app دېتالى

سېنى سېغىنىپ قالدىم

ۋاقتى:2013-04-17 17:47مەنبە: يوللىغۇچى:MANASSA چېكىلىشى:قىتىم

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ قەيەر ؟
ھە بۇ مۇزدەك خانەمكەن ، گۆگۈمنىڭ تۇمانلىرى ھەممىنى قارا رەڭگە كىرگۈزدى ، مەن قان رەڭلىك   ھەسرەت دېڭىزى ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقماقچى بولىمەنۇ بىراق ماجالىم يەتمەيدۇ ، خىياللىرىم ئادىشىپ قېلىۋاتىدۇ ، قەلبىمنى ساڭا ئاتىغان ئىكەنمەن ، ئارامىم بوزۇلدى ، يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىن شۇنچىلىك مۇڭلۇق  كىشى قەلبىنى لەختە قىلىدىغان بىر ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن ، ھەر بىر مىسراسىدا سېنىڭ ئىسمىڭ ، ئىچ -ئىچىمدىن چىقىۋاتقان پىغانلارغا كىرپىكلىرىم ئامال قىلالمىدى .
مەن بىلىپ بىلمەستە قەلبىم ئىچىگە قارار تاپتىڭ ، بىر تەبەسسۇم بىلەن مىڭ يىللىق ئوتنى سالدىڭ ،مەن ئۇستا رەسسامدەك كۆز قارچۇقلىرىمغا ، دىل قەسىرىمگە سېنىڭ رەسىملىرىڭنى سىزىپ چىقتىم ...

ئىز تورى بەك ياخشى


دېكابىرنىڭ سوغۇق كېچىسى جىمجىتلىق ئىچىدە يۈرىكىمنى يىمەكتە ، بىز ئايرىلدۇق ، جۇدالىقتىن ئىبارەت بۇ مۇھەببەت ئەزرائىلى قاقاقلاپ كەلمەكتە ...
ھەسرەت بىلەن سۈت رەڭلىك سۈبىھىنى كۈتىۋالدىم ، مەن ئەسلى سۈكۈت ئىچىدە قەلبىمدىكى مەخپىپيەتنى مەڭگۈ يۈتۈپ كەتمەكچى ئىدىم بىراق بۇ ھەسرەتلىرىمنى تاڭ شاماللىرىغا ، جىمجىتلىق ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان يوللارغا دىگۈم كەلدى ، ئاڭلا سەنمۇ ئاڭلا مەن ئەسلىدە سېنى سۆيەتتىم ...
ئاشۇ كۈنى ھېلىھەم ئېسىمدە ، ھاۋا شۇنچىلىك ئۇچۇق ئىدى بىز بىر - بىرىمىزگە بېقىشپ تۇرۇپ يۈرىكىمىزدىن بەخت سىمپونىيەسىنى ياڭراتقان ئىدۇق ...
سەن كەتمەكچى بولدۇڭ ، بىردىنلا يۈرىكىم قارا بولۇتقا ئايلىنىپ قاناشقا باشلىدى ، بىلەمسەن سەنسىز ئەمدى ماڭا پەسىل ئايرىمىسى يوق بولىدۇ ، ئەلمىساقتىن كېلىۋاتقان بۇ ئادەت بەلكى سەن سەۋەپ يوقىشى مۇمكىن .. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گۈلنىڭ رەڭگى قانداق بولغىيدى ؟
كىشىلەر ئۇنتۇلغان سىماھ ، ئۇنتۇلغان ئۆتمۇش دىيىشىدىكەن ، بۇ سىماھ بۇ ئۆتمۈشلەرنى كىشىلەر نەرىگە يازىدىغاندۇ ؟ ياكى ئۇلاردا ئىككى يۈرەك بارمىدۇ ؟
ئاشۇ بىر دەقىقىلىق تەبەسسۇم ھاياتىمنى ئۆزگەرتىپ مېنى ساماۋى دۇنياغا باشلىغان ئىكەن  ، ئاشۇ تەبەسسۇم ئەمدى مەڭگۈگە يۈتۈپ شۇ بىر دەقىقە قاراشلارنى ساقلاپ قالغۇدەك ئىمكان تېپىلماسمۇ ؟
سەن ئاخىرى كەتتىڭ ، ماڭا دۇنيا ۋاپاسىز بىلىندى ، دەرىزىدىن سىرتقا قارىدىم بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغىنى ھىجران ، جۇدالىق ، مەن ياش تۆكمەيمەن دىگەن ئىدىم لېكىن تۈن قوينىغا يامغۇردەك تۆكۈلدۈم  ، ئەمدى ھېلىقى جىگدىلىك يوللارنى يانتاق بېسىپ بارسا كەلمەس يول بولۇپ قالار ، سەن بىلمەيسەن قانچە قېتىم شۇ يوللارغا بارغىنىمنى ، لەۋلىرىمنى ئۈنسىز چىشلەپ ئىسمىڭنى چاقىرغىنىمنى ، شۇ دەقىقىلەردىكى بەخت تۇيغۇسىچۇ ...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك ؟ بىلەمسەن بۈگۈن ئەتىنىڭ ئۆتمۈشى ، ئاي ، كۈنلەر ئۆتىدۇ ، بۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، سەن ھاياتلىق يولۇمدا پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى مەن بۇنداق شاۋقۇن - سۆرەننى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن ، ئەمما سەن ماڭا بىر تالاي ئازاپلارنى قالدۇرۇپ شامالدەك يۈتۈپ كەتتىڭ ، يالغۇزلۇقۇمغا ھەمرا بولۇپ ئەلەملىرىڭ قالدى ، قارا دېكابىرنىڭ سوغۇق شامىلى غازاڭلىرى چۈشۈپ بولالمىغان سۈگەت يۈپۇرماقلىرىنى ھەر يانغا ئوچۇرتۇپ تۇرىدۇ ، ھالبۇكى ھورى ئۆرلەپ تۇرغان بۇ چوغداننىڭ ئىچىدە بىر دەقىق تەبەسسۇمۇڭغا تەشنامەن ، سوراۋاتامسەن نەدىكى چوغ دەپ ، ئۇنى سەن بەرگەن تولىمۇ سېىخيلىق بىلەن بەرگەن ئىدىڭ ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نىمە ئامال ؟ قەدىرسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىپ قالدىم ، گۇنا قورغىنىغا پاتقۇم كېلىۋاتىدۇ ، قانداق دەمسەن ؟ كېيىنكى يارالمىشىدا سېنىڭ كۆزۈڭ ياكى يۈرىكىڭ بولۇپ يارالغۇم كېلىۋاتىدۇ ...بۇنى بوتقا چوقىنىدىغان خەقلەر دەيتتى لېكىن ئاداشتىم ، روھ غەليانلىرىم تۈركۈم - تۈركۈملەپ خاتا مىسرالارنى تىزىشىۋاتىدۇ ، بىر كۈنلەردە ساڭا ئەۋەتىپ بېرىمەن ساقلاپ قوي ، مەندەك بىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بۈرجىگىگە ئىلىنىپ ئىتىبارسىز تاشلانغانلىقىنى ئەسلەپ قويارسەن ...
ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس