app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش ئېيى›› باشلاندى

ۋاقتى:2013-04-22 17:11مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم
دېكلاماتسىيە نەق مەيدانى 
   21-ئاپرېل ، ‹‹مەدەنىيەتلىك ئۈرۈمچى قۇرۇش كىتاب ئوقۇشتىن باشلىنىدۇ ›› نى باش تېما قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2013-يىللىق ‹‹ تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش ئېيى ›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا باشلاندى .
 
  
 بۇ قېتىملىق كىتاب ئوقۇش بايرىمىنىڭ مەقسىتى : كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ، شەھەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ، شەھەر خەلقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ‹‹كىتاب ئوقۇشنى شەرەپ بىلىش ›› تەك قىممەت قارىشى ۋە ‹‹كىتاب ئوقۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ›› دەك تۇرمۇش ئۇسۇلى يېتىلدۈرۈش ، پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئويغىتىش، پۈتۈن خەلق ئۆگىنىدىغان ، ئۆمۈربويى ئۆگىنىدىغان شەھەر مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىش ، بىر خىل يۈكسەك شەھەر مەدەنىيەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ‹‹ ئوقۇش ›› ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھاسىل قىلىش ، قورشاۋ تامسىز ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش ، ‹‹كىتاب ئوقۇش ›› نى ھەر مىللەت شەھەر خەلقىنىڭ بىر خىل ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
 
   باشلاش مۇراسىمىدا ، پۈتۈن خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ تەشەببۇسنامىسى تارقىتىلىپ ، ھەر مىللەت خەلقى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىندى . مۇراسىمغا كەلگەن يۈز نەچچە كىشى ‹‹كىتاب ئوقۇغاچقا، مەن خۇشال، مەن پاراسەتلىك›› دېگەن ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەغەزگە ئىمزا قويدى. يەنە لېكسىيە سۆزلەش، دېكلاماتسىيە پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
 
   تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش ئېيى ›› پائالىيىتى 21-ئاپرېلدىن سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن، كىتاب ئوقۇش ئېيى مەزگىلىدە پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، يېزا-كەنت، ھەربىي گازارمىلاردا 170 نەچچە مەيدان سەرخىل مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
مەنبە . تەڭىرتاغ تورى
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس