1- ئۇچۇر
ئاخماق، بۈگۈن بىز ئايرىلىپ كەتكەن تۇنجى كۈن. ھازىر سېنى بەك سېغىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئۆزۈڭنىڭ يېرىم كېچە بىلەن ئىشتىن چۈشىدىغىنىڭنى ئۇنۇتمىغىن. ھازىر ھاۋا خېلىلىلا سوغۇق، شۇڭا سوغۇق سۇدا يۇيۇنمىغىن، چايدان ۋە توك بىلەن سۇ قاينىتىدىغان ھېلىقى كالتەككە ئوخشايدىغان نەرسىدىن بىرنى سېتىۋالغىن. سەن دائىم:《سۇ ئىسسىتىش بەك ئاۋارىچىلىق دەيتتىڭ. مەن سېنى ئاغرىپ قالامدىكىن دەپ بەكلا ئەنسىرەيدىكەنمەن. شۇڭا مەن دېگەن نەرسىلەرنى چوقۇم سېتىۋالغىن، چۈنكى تەن ساقلىق ھەممىدىن مۇھىم. بۈگۈن مېنى سېغىندىڭمۇ؟ تېلېفۇن قىلسام ئالمىدىڭ. ئاخماق، نېمىشقا قىز بالىدەك خاپا بولۇپ يۈرىدىغانسەن دەيمەن. كەچ بولۇپ كەتتى بالدۇرراق ئارام ئالغىن. خەير-خوش! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2-ئۇچۇر
ئاخماق، ئاخشام سىنى چۈشەپ قاپتىمەن. سەم كۈلۈپ تۇرۇپ سۆيگۈنىم، مېنى كەچۈرگىن، سىنى ياخشى كۆرىمەن.... دەۋاتقۇدەكسەن، تاڭ سەھەردە تاتلىق سېزىم ئىچىدە ئويغىنىپ كېتىپتىمەن، ئويلاپ باقسام چۈشۈم ئىكەن. ئاخماق، ئاچاڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، سېنىڭ، مېنى پەقەتلا كەچۈرمەيدىغانلىقىنىڭنى ئۇقتۇم ۋە يەنە بىر قېتىم يىغلىدىم. ئاخماق، سەن مېنىڭ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام، يىغلايدىغانلىقىمنى ئەلۋەتتە بىلىسەن. مەن پەقەت شۇ : بىز ئايرىلىپ تۇرساق، سېنىڭ مېنى قوغلىشىشىڭغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بولىدۇ دېگەن ئىدىم شۇ، بىراق، سەن نېمىشقا چۈشەنمەيدىغانسەن ھە؟ تاماق يېدىڭمۇ؟ ئۆزۈڭنى ئوبدان كۈتۈشنى ئۇنۇتمىغىن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3- ئۇچۇر
ھەي ئاخماق، بىز پاراڭلاشمىغىلى مانا توپ-توغرا 3 كۈن بولدى. شۇنىڭدىن بېرى تورغا چىقىپمۇ قويمىدىڭ. مەن ھەر كۈنى تورغا چىقىپلا، سېنىڭ كيۇ-كيۇ باش سۈرىتىڭنىڭ يورۇق رەڭلىك ھالەتكە كېلىشىنى ساقلىدىم، بىراق سېنىڭ كيۇ-كيۇ باش سۈرىتىڭ يەنىلا يورۇيدىغاندەك ئەمەس. ھەي ئاخماق، سەن مېنى تېخىچە خاپا قىلماقچىمۇ؟ نېمىشقا تېلېفۇن قىلسام ئالمايسەن، سېنىڭ كيۇ-كيۇ رىڭغا ئۆزۈممۇ چېقىپ باقتىم، بىراق مەخپىي نۇمۇرۇڭ ۋە ئىزاھات ئۇچۇرلىرىڭنى ئۆزگەرتمىدىم. دەپ باقە قېنى، مېنى زادى ياخشى كۆرەمتىڭ، كۆرمەمتىڭ؟ سەن كيۇ- كيۇ رىڭدىكى ئىزاھات ئۇچۇرۇڭنىڭ ئىچگە مېنى ھازىرمۇ< بولغۇسى ئايالىم> دەپ يېزىۋاپسەن، مېنىڭ رەسىمىمنى كيۇ-كيۇ بوشلۇقىڭدا ھازىرغىچە ساقلاۋىتىپسەن. رەسىم ئۈستىگە < ئائىلىمىزنىڭ ئايال خوجايىنى >دەپ يېزىپمۇ قويۇپسەن. ھەي ئاخماق، مەن ئاسماندىكى ئەڭ يورۇق يىگانە يۇلتۇزغا ئايلىنىمەن. كۆرۈۋاتامسەن، مەن ساڭا <سېنى سۆيىمەن >دەۋاتىمەن. copyright by www.iz.la
4- ئۇچۇر
كالۋا، ئايرلىغىنىمىزغا بۈگۈن ساقمۇ-ساق 4 كۈن بولدى، ئىچىمدە بىر خىل سېنى ئىزدەپ تېپىش ئىستىكى قۇتىرىماقتا، بىراق، دوستلىرىم مېنىڭ سەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە بارماسلىقىمنى، مېنىڭ ئۇ يەرنىڭ ئوي-چوڭۇرىنى بىلمەسلىكىم تۈپەيلى ئالدىنىپ ئادەم سودىگەرلىرىگە سېتىلىپ كېتىلىش ئېھتىماللىقىمنىڭ يوق ئەمەسلىكى توغرىسىدا يول كۆرسەتكەن ئىدى. مەن پەقەتلا قورۇقمايمەن دېدىم. مانا 4 كۈن بولدى، سېنىڭ ئاۋازىڭنى تېخى ئاڭلىمىدىم. يا توردا، يا تېلېفۇندا سېنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرۇڭنى كۆرمىدىم. مەن بەكمۇ قىينىلىپ كەتتىم. بۇنداق كۈنلەرنى خۇدا ئادەم بالىسىغا كۆرسەتمىسۇن. ھەي كالۋا، سەن ئۆزۈڭ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن، سالامەتلىكىڭ ياخشىدۇ؟ كەيپىياتىڭ ياخشىدۇ؟ سېنى بىلىمەن، بېشىڭغا ھەر قانچە ئېغىر كۈن چۈشسىمۇ، دەردىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ، دوستلىرىڭغا ئېيتمايتىڭ. سەن كالۋا بۇنىڭدىن كېيىن، كۆڭلۈم بىئارام بولغاندا، دەردلىرىڭنى دوستلىرىڭغا تۆكۈپ بېرىپ، ئىچىڭنى بوشىتىۋېلىشنى ئۇنۇتما. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5- ئۇچۇر
مانا 5 كۈنمۇ بولدى. بۇ 5 كۈندىن بېرى، يۈزلىرىم كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇلۇپلا تۇردى. تولا يىغلاپ، بۇرنۇم ئېچىشىپمۇ كەتتى. مەن زۇكامداپ قالسام، سەن مېنى دوختۇرغا كۆرسىتەتتىڭ، مانا ئەمدى مېنى دوختۇرغا كۆرسىتىدىغان سەن يوق. روھى جەھەتتىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم. ئاخماق، سالامەتلىكىڭنى ئوبدانراق ئاسرىغىن جۇمۇ، ئاغرىپ قالمىغىن. سەن ئاغرىپ قالساڭ، مەن تېخىمۇ تۈگىشىپ كېتىمەن. سەن بەك ئورۇق ئىدىڭ، شۇڭا تاماقنى تويغۇدەك يەپ تۇر. ھاۋا سوغۇق، ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى قېلىنراق قىلىۋال، ئۇخلىغاندا ئۇخلاش كىيىمىڭنى كىيىپ ئۇخلىغىن، بولمىسا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ. مەن مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە، ئۆيدىكى ئىشلارنى بىر ئىزغا سېلىۋېتىپ بولغاندىن كېيىن، سېنى ئىزدەپ يولغا چىقماقچى. مېنى ساقلىغىن!
