app دېتالى

قان تىپى ۋە مۇھەببەت

ۋاقتى:2013-04-12 19:12مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

 قان تىپلىق ئادەملەر كۆپ ھالاردا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسى كۈچلۈك بولىدۇ، جۈرئەتلىك، رومانتىك، ئۇدۇل، كەسكىن، روھلۇق بولۇپ مۇھەببەتتە ئۆزنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇلار مۇھەببەتتە كۆيۈمچانلىق ۋە پۈتۈن نىيەت، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيۈشنى ئىپادىلەيدۇ، مۇھەببەتتە غەلبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپتىن مەلۇم سەۋەب بىلەن ھەقىقەتەن كۆڭلى سويۇپ قالسا تارتىشىپ ئولتۇرمايلا پۈتۈنلەي ۋاز كېچەلەيدۇ ھەم ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇپ كېتەلەيدۇ، روھى زەربىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ جەھەتتىكى كەسكىنلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. copyright by www.iz.la

  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

A قان تىپىدىكى كىشىلەر مۇھەببەتكە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇھەببەتتە بىر قەدەر پاسسىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىق A قان تىپلىق كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى خېلى كۈچلۈكتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئىچكى ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.بۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغىندا، ئۇلار پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالىدۇ، شۇڭا روھى زەربىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، كۆپىنچە ھالاردا A قان تىپىدىكى كىشىلەر مۇھەببەتنى دەپ تۇرمۇشتا ۋەيران بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

B قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت بىلەن دوستلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دوستلارچە مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. مۇھەببەتتە ئوبيېكتىپ تاللىغاندا تاشقى كۆرۈنۈشكە بەك دىققەت قىلىدۇ، بىرلار ۋاقىتتا بىر قانچە ئادەم بىلەن تەڭ ئارىلىشىپ قىلىش B قان تىپلىق كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى. مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ناھايىتى بەك ئازابلىنىپ كېتىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتە ئاسان تەۋرىتىدۇ، لېكىن ھېسسىياتىدىكى ئۆزگىرىش كىچىكرەك، خىلى ئاقىلانە ئوبيېكتىپ، ئوڭاي يىغلايدۇ.

www.iz.la

AB قان تىپىدىكى كىشىلەر جۆرە تاللىغاندا، چىراي ۋە سالاپەتكە باشقا تىپلارغا قارىغاندا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. ھەرقانداق ئىشقا زىيادە ئارىلىشىشىنى خالىمايدۇ، ئادەتتە مەلۇم كىشىگە مۇھەببەت بىلەن باغلانمايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ماھىر ئەمەس، شۇڭا مۇھەببەت تۇرمۇشى سۇسراق بولىدۇ. بەزىدە سوغۇققان، سالماق، بەزىدە ئۆز مەيلىگە بېرىلىدۇ، خوشلۇقى بىلەن خاپىلىقى تۇراقسىز، دىلى نازۇك، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(5)
83.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
16.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس