2001-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى- مەزكۇر رايوننىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بىر تارىخىي سەھىپە ياراتتى. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ كۆپ قېتىم ئۆزگىرىشىدەك ئەمەلىي سىناقنى باشتىن كەچۈرگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىق مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، ھەمكارلىق ساھەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، ھەمكارلىق قاتلىمىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ بولۇپ قالدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى›، ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى›، ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى› قاتارلىق نامەيەندە خاراكتېرلىق مۇھىم ئۈچ پارچە سىياسىي ھۆججەتنى ئىمزالاپ، ئاساسىي مەقسەت ۋە ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ ئارقىلىق تەشكىلات مېخانىزىمىنىڭ رامكا قۇرۇلمىسىنى بېكىتىپ، ‹ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈش، تېنىچلىقنى مەڭگۈ قوغداش› ئىدىيىسىنى قانۇنىي ئۇسۇل ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى قۇرۇشتا ئۈلگە بولدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتلاملىرى ئېنىق، ھەمكارلىقى ئەتراپلىق، ئەمەلىياتچان، ئوڭۇشلۇق، ئۈنۈملۈك بولغان سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي ھەمكارلىق ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ‹ئۆز-ئارا ئىشىنىدىغان، ئۆز-ئارا مەنپەئەتلىنىدىغان، باراۋەر، كېڭەشلىك، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان› ‹شاڭخەي روھى› نى يادرولۇق قىممەت سېستىمىسى قىلغان يېڭى بىخەتەرلىك قارىشى، يېڭى تەرەققىيات قارىشى، يېڭى ھەمكارلىق قارىشى، يېڭى مەدەنىيلىك قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشلىق قىلماسلىق، باشقا دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا قاراتماسلىق، شۇنداقلا سىرتقا ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تېنىچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەر ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇھىم يادرولۇق مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا قوللاشتەك ياخشى ئەنئەنىنى شەكىللەندۈردى. ئەزا دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتەك تىرىشچانلىقىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، سىرتنىڭ دەخلى قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىكنى ساقلاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مىخانىزىمىنى قۇردى. تېرورلۇققا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش مانۋېرىنى مىخانىزىملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردى، زەھەرنى مەنئىي قىلىش ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، مەخسۇس خادىملارنى تەربىيلەش ۋە ساقچى ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى، گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئالمۇتا ئاسىيا قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسى، شېنجىن سىتودىنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ‹ئۈچ خىل كۈچ› نى چۆچۈتۈپ، رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، سودا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئاچتى، سودا مەبلەغ سېلىش، قاتناش، ئېنىرگىيە، خەۋەرلىشىش، تاموژنا، سۈپەت تەكشۈرۈش، پۇل-مۇئامىلە باج، يېزا-ئىگىلىك، پەن-تېخنىكا قاتارلىق 10 ساھەدىكى 85 مۇھىم ھەمكارلىق تۈرىنى تاللاپ چىقىپ، ئوقەتچىلەر كوممېتىتى ۋە بانكىلار ئارا بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىق ئىككى چوڭ ئەلئارا ئاپپاراتنى قۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يەر شارى خاراكتىرلىق ئىقتىسادىي كىرزىسكە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك سەھنە قۇرۇپ چىقتى. 2011-يىلى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودا ئومومىي سوممىسى ۋە ئىقتىسادىي ئومومىي مىقتارىنىڭ دۇنيادا ئىگەللىگەن نىسپىتى %13 كە يەتتى. ھەر قايسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلىشى ۋە ئىچكى ئېھتىياجنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن تەرەققىيات ئىستىقبالى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىمۇ كۈندىن كۈنگە جانلاندى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە، قۇتقۇزۇش، مۇھىت ئاسراش، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردە پەيدىنپەي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كۆپ قېتىم مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى، كىنو-فىلىم بايرىمى، رەسىم ۋە ھۈنەر-سەنئەت كۆرگەزمىسى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ياشلار دوستلۇق ئۇچرىشىشى، قىشلىق لاگىر، تەربىيلەش كۇرۇسلىرى، بىرلەشمە قۇتقۇزۇش مانۋېرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، تاساددىبىي ھادىسىلەردە يارىلانغان بالىلارغا ياخشى داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈشىنىڭ ئىرادە ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاپ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى كىشلەرنىڭ قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت تورىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مۇڭغۇلىيە ، پاكىستان، ئىران ۋە ھىندىستان قاتارلىق تۆت كۆزەتكۈچى، بىلوروسسىيە ۋە سىرىلانكىدىن ئىبارەت ئىككى سۆھبەتلەشكۈچى دۆلەتنى قوبۇل قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئالاقىنى كېڭەيتىشنى ئۆمىد قىلماقتا. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
6-7-ئىيون، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 12-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى 10 يىللىق مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىق تەنتەنىلىك يىغىن ھېساپلىنىدۇ. يىغىندا ئۆتكەن 10 يىللىق تەرەققىياتتىكى مۇۋاپىقىيەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنىڭ گۈزەل كېلەچىكىگە نەزەر تاشلاندى، ئىشىنىمىزكى، بۇ تەشكىلاتنىڭ چوڭقۇر يوشۇرۇن كۈچى- يەنىمۇ قېزىپ چىقىرىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تېنىچلىقنى قوغداش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يەنىمۇ كۈچ چىقىرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى www.iz.la