6- ئۇچۇر
ئاخماق، بىز ئايرىلىپ كەتكەندىن بېرى، مەن ھەر كۈنى ساڭا بىر قېتىم ئۇچۇر يوللاپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇچۇرۇمنى كۆردۈڭمۇ؟ نېمىشقا ئۇچۇر قايتۇرمايسەن دەيمەن؟ مەن تېلېفۇننى سېنى دەپلا 24 سائەت ئوچۇق قويۇۋاتىمەن. مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ تېلېفونىڭنى ياكى ئۇچۇرلىرىڭنى كۈتۈپلا ئۆتۈۋاتىدۇ. بىلەمسەن ئاخماق، مەن بۈگۈن كوچىدا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى كۆردۈم، پىيادىلەر يولىدا، يىگىت قىز دوستىنى دۈمبىسگە ھاپاش قىلىۋاپتۇ، ئۇلار نېمىدېگەن بەخىتلىك ھە ! بىز قاچانمۇ ئاشۇلاردەك بولارمىز؟ شۇنداق بولىشىغا ئاز قالدىغۇ دەيمەن؟ ئەتىگەنلىككە مەن سەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە قاراپ يولغا چىقماقچى، مېنى ساقلاپ تۇرغىن جۇمۇ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
7-ئۇچۇر
مەن بۈگۈن ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ماشىنىسىغا چىقىپ، سىنى ئىزدەپ ماڭدىم. ئۆيۈمدىكىلەر مېنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىمنى تېخى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا مېنى ئىزدىمەسلىك توغرىسىدا خەت قالدۇرۇپ قويدۇم. گەرچە مەن تۇنجى قېتىم يىراق جايغا سەپەرگە چىقىۋاتقان بولساممۇ، بىراق سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلاپ، پەقەتلا قورقمىدىم. چۈنكى سەن بىلەن كۆرۈشسەملا، سېنىڭ مېنى قوغدايدىغىنىڭغا، ئاسرايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن. ھازىر مەن ماشىنىدا سەن تەرەپكە كېتىۋاتىمەن. ئالدى-كەينىمدە لىق يولۇچى، مەن ئۆزۈملا يالغۇز. شۇنداقتىمۇ ئانچە قورقماي ماڭدىم. ئىككىمىز بىرگە كوچا ئايلانغاندا، بەلكىم سەنمۇ مېنى ھاپاش قىلىۋالارسەن. بىراق مەن ھازىردىن باشلاپ ئورۇقلىمىسام بولمىغۇدەك، بولمىسا سەن مېنى ھاپاش قىلىپ بولالماي قالمىغىن. سەن بەك ئورۇق ئىدىڭ، مېنى ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ، تاماقنى كۆپرەك يەپ، قورسىقىڭنى ئوبدان باققىن، بولامدۇ؟
8- ئۇچۇر
مەن ئاخىرى سەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ بېكىتىگە يېتىپ كەلدىم، قېنى سەن؟ سېنى ئىزدەۋاتىمەن. ماڭا ئۇچۇر قايتۇرغىن، تېلېفۇن قىلغىن ماقۇلمۇ؟ ماشىندا بىر كۈن يول يۈرۈپ، كەيپىياتىممۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى، پات ئارىدا بىرگە بولدىغان بولدۇق. بۈگۈن مېنى ئوبدانراق كۈتۈۋالغىن، پەپىلەپ قويغىن. تېلېفۇن قىلىۋاتىمەن، ئالمايسەنغۇ؟ ئىشتىن چۈشۈپلا ماشىنا بېكىتىگە كېىلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشكىن بولامدۇ؟ سېنى تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلاپ تۇرىمەن.
9- ئۇچۇر
سېنىڭ ماشىنا بېكىتىدە سېنى بىر كېچە ساقلاپ ئولتۇردۇم، بىراق سەن كەلمىدىڭ. بۇ شەھەردە كېچىدە سوغۇق بەك بولۇپ قويامدۇ نېمە؟ چوڭ كوچىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، سېنى ساقلاۋاتىمەن. مەن چوڭ بولغاندىن بېرى مانا بۈگۈن< سەت ئۆردەك چۈجىسى> بولۇپ قېلىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم. مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى كۆرمەيۋاتقان ئوخشىمامسەن، نېمىشقا مېنى ئىزدەپ كەلمەيسەن؟ مېنى نېمىشقا بۇ يات شەھەرگە تاشلاپ قويىسەن؟ مېنىڭ چىرايمنىڭ قارىراق بولغىنى سەۋەب بولدىمۇ يە؟ سەن مېنى كۆزگە ئىلماي ياراتمايۋاتامسەن يا! مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئاپپاق قىز بولۇپ، قېشىڭغا بارىمەن، مېنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ مېنى ئىزدەپ كەلگىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
10- ئۇچۇر
