4Gچۈشەندۈرۈلۈشى
بىرىنچى. كەسىپ چۈشەندۈرىلىشى
LTE-ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىدىغان تېخنىكا بولۇپ، 3GPPنىڭ R8نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن سىمسىز تور يېڭى ئۆلچىمى. 20MHzبەلۋاغ كەڭلىكىدە، TD-LTEنىڭ ئەڭ چوڭ سۈرئىتى 86mbpsدىن 326mbps(4×4MIMO)غىچە. LTEنىڭ ئۆلچىمى چاستوتا ئايرىپ خىزمەت قىلىش ۋە ۋاقىت ئايرىپ خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
TD-LTEدۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىكى خەلقئارالىق 3Gئۆلچىمى TD-SCDMAنىڭ كېيىنكى تەرەققىي قىلغان تېخنىكىسى.
دۆلىتىمىز باشچىلىقىدىكى ئۆلچەملىك 4Gبىرلەشمە خەۋەرلىشىشى كەڭ بەلۋاغ خەلقئارالىق تېخنىكا ئۆلچىمى.
ئىككىنچى. كەسىپ ئىقتىدارى
(1) LTEنىڭ ئەۋزەللىكى
3Gگە سېلىشتۇرغاندا، LTEتېخىنكا ئەۋزەللىكى تېخىمۇ كۆپ. بۇلار: يۇقىرى سانلىق مەلۇمات تېزلىكى، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ يەتكۈزۈش، كېچىكتۈرۈشنى تۆۋەنلىتىش، كەڭ دائىرىلىك تور ۋە يۇقىرى يۆتكىلىشچان قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
1) يوقىرى سانلىق مەلۇمات تېزلىكى: نەزەرىيە جەھەتتىن ھېسابلىغاندا، 20MHzبەلۋاغ كەڭلىكىدە، TD-LTEنىڭ ئەڭ چوڭ سۈرئىتى 86mbpsدىن 326mbps)4×4MIMO)غىچە.ھازىرقى ئەمەلىي سىناق قىلىنغان ئەڭ چوڭ سۈرئىتى 130mbpsكە يېتىدۇ.
2) سىمسىز تورنىڭ كېچىكتۈرۈش ۋاقتىنى تۆۋەنلىتىش: ئابونېنت تەكشىلىكى < 10ms، كونتىروللاش تەكشىلىكى < 130ms
3)يۇقىرى يۆتكىلىشچان: 350Km/h يۇقىرى تېزلىك بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئابونېنتلىرىغا 100kbpsدىن چوڭ ئۇلىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4) كەڭ دائىرىلىك تور بىلەن قاپلاش: ئەڭ چوڭ بولغاندا 100km رادىئۇستىكى رايوننى قاپلىيالايدۇ.
5) ئوخشاش بولمىغان سىستېما بەلۋاغ كەڭلىكىنى قوللايدۇ: 1.4MHz~20MHz، چاستوتا سپېكترى تەقسىم قىلغان تېزلىكىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
6) گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش رايونى: سىستېمىنىڭ ئومومىي قۇرۇلمىسى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلغان، ئەنئەنىۋى توك يولى رايونى (مەسلەن: ئاۋازلىق كەسىپ) گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش رايونىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن.
(2) LTEتېخنىكىسىدىكى يېڭىلىقلار:
TD-LTEتېخنىكىسى ئاساسلىق قوللانغان سىمسىز تېخنىكا يېڭىلىقلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) OFDMبىلەن MIMOتېخنىكىسى چاستوتا سپېكترى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
2) يايپاڭ تور قۇرۇلمىسى تورنى كېچىكتۈرۈش ۋاقتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3) ئاددىي كېلىشىم ھالىتى ئابونېنتلارنىڭ كەسىپنى سىناپ ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
(3) LTEئىشلىتىلىش ئەھۋالى
نۆۋەتتە 32دۆلەت ۋە رايوندىكى 57سودا تورى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 128سودا تورى 56دۆلەت ۋە رايوندا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
(4) LTEتېرمىنالى
نۆۋەتتە نۇرغۇن زاۋۇتلار LTEتېرمىنالىنى ئېلان قىلدى. LTEسانلىق مەلۇمات كارتوچكىسى، يان تېلېفون تېرمىنالى، MIFIھەمدە CPE(ئائىلە تور ئۆتكىلى)قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 سانلىق مەلۇمات كارتوچكىسى: بىر خىل كۆپ مودېللىق مودېم بولۇپ، USBئۇلاش ئېغىزى ئىشلىتىلگەن، خاتىرە كومپيۇتېر ياكى ئۈستەل كومپيۇتېرىنى ئۇلاش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ،ۋاقىت، رايون چەكىلىمسىگە ئۇچرىمايسىز، ھەر قانداق ۋاقىت، جايدا سىمسىز خەۋەرلىشىش ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.
MIFI: mifiبولسا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بەلۋاغ سىمسىز قۇرۇلمىسى بولۇپ، يىغمامودېم، روتېر ۋە ئۇلاش نۇقتىسى ئىقتىدارىنى بىر گەۋدە قىلغان. مودېم سەپلەنگەن ئەسۋاپقا بىر سىمسىز سىگىنال ئۇلىغىلى بولىدۇ. ئىچكى قىسىمدىكى روتېرنى كۆپ ئابونېنت ياكى سىمسىز ئۈسكۈنىگە ئۇلاپ ئورتاق بەھىرلىنىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
 CPE: توپلاشقان modemئىقتىدارى بولغان سىمسىز روتېر.
(5) ئىشلىتىش سورۇنلىرى
LTEكەسپىنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرى بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
1) شەخسىلەرنىڭ ئىشلىتىشى: تېز سۈرئەتتە تورغا چىقىش، سىنلىق سۆزلىشىش، تېلېۋىزور/سىن، مۇزىكا، توردىكى ئويۇن، يان تېلېفوندا كىتاب ئوقۇش، يان تېلېفون يول باشلامچىسى/يول ئەھۋالى/ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىقلار.
2) ئائىلىدە ئىشلىتىش: ئۆينى سىنلىق نازارەت قىلىش، ئائىلە كۆپ ۋاستىلىك تېلېفونى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى قاتارلىقلار.
3) ماشىنىغا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش: ماشىنا يول باشلامچىسى، ماشىنا تېلېۋىزورى/سىنى/مۇداپىئە كۆرۈش، ماشىنىنى يىراقتىن ئاسراش قاتارلىقلار.
4) داۋالاشتا ئىشلىتىش: يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى نازارەت قىلىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى تىببي ئۇچۇرلىرىنى ئاسراش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش قاتارلىقلا.
5) باشقا تۈرلەردە ئىشلىتىش: سىنلىق يىغىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، خەۋەرلەرنى تېىز يەتكۈزۈش، سىنلىق مۇلازىمەت قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى. كەسىپ ھەققى
نۆۋەتتە TD-LTEئابونېنتلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىش باسقۇچىدا بولۇپ، ۋاقتىنچە ھەق چۈشەندۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار يوق.
تۆتىنچى. كەسىپ بېجىرىش
نۆۋەتتە TD-LTEئابونېنتلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىش باسقۇچىدا بولۇپ، پەقەت قىسمەن ئابونېنتلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىش ئەھۋالى تەمىنلىنىدۇ.