ساياھەتچى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەت توختامى تۈزگەندىن كېيىن، ئادەتتە توختامدا پۈتۈشكەن ۋاقىت بويىچە ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. لېكىن بەزى ساياھەتچىلەردە تاسادىپىي ئىشلار تۈپەيلىدىن، ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىگە ساياھەت راسخوتىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. كۆپ قايتۇرۇلسا، ساياھەت كوپىراتىپىغا زىيان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە كۆپ قايتۇرۇشقا قوشۇلمايدۇ. ئاز قايتۇرۇلسا، ساياھەتچى رازى بولمايدۇ، بەزىدە ساياھەتچىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، ساياھەت كوپىراتىپىغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا «توختام قانۇنى» ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ساياھەت ماجىرا دېلولىرىغا قاراپ چىقىشتا قوللىنىدىغان قانۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى ئاساس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ساياھەتچىنىڭ تاسادىپىي ئىشلار تۈپەيلىدىن ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشالماسلىقى، ئەمەلىيەتتە بۇ ساياھەتچىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدۇر. بۇنداق شارائىتتا ساياھەتچى بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. «توختام قانۇنى»نىڭ 7 - ماددىسىدا «ئالاقىدارلار توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك»، 107- ماددىسىدا «ئالاقىدار بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىش، ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك»، 113-ماددىسىدا «ئالاقىدار بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەي قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەش سوممىسى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيانغا، جۈملىدىن توختامنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەئەتكە تەڭ بولۇشى لازىم. لېكىن، توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپنىڭ توختام تۈزگەندە ئالدىن كۆرگەن ياكى ئالدىن كۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان، توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زىيىنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
ئىز تورى www.iz.la
يەنە بىر تەرەپنىڭمۇ توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. مەسىلەن، قارشى تۇرغىلى بولماسلىق سەۋەبىدىن توختامنى ئادا قىلغىلى بولمىسا، قارشى تۇرغىلى بولماسلىقنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن، قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلسا بولىدۇ. ساياھەت توختامىدا، تاسادىپىي ئىشلار تۈپەيلىدىن بىر تەرەپنىڭ توختامنى ئادا قىلماسلىقى توغرىسىدا «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ساياھەت ماجىرا دېلولىرىغا قاراپ چىقىشتا قوللىنىدىغان قانۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نىڭ 12-ماددىسىدا «ساياھەتنىڭ ئالدىدا ياكى ساياھەت جەريانىدا، ساياھەتچى ئۆزلۈكىدىن توختامنى بىكار قىلسا، ساياھەتچى ساياھەت تىجارەتچىسىدىن ساياھەت پائالىيىتى تېخى ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا ساياھەت ھەققىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى ساياھەت تىجارەتچىسى ساياھەتچىدىن مۇۋاپىق چىقىم تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ساياھەت تىجارەتچىلىرىگە نىسبەتەن تېخى ئەمەلىي ئىشلىتىلمىگەن ھەقنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. يۈز بېرىپ بولغانلىرىنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم ساياھەتچى تاسادىپىي ئىشلار سەۋەبىدىن ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشالماي، ساياھەت كوپىراتىپىدىن بارلىق راسخوتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ساياھەت كوپىراتىپى زاكاز قىلىپ بولغان ئاپتوموبىلنىڭ ئورۇن ھەققىنى قايتۇرمايدۇ، لېكىن مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، ياتاق، تاماق قاتارلىق ساياھەت كوپىراتىپىدىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلمايدىغان خىراجەتلەرنى ساياھەتچىگە قايتۇرىدۇ. ئەگەر ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ساياھەتچى توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ساياھەت كوپىراتىپى تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان ياتاق، تاماق قاتارلىق خىراجەتلەرنى ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپى «ساياھەت تىجارەتچىسى ساياھەتچىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان مۇۋاپىق ھەق« دېگەن بەلگىلىمە ۋە «توختام قانۇنى»دىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى جەھەتتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ساياھەتچىدىن بەلگىلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپى يۇقىرىقى ماددىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئادىللىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، ساياھەتچى يىقىلىپ يارىلانغانلىقتىن، ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشالمىسا، ساياھەت كوپىراتىپى ئۇنىڭدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت ساياھەت كوپىراتىپىغا ئالدىن تاپشۇرغان پۇلنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ساياھەتچىگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىش كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!