدە كىتاپ كۆرۈپ ياتتىم . كەچتە ئىنىم بىلەن ئايالىم ئۆيگە قايتىپ كىلىپ مىھمانخانا ئۆيدە  قىزغىن مۇڭداشقىلى تۇردى . مەن نىمە بولغاندۇ دەپ چىقسام ئۇلارنىڭ قولىدا بىردىن تېلېفۇن تۇرۇپتۇ . ئۇكام مىنى كۆرۈپ ئالدىراشلا بىز بىردىن تېلېفۇن ئىلىپ كەلدۇق . مىنىڭ تونۇشۇم بار ئىدى ئەرزانلا ئىلىپ بەردى دىدى ماڭا .  مەن  ئايالىمنىڭ قولىدىكى سەنشىڭ ماركىلىق تېلېفۇننى قولۇمغا ئىلىپ قاراپ يىپ ئاسىدىغان يىرىنىڭ سۇنۇقلىغغا كۈزۈم چۈشتى . ئۇ مەن مۈنچىدا سۆزلىشىۋىتىپ يىقىلغاندا قولۇمدىن چۈشۈپ كىتىپ سۈنغان يەر ئىدى . بۇ مەن يۇز سومغا سىتىپ ئۈستىدىن ئىككى يۇز ئەللىك سوم بىرىپ ئالغان باشتىكى ھىلىقى سەنشىڭ ماركىلىق تېلېفۇن بۇلۇپ ئۇنى قولۇمغا ئىلىپلا تونۇغاندىم . نەچچىگە ئالدىڭ دىدىم ئايالىمدىن . سىز ئىشلەتكەن ھىلىقى تېلېفۇنغا ئوخشايدىكەن دەپ ئۈزۈمنىڭكىنى بىرىپ ئالتە يۇز سوم بەردىم دىدى ئايالىم خۇشال ھالدا . ئۇنىڭ تېلېفۇننى مەن ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا بىر مىڭ سەككىز يۇز سومغا ئىلىپ بەرگەندىم . ئۇنىڭ خۇشال ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم . ئارقىدىن ئۇكامنىڭ تېلېفۇنىنى قولۇمغا ئىلىپ كۆردۇم . ئۇنىڭ قولىدىكى مەن باياتىن يۇز سومغا ساتقان تېلېفۇن  ئىدى . شۇڭا كۆڭلۇمدە ھەممە ساختا نەرسىلەرنى قىممەت پۇلغا يىغىپ كەپسىلەر دەپ ئويلىغاچ ئۇكامدىن سەن نەچچىگە ئالدىڭ دەپ سورۇدۇم ، ئەرزان سەككىز يۇز سوم دىدى ئۇ خۇشال ھالدا . مەن بۇ ئىككىسگە نىمە دىيىشنى بىلمىدىم . بىر تۇرۇپ ئاچچىغىم كەلسە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كىلەتتى . لىكىن بۇلارغا گىپىمنى قانداق چۇشەندۇرۇشنى بىلمەيتتىم . كۆز ئالدىمدىن مەندىن تېلېفۇن  ئالغان . ساتقان ھەر خىل ئوبرازلارنىڭ چىرايلىرى لىنتىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى . تۈرۈپلا ئۇلارغا ئىچىم ئاغىرىپ قالدى ھەم ئۆتكەندە توردا « بىزدىن نىمىشقا ئالىم چىقمايدۇ » دىگەن تىمىدا بولغان مۇنازىرىلەرنى كۆرگەنلىگىم ئىسمگە كەلدى . كىچىككىنە سودىدا يالغان گەپ قىلىشتىن زىرىكمەي ، ئازغىنە نەپ ئۈچۈن ئادەم ئالداشتىن بىزار بولماي ياشىيالىغان ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئالىم چىقمىسا كىرەك دىگەن يەكۇن كاللامغا كەلدى . بۇ بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش بولسىمۇ لىكىن جەميەتتە يالغانچىلىق بىلەن ئالدامچىلىقنىڭ زىيادە ئەۋىج ئىلىپ كىتىشى جەميەت ئۈچۈن زور بالايى ئاپەت ئىدى . خىيالىمدا ھەممىلا ئادەم يالغانچىلىققا يۇزلىنىپ . ئالدامچىلىقنى كەسىپ قىلىۋالغان جەمىيەتتە كىم ئوقۇپ بىلىم ئىلىشنى . بىلىم ئىلىش ئارقىلىق پەللىمۇ پەللە ئۆرلەپ ئالىم بۇلۇشنى خالىسۇن ؟ دىگەن بىر پىكىر بىر ئۇزاق ھۈكۈم سۈردى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاپتۇرى؛ئۆزھال

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(11)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس