app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

رايونىمىزغا پۈتۈن مەملىكەتتىن 2500 نەپەر كەنت كادىرى قوبۇل قىلىنىدۇ

ۋاقتى:2013-04-26 13:47مەنبە: يوللىغۇچى:غالىپجان چېكىلىشى:قىتىم
1-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون پۈتۈن مەملىكەتتىن 2500 نەپەر ئىستۇدېنت كەنت كادىرى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 1-مايدىن 30-مايغىچە تىزىملىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تورى (http://www.xjrs.gov.cn) غا چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، 1983-يىلى 31-دېكابىردىن كېيىن تۇغۇلغان 30 ياشتىن تۆۋەنلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن. يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە مەملىكەتلىك پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ھەمدە دېھقانچىلىققا ئائىت كەسپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    قوبۇل قىلىنغانلار 2014-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش توختامى ئىمزالىنىپ، كەنتلەرگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.
ياخشىكەن
(1)
33.3%
ئالقىشلايمەن
(2)
66.7%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس