گۈل تىكىنى بىلەن مەۋجۇت بولالايدۇ ، شاخلار بىلەن باراقسان تۇرىدۇ ، شاخ - شۇمبىلىرى ئېلىۋېتىلگەن غۇنچە قانچە پورەكلەپ ئېچىلسىمۇ يەنىلا پۈچەك كۆرىنىدۇ .
ھەقىقى ساپ مۇھەببەت ئاق كۆڭۈللۈك ۋە كەڭ قۇرساقلىققا مۇھتاج ، يەنە سەمىمىيلىك ۋە ساداقەتلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . بارلىق گۈزەل نەرسىلەر مۇھەببەتتىن كېلىدۇ ، مۇھەببەت يورۇقلۇق ئەلچىسى ، بەختلىك ھاياتقا يول باشلىغۇچى .
بىراۋنىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغان بەختى ۋە خوشاللىقى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇ ئېرىشىدىغان بەخت ۋە خوشاللىق تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ . ئىز تورى www.iz.la
خوشاللىققا ئېرىشكەندە شادلىقتىن ئەقلىڭىز ئازمىسا ، قايغۇغا يولۇققاندا ئۈمۈد شامىڭىز ئۆچۈپ قالمىسا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن قانغۇدەك ھۇزۇر ئالالايسىز .
بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ياشىيالىشى مۇمكىن بولمىغىنىدەك ، بىر ئۆمۈر قايغۇ ئىچىدە يىغلاپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا تۇرمۇشتا ئازابقا يولۇققاندا توغرا مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك .
دوستۇم ، ئاچچىق قىسمەتلەرنى خۇددى ئاچچىق مېغىزنى يۈتىۋەتكەنگە ئوخشاش يۈتىۋېتىڭ ، ئۇنتۇپ كېتىڭ ، ئالدىڭىزدا يەنە تاتلىق بىر مېغىز سىزنى كۈتمەكتە . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىردەملىك خوشاللىق ئۆمۈرلۈك بەختكە ۋەكىللىك قىلالمىغىنىدەك ، ۋاقىتلىق قايغۇ - ھەسرەتمۇ ئۆمۈرلۈك بەختسىزلىكنىڭ بەلگىسى ئەمەس .