بۇ شەھەردە سېنى ئىككى كۈن ئۇدا ساقلىدىم، بىراق سەن يوق. مېنى تېرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتەي دېمەيدىغانسەن. بولدىلا، مۇنداق بولسۇن مەن يېنىمدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىگە ساڭا كىيىم ئېلىپ، سېنى ياساندۇرۇپ قوياي! مېنى مۇشۇنداقمۇ بوزەك قىلامسەن دەيمەن؟ مەن شۇنچە يىراقتىن سېنى دەپ كەلسەم، مېنى يەنىلا كەچۈرمەمسەن؟ مەن ھازىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا ساڭا كىيىم ئېلىۋاتىمەن. ئاخماق، سېنىڭ ئانچە مودا كېيىنمەيدىغىنىڭنى بىلىمەن، ساڭا يەنىلا ئىچىم ئاغرىيدۇ. شۇڭا ساڭا كىيىم سېتىۋالدىم. سېنىڭ ئەمدى ماڭا قانداق رەھمەت ئېيتىشىڭنى خىيال قىلىۋاتىمەن. مەن يەنىلا ماشىنا بېكىتىگە قايتىپ، سېنى شۇ يەردە ساقلاي.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
11- ئۇچۇر
سەن كالۋا مېنى تېرىكتۈرۈپ ئويناۋاتقان ئوخشايسەن، مەن بىلەن《 مۈشۈك-چاشقان ئويۇنى ياكى مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنى ئوينىمىساڭ نېمە بولار ھە! مەن بەك توڭلاپ كېتىۋاتىمەن، يېنىمدا با پۇلنىڭ ھەممىسىگە ساڭا كىيىم ئېلىۋەتتىم، ئىتتىكرەك كېىلىپ كىيىملىرڭنى ئېلىۋال. مەن بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈشتىن قورۇقۇۋاتامسەن؟ بولدى خاتىرجەم بولغىن، مەن سېنى ھاپاش قىلغىن دېمەيمەن، تەتۈرلۈك قىلمايمەن، سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، يېنىمغا كەلگىن، بىرگە ئۆتكۈزەيلى، مېنىڭ بۇ خۇشاللىقتىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بىلەن تەڭ لەززەتلەنگۈم بار ئىدى. لېكىن ھازىر بەك ھېرىپ كەتكەندەك بولۇۋاتىمەن، بېشىم بەك ئاغرىپ، ھەممە يېرىم تىترەۋاتىدۇ، قىزتمام ئۆرلەۋاتسا كېرەك. قېشىمغا كەلگىن بولامدۇ؟ سېنى ساقلاۋاتىمەن!!! ئاخماق، مەن بەك توڭدۇم سوغۇق بەك يامانكەن ،ئۇخلاپ قېلىۋاتىمەن.
.................................................................................
خوش، ئۆزۈڭنى ئاسراشنى ئۇنۇتمىغىن، ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتكىن، بۇنىڭدىن كېيىن قىز دوستۇڭنى مەنسىتمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمىغىن، قىز بالا غېرىبسىنىپ قىلىشتىن بەك قورقىدۇ، شۇڭا ھەر قانچە خاپا چاغلىرىڭدىمۇ قىز دوستۇڭنىڭ تېلېفونىنى ئالماي قويمىغىن، بولمىسا ئۇ بەك تىت-تىت بولۇپ قالىدۇ. ئاخماق، مېنىڭ پەقەت شۇ تۇغۇلغان كۈنۈمدە، مەن ساڭا ئاتاپ ئالغان ئاشۇ كىيمنى كىيگەن بولساڭ، يېڭى كىيىم ئىچىدىكى سالاپەتلىك ھالىتىڭنى كۆرسەم دېگەندىن باشقا ئارمىنىم يوق ئىدى. بىراق ئەمدى مۇمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ. سېنىڭ بولغۇسى قاپاقباش ئايالىڭ نىڭ ئۇيقۇسى بەك كېىلىپ كەتتى، چۈنكى ئۇ ھېرىپ كەتتى، ئۇ قانغۇدەك ئۇخلىۋالمىسا بولمايدىغان بولدى. بولغۇسى قاپاقباش ئايالىڭ سېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇڭنىڭ ياخشى ئۆتۈشىنى تىلەيدۇ،بولغۇسى قاپاقباش ئايالىڭ نىڭ روھى ساڭا داۋاملىق مەدەت تىلەپ تۇرىدۇ. سېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بولغۇسى قاپاقباش ئايالىڭ دىن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
يىگىت قىزنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدى، ئۇ قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بولۇپ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلدى، ئازابلاندى، دەرھال قىزنى ئىزدەپ ماڭدى. يىگىت ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان قىزنى كۆرۈپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندىنمۇ بەتتەر ئازابلاندى! يىغا ئاۋازى پۈتكۈل بېكەتنى، ئالەمنى بېسىپ كەتتى! چۈنكى قىز ئۇنىڭدىن، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدى.
