1-ئاپرېل ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى 8000 نەپەر شوپۇر يېڭى خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ خىزمەتكە چۈشتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ نۆۋەت ئالماشتۇرۇلغان خىزمەت كىيىمىنىڭ رەڭگى كۆك بولۇپ ، بۇ پاكىز كۆرۈنىدىغان خىزمەت كىيىمى ئۈرۈمچىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىپ ، شوپۇرلارنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتىپ ، شوپۇرلارنىڭ شەھەر ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينىيالايدىكەن . بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى ھەربىر خادىمغا ئۈچ پەسىللىك ئالتە يۈرۈش خىزمەت كىيىمى تارقىتىپ بېرىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ، ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى شوپۇر قاتارلىق شىركەت خادىملىرىغا خىزمەت كىيىمى تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ ، لېكىن ھەربىر شىركەت تارقاتقان كىيىمنىڭ پاسونى ۋە رەڭگى ئوخشىمايدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
