app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ج خ مىنىستىرلىقى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ

ۋاقتى:2013-04-17 11:34مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

ج خ مىنىستىرلىقى ئەرزىيەت ئىشخانىسى يېقىندا تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ «مىنىستىر، كومىتېت رەھبەرلىرى پىكىر ساندۇقى»، «مەملىكەتلىك ج خ نازىرلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى پىكىر ساندۇقى»دا ئوتتۇرىغا قويغان ھەيدەش كىنىشكىسىغا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىلەر قاتارلىق قىسمەن قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ قارتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى يەنىمۇ ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. www.iz.la

تور ئابۇنىچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «شوپۇرلارنى تەربىيەلەشكە قاتناشماي شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا بىۋاسىتە قاتنىشىشقا بولامدۇ – يوق؟» دېگەن مەسىلىدە، ج خ مىنىستىرلىقى: «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ 19 – ماددىسى 2 – تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلغانلار گوۋۇيۈەن ج خ مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ ج خ ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا مۇناسىپ تۈردىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تارقىتىدۇ. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ 20 – ماددىسى 2 – تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شوپۇرلۇقنى يولدا ئۆگەنگۈچىلەر ج خ ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلىگەن لىنىيە ۋە ۋاقىتتا ئۆگىنىشى كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يولدا ھەيدەپ ئۆگەنگەندە، مەشىق ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىشى، تەربىيەچىنىڭ بىرگە مېڭىپ يېتەكلىشى بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك، شوپۇرلۇق ئوقۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەشىق ئاپتوموبىلىغا چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

www.iz.la

مەملىكىتىمىز قانۇن – نىزاملىرىدا ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشتا چوقۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىدە تەربىيەلىنىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنمىگەن، بىراق ئاپتوموبىل ھەيدەشنى يولدا ئۆگىنىدىغانلار «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 20 – ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

copyright by www.iz.la

تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ: ھەيدەش كىنىشكىسىگە ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىلەردە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتتىمۇ – قانداق؟ دېگەن گۇمانىغا قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىدە، ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش ۋە ئاپتوموبىلنى ياندىن توختىتىش تۈرىدە ئاپتوموبىلنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كونا ئۆلچەم بويىچە تەربىيەلىنىپ شوپۇرلۇقنى پۈتكۈزگەنلەر ئاپتوموبىلنى يېرىم يولدا توختىتىپ بەلگە خادىسىدىن پايدىلىنىش ۋە يادقا ئېلىۋالغان ئاپتوموبىل ھەيدەش مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا قىسمەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يېڭى ئىمتىھان تۈرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشقاندەك ھېس قىلغان

ئىز تورى www.iz.la

مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ  تورى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس