ئىز تورى www.iz.la
ئاياللارنىڭ توي قىلىشدىكى سەۋەپلەر خىلمۇخىل بۇلىدۇ ، بەزىلىرى مۇھەببەت ئۈچۈن توي قىلسا بەزىلىرى پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن توي قىلىدۇ ، بىراق توي قىلىشتىكى مەقسىدى پەقەت بىرلا يەنى بەخىتلىك ياشاشتۇر ! تۈۋەندىكىلەر بىر قىزنىڭ تويدىن كىيىنكى تەسىراتى ، قىنى نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى .
يىنىڭىزدا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتتىم ، ۋۇي! دەپ چۈچۈپ ۋاقىرىشىڭىزدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، نىمە بولدى دەپ سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا قۇلىڭىزنى مەن ياتقان تەرەپكە ئۇزىتىپ مىنى سىلاپ بىقىپ ، باركەنسىزغۇ ، دىگەندەك چوڭقۇر بىر نەپەس ئىلىۋىتىپ قايتىدىن ئۇيقىغا كەتتىڭىز ، بىز توي قىلغىلى 10 يىل بولدى ، نۇرغۇن ئىشلار ئەمدى يىڭىلىق تۇيۇلمايدىغان بۇلۇپ ، يىڭى توي قىلغان چاغدىكى ئوتلۇق نەپەسلەر ، مەنىلىك بىقىشلار ، تاتلىق قىيداشلار ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى .شىرىلداپ يامغۇر يىغىۋاتقان شۇ كىچىدە ئىللىق قۇچىقىڭىزدا تۇنۇش ھىدنى ھىدلاپ يىتىپ شۇنى ھېس قىلدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز !
ئىز تورى www.iz.la
پۇت –قۇلۇم قىش پەسلىدە دائىم مۇزدەك تۇرىدۇ ، شۇڭا سىز قۇلۇمنى قولتۇقىڭىزغا تىقىپ يىتىشقا ئادەتلەنگەن ، قاۋۇل بىلەكلىرىڭىز ئارىسىدا كۆرۈنمەيلا قالىمەن ، مۇزلاپ كىتىشىڭىزدىن قورقۇپ ئۇخلاپ قالغان چىغىڭىزدا ئاستا چىقىۋالسام ، يوقلىقىمنى بىلىپ قالغان ھامان باغرىڭىزغا تىخىمۇ چىڭ باسسىز ،رەت قىلغىلى بولمايدىغان بۇخىل كۈچ مىنى تىخىمۇ ئىللىتىۋاتقان دەقىقىلەردە شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!
ھەر قىتىم سىرتقا چىققاندا ، ئادەم كۆپ جايلارغا بارغاندا باشىقىلارنىڭ مىنى قىستاپ قويماسلىقى ئۈچۈن دائىم بىلىكىڭىزنى كەڭرەك يىيىپ ماڭا بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىسىز ، ئوغلىمىز تۇغۇلغاندىن كىيىن مىنى ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بالىنى سول قۇلىڭىز بىلەن كۈتۈرۈشكە ئادەتلەندىڭىز ، سىز بارلىكى ھەرقانداق جاي ماڭا شۇنداق بىخەتەر ۋە كۈڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ ، سىزنى قولتۇقلاپ كىتىۋاتقان ئاشۇ مىنوتتا شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر قىتىم كوماندۇرۇپكىغا چىقىپ كىتىپ ، كەچتە ماڭا تېلىفون قىلدىڭىز ، نىمە بولدىڭىز بىلمىدىم پەقەت گىپىڭىز تۈگىمىدى ، تۇنجى قىتىم سىزنى كوت-كوتتەك ھېس قىلدىم ، بىراق كىيىن خوشنامدىن ئۇقتۇم ، ئەسلىدە سىز بۇ يەردە ھاۋا بۇزۇلۇپ چاقماق چاقىدىغانلىقىنى بىلىپ قەستەن دىققىتىمنى بۇراش ئۈچۈن شۇنداق كۆپ سۆزلەپ كەتكەن ئىكەنسىز ، خوشنام سىزدىن ئۆزىگىلا دىسىڭىز بولمامدۇ ؟ دىسە ، سىز ئۇنى تېخىمۇ قورقۇپ كەتمىسۇن دىدىم ، دەپسىز . تەسىرلەنگىنىمدىن ۋۇجودۇم يىنىك تىترەپ كەتتى، مىنى سىزدەك سۈيىدىغان يەنە بىرى بولمىسا كېرەك ، شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!
قازان ساپلۇققا تىگىپ كەتكەن كۈنلەردە مىنىڭ ئەلپازىمنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاچچىقىمغا پايلىماي سىرتقا چىقىپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەپ دائىم ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ مەن بىلەن گەپ تالىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىمەن ، ھىلىمۇ ئىسىمدە قاتتىق سۇقۇشۇپ كەتكەن ھىلىقى كۈنى كۈڭلىڭىزنى قاتتىق ئاغرىتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ بىراق بوينۇم قاتتىقلىق قىلىپ قىيداپ تۇرىۋالدىم ، سىز ئاچچىقىڭىزدا مىھمانخانىغا چىقىپ يىتىۋالدىڭىز ، بىراق ئۇزاق ئۈتمەي يەنە قايتىپ كىردىڭىز،قاپاقلىرىڭىز يەنىلا تۈرۈك بولسىمۇ بىراق يەنىلا يىنىمغا قايتىپ كىردىڭىز ، ياستۇق تۇتقان ھالىتىڭىزگە قاراپ تۇرۇپ شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دائىم سىزدىن مىنى يەنە بۇرۇنقىدەك سۆيەمسىز ؟ دەپ سوراپ تۇرۇۋالسام كۆزىڭىزنىڭ قىرىدا قاراپ قۇيۇپ سۇئالىمنى جاۋاپسىز قۇيىسىز ، خوشلۇقىڭىز تۇتۇپ كەتسە قايتۇرۇپ سىزنىڭچىچۇ ؟ دەپ مەندىن سورايسىز ، شۇنىڭ بىلەن مەن يىللارنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن ، بۇ قورغاننىڭ تىمىنىڭ ئىگىزلىكىدىن ئاغرىنىپ ، مۇھەببەتلىشۋاتقان چاغلىرىمىزلا ياخشى ئىكەندۇق دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن ، ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپتىمەن، ھەر قىتىم كوماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەندە دەل سائەت 7 دە تېلىفون قىلىپ مىنى ئويغۇتۇپ قۇيدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپتىمەن،ھەر قىتىم ماشىنا بىلەن ئىشقا ماڭغىنىمدا دەل ۋاقتىدا تېنىچ ئامان بېرىۋالدىڭىزمۇ؟ دەپ تىلىفۇن قىلدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپتىمەن، بىخەستىلىك قىلىپ قاچا-قۇچىلارنى چىقىپ قويسام يۈگۈرگەنچە كىلىپ ھېچنىمە بولمىغانسىز؟ دەپ سورايدىغانلىقىزنى ئۇنتۇپتىمەن، ماڭا بەرگەنلىرىڭىزنى ئويلاۋىتىپ شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مانا ھازىرمۇ شۇنداق ، مۇشۇلارنى يىزىۋاتقىنىمدا تىلىۋىزور كۆرگەچ ئولتۇرۇپ گازىر چىقىۋاتاتتىڭىز ، يىنىمغا كىلىپ ئالقىنىڭىزدىكى بىر سىقىم گازىر مېغىزىنى ئاغزىمغا سىلىپ قويدىڭىز ، مەن خوشلۇقىمدىن سىزگە قاراپ تۇرۇپ قالسام چاققان يەڭە ، قۇلۇمدا يەنە بار دىگەندەك تەرىزدە قارىدىڭىز ، كۆزلىرىڭىزگە قارىغىنىمچە شۇنى ھېس قىلىدىم ، مىنى ئويلىغىنىمدىن بەكرەك سۆيىدىكەنسىز!
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتسىزلىكىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا بەخىت بەلكىم ئەتراپىڭىزنى ئەگىپ يۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن ، گەپ سىزنىڭ ئۇنى ھېس قىلىشىڭىزدا ! قىنى ئويلاپ بىقىڭ ، ئۇ چۇقۇم سىزنى ئويلىغىنىڭىزدىن بەكرەك سۆيىدۇ ! ئىز تورى بەك ياخشى
