app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ

ۋاقتى:2013-04-10 12:41مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم
 9-ئاپرېل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن، 10-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسى 6 يۈەندىن 10 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، 10 يۈەنگە ئۈچ كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، تاكسى توسۇش تەس بولۇش، تاكسىلارنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپلا قالماستىن، تىجارەت كېنىشكىسى يوق قارا تاكسىلارنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىپ، قانۇنسىز يولۇچى توشۇش قىلمىشىغا ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدىكەن.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاكسىلارنىڭ باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتى 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا باشلىنىدىغان بولۇپ، تاكسىلارنىڭ باھا ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەڭشەش ۋاقتىنىڭ تەرتىپىنى ھەرقايسى ئاپتوموبىل ئەترىتى بېكىتىدىكەن، باھا ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەڭشەش خىزمىتى 25-ئاپرېل تاماملىنىدىكەن. باھا ھېسابلاش ماشىنىسى تەڭشەلمىگەن تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى يەنىلا 6 يۈەن بولىدىكەن. www.iz.la

    تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش ھەققى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، تاكسىلارغا بېرىلىدىغان تەبىئىي گاز تولۇقلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە جەمئىي 10 مىڭ 46 تاكسى بار بولۇپ، 38 تاكسى شىركىتى، 19 مىڭ 400 شوپۇر باركەن. 1998-يىلى تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەنگە 4 كىلومېتىر، 8 يۈەنگە 3 كىلومېتىر قىلىپ تەڭشەلگەن؛ 2000-يىلى 6 يۈەنگە 3 كىلومېتىر قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، بۇ باھا 12 يىلغىچە ئۆزگەرتىلمىگەن.  

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس