app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-14 12:29مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۆتكەن زاماندا،يەر تەۋرىگەن يىلى ،ماھى شەبانغا بىر كەم ئوتتۇز ئىدى.
ئوچاق مەملىكىنىڭ قازان شەرھرىگە قاراشلىق مانتا گۇڭ بىگىمنىڭ چوڭ قىزى جۇۋاۋىخان ،كىچىك قىزى چۆچۈرىخانلار بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپ ،بارىلىق غىزا ئەربابلىرىنى چاقىرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزسەك دىگەن نىيەت بىلەن ئۇلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتتى.

www.iz.la


ئۇلار داستىخان مەيدانىنى كەڭ ئېچىپ ،ئۆزلىرى تەكلىپ قىلشقان بارىلىق غىزا ئەربابلىرىنىڭ تولۇق كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا،مەيدانغا ئەڭ بالدۇرجۇۋازچى مەھەللىسىدىكى توختى چەلپەكنىڭ بوۋسى پوشكال قازاخۇنۇم كەلدى.ئۇنىڭ كەينىدىن كۆكتاتچىلار مەھەللىسىدىكى تۇرۇپ خېنىم نازۇك بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇپ پەم بىلەن كېلىپ مىھمانلارغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغاندىن كىيىن تاشقىرقى ئايۋاندىن ئورۇن ئالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئون بارماقنىڭ يېقىن سىردىشى ،باپكارلار مەھەللىسىنىڭ خەۋەرچىسى لۆڭگە خېنىم ئالاھىدە ئولتۇرغان قونداق ماكانىدىن سەكىردى -دە ،بىرلا موللاق ئېتىپ ،ساھىپىاننىڭ مۈرىسىگە ھاپاش بولدى.بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەمنەپەسلىرىدىن ئاپتۇۋا،چىلاپچا ،شالداملار مەيدانغا چۈشۈپ لۆڭگە خېنىمغا كۆز ئىشارىسى قىلغاچ مېھمانلار بىلەن ئۈچ قېتىمدىن كۆرۈشۈپ چىقىپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇنىڭدىن كىيىن يۇرىتنىڭ ئۆسمۈرلىرى بولغان پىيالىلەر سەپ سەپ بولۇپ يېتىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن «پوش -پوش» دىگەن سۈرلۈك ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇ تاشقىردىكى ساماۋەر پىرىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئۇنىڭ مۇرىتلىرىدىن بولغان چەينەكۋاي ئىلمەك ئاغزى بىلەن نوقۇپ پىيالىلەرنىڭ نالە -پەريادىغا قارىماستىن ،ئۇلارنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۋەتتى.ساماۋەر پىرىمنىڭ غەزىپى كەلدى بولغاي باشقىلارنى مەنسىتمەي سەكرەپ قاينىغىلى تۇردى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئۇدۇلقى كوچىدىن «پوش!» دىگەن ئاۋاز بىلەن ،پەتنۇس خېنىمنىڭ ئالقىنىدا ئولتۇرۇپ ،تونۇر ئەۋلىيالىرىنىڭ پۇشتىدىن بولغان ھەزىرتى قازى كالان نان تۆرەم يېتىپ كەلدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
پۈتۈن مەيداندىكىلەر پاراڭلىشىۋاتقان چاغداسىنچاي خېنىم قەنىت-ناۋات ،قايماق ،تۇخۇم ،شېكەر ،سۈت ،ئاقمۇچ ،زەپە ،قوۋزاق دارچىن ۋە شۇنىڭدەك دورا- دەرمەكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا يېتىپ كەلدى.بۇنى كۆرگەن قاتلىما قازاخۇنۇم چۇۋۇلغان سەللىسىنى تۈزەپ تۆرەمنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان سامسا خېنىم ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالماي كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتقان پېتى ،قاتلىما قازاخۇنۇمنىڭ سەللىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالدى.بۇ ۋاقىتتا داستىخان مەيدانىدىكىلەر «دۇرۇس »دىيىشىپ باشلىرىنى لېڭىشىتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
سامسا خېنىم بىرىنجى قېتىمىلق جەڭدە ئۆزماھارىتىنى كۆرسىتىپ ،بەداشقاننى كەڭ قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ،مېھمانلار ۋە ساھىبخانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاشقازان شەھرىدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.سىنچاي خېنىممۇ سامسا خېنىمنىڭ سەپەر ئۈستىدە پۇتلىكاشاڭغا يولۇقىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈرۈپ كەتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مىھمانلار ئىچىدە بىر پەس جىمجىتىلق ھۆكۈم سۈرگەندىن كىيىن،شېكەرشۈن خېنىم موللاق ئاتقىنىچە بوۋسى بىشەكشۈن ھاجىمنىڭ پاك مۈرىسىگە ئۆزىنى تاشلاپ تۇرشىغا ،ئۆزئەۋلاتلىرىدىن بولغان كۆكچى نوچى،چاچۈرۈك مەخسۇم،قاراقاش خېنىملار غەزەپكە كېلىشىپ ،ئۆزلىرىنى پارە-پارە قىلغان پېتى كەينى كەيننىدىن ھامھام دەرۋازىسى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
ئىز تورى www.iz.la

بۇلارنىڭ رەقىپلىرىدىن بولغان تاۋۇزجان قارىمنىڭمۇ مۇبارەك قارا تەسۋىلىرى دانە -دانە بولۇپ داستىخان مەيدانىغا چېچىلىپ  كەتتى.بىر ھازاغىچە داستىخان ئەھلى ياقىلىرىنى تۇتۇپ توۋا قىلىشتى.
ئىز تورى بەك ياخشى

بىرىنجى قېتىمىلق جەڭ ئاياقلاشقاندىن كىيىن داستىخان مەيدانىغا گۆش مىرشاپلىرىدىن شورپا غوجىكام تەخسە ئۈستىدىكى چىنە ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ،قارامۇچ تەسۋىلىرىنى يانجىپ يۈزىگە سەپكەن ھالدا  كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ يېتىپ كەلدى.ئارقىدىنلا گۆش مىرشاپلىرىمۇ تىرىپىرەن قىلىندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوشۇق پالىۋان ئارقىلىق چۆچۈرە بۈۋىمگە ئەلچى ئەۋەتىلدى.چۆچۈرە بۈۋىممۇ قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ ،چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ كەلدىيۇ ئەلچىگە تۇتۇق بەرمەي يۈرگىنىدە قوشۇق پالىۋان كېلىپ ئالقىنىغا ئالدى -دە،خالايىققا بىر كۆرسىتىپ قويۇپ ،دەرغەزەپ بىلەن ھامھام دەرۋازىسىغا ئىتتىرۋەتتى.دەرۋازا ئىچىدە پوستا تۇرۇۋاتقان ئاق كىيىملىك ئوتتۇز ئىككى ساقچى چۆچۈرە بۈۋىمدىن شۇنداق ئىنتىقام ئالدىكى ،دەسسەپ يانجىپ تاشلاپ ،قىزىلئۆڭگەچ كوچىسى ۋە ئاشقازان شەھرى ئارقىلىق  جايى زىندانغا پالىۋەتتى. copyright by www.iz.la
بۇ ماجىرادىن كىيىن يوتازا مەخسۇم قاسقان ھوجىرىسىدىن تەرلىگەن ھالدا ئالدىراشلىق بىلەن ئېغىناپ يېتىپ كەلدى ۋە تەخسىگە ئولتۇرۋالاي دىيىشىگە ،مانتا گۇڭ بىگىم قاپاقلىرىنى تۈرگەن،قورساقلىرىنى تومپايىتقان ھالدا ئاچچىغى بىلەن داستىخان مەيدانىغا يېتىپ كەلدى .بۇنى كۆرگەن قىزلمۇچ دارىن ،خامسەي كوجاڭ،چەيزە شەنجاڭ ،ئاچچىقسۇ لوزۇڭلار ئايرىم -ئايرىم تەخسىگە ئولتۇرۇپ  ،چوكا مىلتىقىلرىنى بەتلەپ مەيدانغا يېتىپ كەلدى .ھەممە غىزا ئەرباپلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى ۋە بۇ يېڭى مېھمانلارغا تۆردىن ئورۇن بېرىشتى. بىر ئازدىن كىيىن خامسەي كوجاڭنىڭ مانتا گۇڭ بەگكە چۈشۈپ قالدى..بۇلار ئىلگىرى مەنمەنچىلىك قىلىشىپ جىدەل قىلىشىپ ،كىيىن پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ ،ئەمدى يەنە ھومىيىشىشقا باشلىدى.خامسەي كوجاڭنىڭ ئوغىسى قايناپ پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ ،چەيزە شەنجاڭغا مانتا گۇڭ بىگىمنى كۆرسىتىپ ئۇنى چاقاتتى..چېقىمچىلارنىڭ سۆزىگە ئاسان ئىشىنىپ قالدىغان چەيزە شەنجاڭ راسىت -يالغىنىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا «چوكا مىلتىقلىرىنى بەتلەپ تۇرۇپ ،ئاچچىقسۇ لوزۇڭغا مىلەپ،قورسىقى يېرىپ تاشلانسۇن»دەپ پەرمان بەرگىنى ئۈچۈن «خوش-خوش »بىلەن ھۆكۈم ئىجىرا قىلىندى.ئۇنىڭدىن كىيىن مانتا گۇڭ بەگنىڭ پىتنى -ئېغىۋاچىسى  يوتازا مەخسۇمنى جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېلىشىپ سەللىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ تىرىپىرەن قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى. ئىز تورى www.iz.la
سىنچاي خېنىملار جىدەلنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تەرەپ -تەرەپكە يۈگۈرشۈپ سالا -سۈلھى قىلىشقا باشلىدى.بىردەمدىن كىيىن ھەزىرتى شاھى سۇلتان پولۇ كەپكۈر سادالىرىنى ياڭرىتىپ ،مەغرۇر قىياپەت بىلەن كىرىپ ئېغىزدىن ھور چىقارغان ھالدا كېرىلىپ ئولتۇردى.پۈتۈن غىزا ئەرباپلىرى« پولۇنىڭ ئۈستىگە چىقالايدىغان بىرمۇ نوچى يوق» دىيىشىپ تۇرشىغا ،سەۋزىدن بۇرۇن يۈز كۆزلىرىگە ياغلارنى سۈركىۋالغان قارا پاقلان گۆشى داشقازاننىڭ تىگىدىن غەزەپ بىلەن ئىككى قېتىم قاتتىق سىلكىنىپ ئېتىلىپ كەلدىدە ،شاھى سۇلتان پولۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ،پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ گىدىيىپ ئولتۇردى.بۇ ھالنى كۆرگەن داستىخاندىكى بارلىق غىزا ئەرباپلىرى قاتتىق كۈلۈشۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.داستىخانىدىكى غىزا ئەرباپلىرى «پولۇنىڭمۇ ئۈستىگە چىقالايدىغان نوچى باركەن »دىيىشتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ھەزىرتى شاھى سۇلتان پولۇ ھەمىشە غىزا ئەرباپلىرى داستىخانغا يىغىلسىلا ،بىر -بىرىدىن ئورۇن تالىشىپ جىدەل چىقىردىغانلىقنى بىلگەچكە ئالدىنئالا قايسىسىنى خىزمەتكە تەيىنلەش قايسىسىنى جازالاش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشلەنكەن..ئۇ ئىلگىرى تەييارلىۋالغان ئادىل ھۆكۈمىنى داستىخان مەيدانىدىلا ئېلان قىلدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


1- مانتا گۇڭنىڭ شۆپۈك ئېغىز چوڭ قىزى جۇۋاۋىخان ۋە ۋىت- ۋىت كىچىك قىزى چۆچۈرە بۈۋىملەر قېرىن سولاقخانىسىغا ھەيدەپ كىرگۈزۈلۈپ جاجىسى بېرىلگەندىن كىيىن ،ئاچچىق ئۈچەي مەھەللىسى ،تاتىلىق ئۈچەي كوچىسى ئارقىلىق ،تۆشۈك دەرۋازىسىدىن چىقىرلىپ ،خالا زىندانىغا تاشلانسۇن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2- چۆچۈرە بۈۋىم ۋە تۈگرىخان مىھمانلار ئالدىدا مەنمەنچىلىك قىلىپ ،ۋاقىتنى كۆپ ئېلىپ باشقىلارنى ئەخمەق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا ساپ نىيەتلىك مەنچىزە خېنىم ۋە سىلىق سىپايە ئۈگىرە خېنىم خىزمەتكە تەيىنلەنسۇن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3- يوتازا مەخسۇمنىڭ مەنسەپلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ ،گۆشى ئازراق بولسىمۇ مانتا گۇڭ بېگىم ھاكىملىققا تەيىنلەنسۇن.
4- جاپاكەش گۆشگىردە پالۋاننىڭ  ئەۋلاتلىرىدىن بولغان سامسىجان باتۇرنىڭ قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنىقى بولمىغاچقا يۈز -خاتىرە قىلماي كېكىردەك غارىغا پالانسۇن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5- مەرھوم تاۋۇزجان قارىم ۋە شىكەرشۈن خېنىملار ئۈچۈن مەخسۇس شىرە قويۇلسۇن!
6- كۆكچى نوچى ،بېشەكشۈن ھاجىم ،چاچۈرۈك مەخسۇملارغا ،قۇمۇل تارىم پەيزىۋاتتىن ئورۇن بېرىلسۇن!

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


7-بۇندىن كىيىن يۇقارقى خىزمەتكە تەيىنلەنگەن تائاملار ئەبەدى ئۆم ئىناق ئۆتسۇن! قورساق شەھرىدە «گۈلدۈر-تاراق»«قاراس -قۇرۇس»مۇشلىشىپ ئېسىيان كۆتۈردىغان باشقىلارنى بىئارام قىلىدىغان ،قالايمىقان ئۈن چىقىردىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق چەكلەنسۇن.بۇ ئىشلارغا پىيالە يىگىتلەر بىلەن سىنچاي خېنىم مەسئۇل بولسۇن! كىمدىكىم بۈگۈنكىدەك جىدەل ماجىرا چىقارغۇچى بولسا ۋاختىدا جازابېرىلسۇن! تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ھۆكۈم قىلغۇچى :ھەزىرتى شاھى سۇلتان پولۇ.
باش مەسلىھەتچى: قاراپاقلان گۆشى ،شورپا غوجام.
ۋەزىرلىرى: ئاچچىقسۇ لوزۇڭ، خامسەي كوجاڭ ،قىزىلممۇچ دارىنلار.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە.....ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس