ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
چىلاننى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ، دەيدىغان خاتا قاراش مەۋجۇت. چىلان تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى باشقا مېۋىلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئەمما چىلان تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى باشقا مېۋىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چىلاننىڭ ۋىتامىن C نى تولۇقلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسىي يوق، چىلان تەركىبىدە ھەقىقەتەنمۇ مول ۋىتامىن C بار، بىراق بۇمۇ ئوخشاشلا تەستە قوبۇل قىلىنىدۇ، شۇڭا نوقۇل ھالدا چىلان يەپ ۋىتامىن تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قىسمەن كىشلەر چىلاننى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، چۈنكى چىلان ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، بىراق چىلاننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغاچقا، مۇۋاپىق يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىق، بىراق زىيادە كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ.
