21-ئاپرېل ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرست جەمئىيىتى 1-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، 13 نەپەر كەسپىي قۇتقۇزغۇچى خادىمدىن تەشكىللەنگەن <<كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتى>>نى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن ھەمدە سىچۈەن ئۆلكىلىك قىزىل كىرست جەمئىيىتىگە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان .
www.iz.la
شىنجاڭ قىزىل كىرست جەمئىيىتى كۆك ئاسمان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 1-تارماق ئەترىتىدىكى بەش نەپەر قۇتقۇزغۇچى خادىم 21-ئاپرېل سەھەر سائەت 6:00 دە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ ، ئاپەت ئېغىر بولغان تۆت يېزىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ 10 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، شىنجاڭ قىزىل كىرست جەمئىيىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىئانە توپلاش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان .مەنبە . تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
www.iz.la
