app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

«گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» شىنجاڭنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ

ۋاقتى:2013-04-17 16:07مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

30 – مارت شىنجاڭدا «گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇش 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرى تاماملىنىپ، شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەر ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق بازارلار پۈتۈنلەي گازلاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ، بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، شىنجاڭ خەلقىنىڭ «شىنجاڭ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش»، «شىنجاڭنى گۈزەللەشتۈرۈش» ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 2 مىليون 360 مىڭ ئائىلىلىك تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيدۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

31– مارت قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرىدىن كەلگەن لى يىنپىڭ مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «ئەتىگەندە يان تېلېفون گېزىتىدىن بۇ خۇش خەۋەرنى كۆردۈم، ھازىر چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ يول بۆلەكلىرىگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇۋېتىپتۇ، يىل ئاخىرلىرىدا پاكىز، مەنپەئەتلىك تەبىئىي گازدىن پايدىلىنالايدىكەنمىز، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىش بوپتۇ».

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇلتۇردىن باشلاپ «كۆمۈر قالاشنى تەبىئىي گاز قالاشقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىي شەھەر خەلقى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ئىللىق قۇياش نۇرىدىن كۆپرەك بەھرىلىنىدىغان بولدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە «كۆك ئاسمان»لىق كۈن 292 كۈن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تارىخىدىكى «كۆك ئاسمان»لىق كۈن ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ رەتكە تىزغاندا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىردى. ئۈرۈمچى شەھىرى «گازلاشتۇرۇش» سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىسسىنىشتا كۆمۈر قالاشنى گاز قالاشقا ئۆزگەرتىپ، باشلامچىلىق بىلەن «گازلاشتۇرۇش دەۋرى»گە قەدەم قويدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا 2010 – يىلىدىن بۇيانقى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 3 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئاساسىي تۇرۇبا يولىنى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ %73ى تاماملاندى. قەشقەردىن پوسكامغىچە، خوتەندىن پوسكامغىچە بولغان ئىككى گاز يەتكۈزۈش غول لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى؛ يېڭىمەھەللىدىن ئاقسۇ، قەشقەرگىچە، خوتەندىن نىيەگىچە بولغان ئىككى گاز يەتكۈزۈش غول لىنىيەسى ۋە كەلپىن، مارالبېشى، تۇمشۇق، پەيزاۋاتتىن يوپۇغا، مەكىت، يەكەنگىچە بولغان بەش گاز يەتكۈزۈش تارماق لىنىيەسى ۋە 14 تۈەن – مەيداننىڭ تارماق لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ 94 ناھىيەسى (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى 75 ناھىيە تەبىئىي گاز ئىشلەتكەن، 31 ناھىيە، شەھەر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ياكى پىرىسلانغان تەبىئىي گاز ئىشلەتكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 864 ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى 85 ناھىيە بازىرى تەبىئىي گاز ئىشلەتكەن، 236 ئائىلىلىك ناھىيە بازار ئاھالىسىنىڭ گاز ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون نوپۇسىنىڭ %35 ىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تەبىئىي گاز كارخانىلىرى قۇرۇلدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

شىنجاڭ بەش يىل تىرىشىپ گازلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىندا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، بۇ يىل شىنجاڭدا «گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نى باشلاپ، بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭدا گازلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. www.iz.la

30 – مارت ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا «گازلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»نىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر گازى تۈرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈردىن توك ھاسىل قىلىش، كۆمۈرلىشىش بازىسى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى چوڭ قۇرۇقلۇق يولىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»، ئىلمىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، لايىھەنى يەنىمۇ ياخشىلىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ھەر يەرنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدە، ئالدىن پىلانلاپ، بازار ھەرىكىتى، خەلق پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. گاز باھا تولۇقلىمىسىنىڭ ئىلمىي مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، «ئىلغارلىق ئارقىلىق قالاقلىقنى، پايدا ئارقىلىق زىياننى، يېقىن ئارقىلىق يىراقنى تولۇقلاپ، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلۇق»نى ساقلاش كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى

مەنبە . جۇڭگۈ تەڭرىتاغ خەۋەر  تورى

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس