بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەر يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئۇچقاندەك كەلگەن ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ ، باش قىسمى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن ئىككى كېچە-كۈندۈز ھۇشسىز ياتتى . ئۇ ھۇشىغا كەلگىنىدە دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىنى ، يېنىدا ئايالىنىڭ تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-سىز ھەر ۋاقىت يېنىمدا ،-دېدى ئەر ، ئايالىنىڭ قولىنى ھاياجان بىلەن تۇتقىنىچە ، -ئالىي مەكتەپتە چېغىمدا بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي قالغاندا سىز مېنىڭ يېنىمدا ؛ ئەڭ ئامراق تېلېفونۇمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندا سىز مېنىڭ يېنىمدا ، ماڭا تەسەللى بەردىڭىز... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئايالمۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئېرىنىڭ كۆكرىكىگە بەخت تۇيغۇسىدىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزىنى ياقتى . ئەر يەنە ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولدى :
-ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدىگەندە ، ئۇدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا سىز ئۈن-تىنسىز يېنىمدا بولدىڭىز، مېنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى بىلەن زېرىكمەي تەمىنلىدىڭىز...
ئايال مۇلايىملىق بىلەن ئەرنىڭ قولىنى سىلاپ كەتتى . ئەر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ :
www.iz.la
-كېيىن ئاخىرى بىر خىزمەتكە ئېرىشتىم ، بىراق خىزمىتىم كۆڭۈللۈك بولمىدى . خېرىدار تاپالمىغاچقا مائاشىممۇ تۆۋەن ئىدى . ئاران دېگەندە بىر توختامغا ئېرىشكەندە ، ئۆزۈمنىڭ بىخەستىلىكىدىن ، ئۇ ئىشمۇ سۇغا چىلاشتى . مەن قاتتىق ئىچ پۇشۇقى تارتىپ يۈرگەندە ، سىز يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا ئىدىڭىز . خىزمەتتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ، ھازىرقى خىزمىتىمگە ئېرىشتىم ، شۇنچە يىللار ئۆتتى ، خىزمەتداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ئەمەللىرى ئۆسۈپ كەتتى ، مەن بولسام ئۆز ئورنۇمدا قېلىۋەردىم ، خۇجايىنىمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا نائىل بولالمىدىم... سىز يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا بولىۋەردىڭىز .
ئەر سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىپ قالدى . ئۇ ئايالىغا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-قاراڭە ، مانا ھازىر قاتناش ۋەقەسى بىلەن ئىككى كېچە-كۈندۈز ھۇشسىز يېتىپ ، كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا يېنىمدا يەنىلا سىز. سىزگە شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ...
ئايال ئېرىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى . شۇ پەيتتە بۇ ئەر ئۈچۈن بەرگەن بارلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى . ئايال ئېرىنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە ئۇنىڭ مەڭزىگە مېھرى بىلەن سۆيدى . ئەمما ئەر ئۇنى ئىتتىرۋېتىپ ، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئىز تورى www.iz.la
-سىز ھەر ۋاقىت يېنىمدا بولغاچقا ئامىتىم كەلمىدى ، بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى . copyright by www.iz.la
